جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئۆزىگە روزىنىڭ پەرز بولغانلىقىنى بىلمەي روزا تۇتمىغان بولسا، ئۇ كىشىگە تۇتمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولامدۇ؟

سۇئال

ماڭا رامىزان روزىسىنى تۇتۇش پەرز بولغان دەسلەپكى رامىزان ئېيىدا مەن ئۆزۈمگە روزا تۇتۇشنىڭ پەرىز بولغانلىقىنى بىلمەستىن روزا تۇتماپتىمەن، لېكىن مەن رامىزاننىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى ئۆزۈمگە روزىنىڭ پەرز بولغانلىقىنى بىلدىم، مەن پاك بولغان ۋاقىتتا رامىزاندىن تۆت كۈن قالغان بولۇپ، مەن ئۆزۈمنى كېسەل بولۇپ قالغان ئوخشايمەن دەپ قالغان كۈندىمۇ روزا تۇتمىدىم، مەن ئاللاھدىن قورقىمەن، ماڭا بىر ئاي تولۇق روزا تۇتۇش كېرەك بولامدۇ ياكى پىدىيە(كاپارەت) بېرىمەنمۇ؟ مەن ئۆزۈمنىڭ زادى قانچە كۈن روزا تۇتالمىغانلىقىمنى ئېنىق بىلمەيمەن، شۇنىڭدەك مەن ئۆزۈمگە روزا پەرز بولغان يىلى نامازمۇ ئوقۇمىدىم، چۈنكى مەن بۇنى ئۇ ۋاقىتتا بىلمەيتتىم، مۇشۇ قالغان نامازلارنىڭمۇ قازاسىنى قىلىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   سىز ئۈچۈن ئادەت كۆرۈپ قالغان ۋاقتىڭىزدا بولسۇن ياكى باشقا ئايلاردا بولسۇن رامىزان روزىسىدىن تەرك قىلغان كۈنلەرنىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ، سىز قانچە كۈنلۈك  روزا بارلىقىنى بىلمىسىڭىز، ئۇنى توغرا ھېسابلاشتا تىرىشچانلىق قىلىڭ، كۆڭلىڭىزدە مەن ئۈستۈمدىكى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان روزىنى تۇتۇپ بولدۇم دېگەن ئۇقۇم كۈچەيگەندە سىز قازا روزىلىرىڭىزنى ئادا قىلغان بولىسىز.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سىز ھازىر ماڭا رامىزان روزىسىنى تۇتۇش پەرز بولمىدى دەپ (يەنى بالاغەتكە يەتمىدىم) ئويلاپ بىلمەسلىكتىن روزا تۇتمىغان بولسىڭىز، (قىز بالا گەرچە كىچىك بولسىمۇ تۇنجى قېتىم ئادەت كۆرۈش بىلەن بالاغەتكە يېتىدۇ) ئون بەش ياشقا تولۇق كىرگەندە بالاغەتكە يېتىدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ، سىز بالاغەتكە يەتكەندىن باشلاپ تەرك قىلغان روزىلارنى تۇتىشىڭىز زۆرۈر بولىدۇ، چۈنكى پەرىز ئەمەللەر بىلمەسلىك سەۋەبىدىن قالدۇرۇلمايدۇ.

    كېچىك تۇرۇپ ئادەت كۆرۈپ قالغان كۆپچىلىك قىزلار مۇشۇ مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئادەت كۆرۈپ بالاغەتكە يەتكەنلىكىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە بىلدۈرۈشتىن خىجىل بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن روزا تۇتمايدۇ، بەزىلىرى بىلمەسلىكتىن ئائىلىسىدىكىلەردىن خىجىل بولۇپ ئادەت كۆرۈپ قالغان بولسىمۇ روزا تۇتىدۇ.

     بىز بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىنمۇ روزا تۇتمىغان قىزلارغا: سىلەر بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىنمۇ تۇتمىغان روزىلارنىڭ قازاسىنى قىلىشىڭلار كېرەك دەيمىز.

    ئادەت كۆرۈپ قالسىمۇ بىلمەي روزا تۇتقانلارغا: سىلەر ئادەت كۆرۈپ قالغاندا تۇتقان روزاڭلارنىڭ قازاسىنى قىلىڭلار دەيمىز، چۈنكى ئادەت كۆرۈپ قالغاندا روزا تۇتۇش توغرا بولمايدۇ". [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ "نۇرۇن ئەلەددەربى"پەتىۋالىرى 11-توم 2-بەت].

     ناماز مەسىلىسىگە كەلسەك: سىز نەپلە نامازلارنى كۆپ ئوقۇڭ، چۈنكى نەپلە نامازلار پەرز نامازلارنىڭ كەم قالغان قىسمىنى تولۇقلايدۇ.

   ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ئىنساننىڭ قىيامەت كۈنىدە تۇنجى قېتىم ھېساب بېرىدىغان ئەمىلى نامازدۇر، نامازنىڭ ھېسابى توغرا بولسا، ئۇتۇق قازىنىدۇ ۋە نىجات تاپىدۇ، نامازنىڭ ھېسابى توغرا بولمىسا، خار بولىدۇ ۋە زىيان تارتىدۇ، پەرز ئەمەللىرىدىن بىرەر نەرسە كەم بولۇپ قالسا، ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە: بەندەمنىڭ نەپلە ئەمەللىرى بارمۇ قاراپ بېقىڭلار،  ئەگەر نەپلە ئەمەللىرى بولسا پەرزنىڭ كەم قالغان قىسمىنى تولۇقلاڭلار دەيدۇ، ئاندىن باشقا ئەمەللەرمۇ ئاشۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى413-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى