پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

سېرىق پۇرچاق مىيى ماددىسى ئارىلاشتۇرۇلغان سۇت پاراشوكىنى ئىستىمال قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

نىدو ماركىلىق سۈت پاراشوكىنى ئىشلىتىش توغرىمۇ؟ (ھالالمۇ)، بىلىشىمچە ئۇنىڭغا قوشۇلغان ماددىلارنىڭ ئارىسىدا سېرىق پۇرچاق مىيى ئارىلاشمىسى بار، مەن سېرىق ماي ماددىسىنىڭ تەركىبىنى كۆپ تەكشۈردۈم، (لىيلىسىيتىن) سېرىق ماي ماددىسى يىمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىشتا ئارىلاشتۇرۇلىدىغان ماددا بولۇپ، بۇنى ئىشلىتىشتىكى مەقسەت يىمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىشتا ماي ماددىسىنىڭ سۇدىن ئايرىلىشىنى چەكلەيدۇ، ئۇ ماي ماددىسى بىرقانچە تۈرلۈك ماددىلاردىن ئېلىنىدۇ، بۇنىڭ قاتارىدىن سېرىق پۇرچاق ئۆسۈملۈكىدىن ئېلىنىدۇ، ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەپ چىقىرىلغان ماددىلارنىڭ مەنبىيىنى ئوچۇق بايان قىلىش مەسئۇلىيىتىنى شىركەت ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەگەر ئارىلاشتۇرۇلغان ماددىغا پەقەت سېرىق ماي دەپلا يېزىلغان بولسا بۇنىڭ ئەسلى مەنبىيى شەكلىك بولىدۇ، ئەمما سېرىق پۇرچاق مىيى دەپ يېزىلغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ھالال بولىدۇ. بۇ توغرىدا تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

   سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: يۇقىرىدا سوئالدا بايان قىلىنغان سۈت پاراشوكىنى ئىشلەتسە بولىدۇ، بۇ

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مۇسۇلمان كىشىنىڭ يۇقىرىدا سوئالدا بايان قىلىنغان سۈت پاراشۈكىنى ياكى ئۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا تۈرلەردىكى سۈت پاراشۈكىنى ئىستىمال قىلىشدا قىيىنچىلىق يوق، (يەنى گۇناھ بولمايدۇ) ئۇنىڭغا ئارىلاشتۇرۇلغان ماددىلارنى بىلەلمىسەك ئۇنى تەپسىلى سوراش كېرەك بولمايدۇ.

ئۇنىڭ تەركىۋىدە بىز بىلمەيدىغان ماددىلار بولۇپ قالسا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ھەققىمىزدە ھۆكۈم يوق بولۇپ، ئېنىقسىز نەرسە ھۆكۈمدە يوق نەرسىگە ئوخشايدۇ، ئەگەر يېمەكلىكنىڭ ئەھۋالىدىن تەپسىلى سوراش كېرەك بولىدىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا كاپىرلارنىڭ يىمەكلىكىدە بۇنى شەرت قىلاتتى، باشقىلارنىڭ يىمەكلىكىدىن مەنپەئەتلىنىشكە بولغان ھاجەت ئومۇم بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇنداق قىلىشقا بۇيرۇلمىدۇق، بۇنى بىلىش تەلەپ قىلمايدۇ بەلكى بۇنداق قىلىش يولغا قويۇلمىغان.

دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرىدىن: "ئىرىمچىك ياساشقا كۆنەلگۈ (سۈتنى ئۇيۇتقۇچى پىرمېنت) قاتىدىكەن، بۇ ئىرىمچىك ھالال بولامدۇ؟ چۈنكى بۇ كۆنەلگۈ شەرئى يول بىلەن ئۆلتۈرۈلمىگەن موزاي ياكى كالىلاردىن ئېلىنىدىكەن؟ دەپ سورالغاندا، ئۆلىمالار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بۇ ئىرىمچىكنى ئىستىمال قىلساڭلار بولىدۇ، ئۇنىڭغا قاتقان كۆنەلگۈنى سوراش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى مۇسۇلمانلار ساھابىلەرنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ كاپىرلارنىڭ ئىرىمچىكلىرىنى ئىستىمال قىلغان، ھازىرمۇ مۇسۇلمانلار شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار ئىرىمچىككە قاتقان كۆنەلگۈنىڭ تۈرىنى سورىمىغان". "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 22-توم 263- 264-بەت.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەسلىدە ئاللاھ تائالا زېمىندا بىز ئۈچۈن پەيدا قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھالال بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: هو الذي خلق لكم ما في الأرض جميعا تەرجىمىسى: ئاللاھ تائالا يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتى [سۈرە بەقەرە 29-ئايەت].

ئىرىمچىككە قېتىلغان ماددىنى ئۇ پاسكىنا بولغانلىقى ئۈچۈن ھارام بولىدۇ دەپ قارىغان كىشىلەردېگەن سۆزىگە دەلىل كەلتۈرۈشى كېرەك.

ئەمما قايمۇقتۇرىدىغان ۋە دېيىلگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىش پەقەت ئاساسسىز بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ. "ئوچۇق ئۇچۇرۇشۇش" ناملىق پىروگرامما 31-قىسىم 20-بەت.

ئىككىنچى: بازارلاردا سېتىلىۋاتقان سۈت پاراشوكى تۈرلىرى توغرىسىدا تارقالغان "سۈت پاراشۇكىغا ئارىلاشتۇرۇلغان ماددىلارنىڭ ئەسلى ھارام ياكى ئەسلى شەكلىك" دېگەندەك ئىغۋالارغا قارىماسلىق كېرەك، چۈنكى ئارىلاشتۇرۇلغان ماددىلارنىڭ ئەسلى مەنبىيى ئۆسۈملۈك بولىدىكەن بۇ تۈردىكى سۈتلەرنىڭ ھالال ئىكەنلىكىدە ھېچ شەك قىلىنمايدۇ.

ئەمما ئارىلاشتۇرۇلغان ماددىلارنىڭ ئەسلى مەنبىيى ھايۋانلاردىن بولۇپ قالسا، ئۇ شەرئى بوغۇزلانغان ھالال ھايۋاندىن ياكى شەرئى بوغۇزلانمىغان ھايۋاندىن ئېلىنغان بولىدۇ.

ئەگەر شەرئى يول بىلەن بوغۇزلانغان ھالال ھايۋاندىن ئېلىنغان ۋە يەرلىك خەلىق بوغۇزلىغان ئۇلاغلارنىڭ گۆشىنى يىگىلى بولىدىغان رايونلاردىن كەلتۈرۈلگەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا ھالال بولىدۇ، بۇنىڭدا ھېچ مەسىلە بولمايدۇ.

ئەمما گۆشىنى يېيىش دۇرۇس بولمايدىغان (ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ياكى باشقا شەرئى بولمىغان يوللار بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن)ھايۋانلاردىن ئېلىنغان بولسا ياكى يەرلىك خەلق بوغۇزلىغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يىگىلى بولمايدىغان رايونلاردىن كەلتۈرۈلگەن بولسا، بۇمۇ ھالال بولىدۇ، چۈنكى بۇ تۆۋەندىكى ئىككى ھالەتتىن خالى بولالمايدۇ:

-بۇ نەرسىلەر خىمىيىلىكماددىلارنى ئارىلاشتۇرۇش سەۋەبى بىلەن ئەسلى تەبىئىتىدىن ئۆزگەرتىلگەن بولىدۇ ۋە باشقا ماددىغا ئۆزگىرىدۇ.

-ياكى بۇ ماددىلار خوراپ كەتكەن، سۈت پۈراشۇكىدا ئۇنىڭ ھېچ تەسىرى قالمىغان بولىدۇ.

بىز ئىلگىرى (لىليستين ۋە كولىستۇرۇل) ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئەسلى پاكىزە بولمىغان نەرسىلەردىن چىقىرىلغان ماددىلارنى يىمەكلىك ۋە دورىلاردا ئىشلىتىشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى توغرىسىدا جاۋاپ بەرگەن ئىدۇق، يەنىبەك ئاز مىقداردا ئارىلاشتۇرغاندا، بۇ ماددىلار باشقا پاكىزە (ھالال) ماددىلارغا سېڭىپ كەتكەندە بۇنى ئىستىمال قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. 

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى