256989: بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ئېھرام كېيىش ھەجنىڭ ۋاجىپلىرىدىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا


مەن ئاتا-ئانامنى ئائىلە زىيارىتى بىلەن ھەج قىلىش نىيىتىدە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەكەلدىم، ئۇ ئىككەيلەن شەۋۋال ئېيىدا خۇرتۇمدىن مەدىنىگە كىلىپ تۇردى، زۇلقەئدە ئېيى كىرگەندە ئېھرامسىز مەككىگە كىرىپ مەن دەمامدىن ئېھرامسىز كەلگەنگە قەدەر مەككىدە تۇردى، مەن ئۇلار بىلەن مەككىدە زۇلھەججىنىڭ يەتتىنچى كۈنىگىچە ئۈچ كۈن بىرگە تۇردۇم، ئاندىن بىز ھەرەمگە كېلىپ يالغۇز ھەجنى نىيەت قىلىپ ئېھرام كېيدۇق ۋە كىلىش تاۋاپىنى قىلدۇق، ھەج ئۈچۈن ساپا-مەرۋە قىلدۇق، زۇل ھەججىنىڭ سەككىزىنچى كۈنى مىناغا باردۇق، مىنادا ئەتتىگەن سائەت بىرگىچە تۇرۇپ، سائەت ئۈچ بىلەن ئەرەپاتتا باردۇق، دادامنىڭ پۇتى ئاغرىيتتى، چاقلىق ئورۇندۇق ياكى ھارۋا بولمىسا ماڭالمايتتى، ناماز شامدىن كېيىن ئەرەپاتتىن ياندۇق، كەچ سائەت توققۇزدا مۇزدەلىفىدىكى مەسچىتكە يىتىپ كەلدۇق، ئاندىن ئەتتىگەن سائەت ئىككىدە مىناغا ماڭدۇق، بامدات نامىزىنى مىنادا ئوقۇدۇق، ئەتتىگەن سائەت ئالتىدە شەيتانغا تاش ئاتتۇق، ئاندىن ئاتا-ئانام ۋە مەن قۇربانلىق ھەدىيەنىڭ پۇلىنى تۆلىدۇق، ئاندىن چېچىمىزنى ئالدۇرۇپ ئېھرامدىن چىقتۇق، زۇلھەججىنىڭ ئون بىرىنچى كۈنى ئەتتىگەن سائەت ئوندا ئۈچ شەيتانغا تاش ئاتتۇق، پەرىز تاۋاپنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككىگە باردۇق، ئون ئىككىنچى كۈنى ئەتتىگەن سائەت ئىككىدە مىنادىن شەيتانغا تاش ئاتقىلى باردۇق، بىز ئالدىرايدىغان بولغاچقا تاشنى ئېتىپ مىنادىن مەككىگە كىردۇق، ۋىدا تاۋاپىنى قىلىپ جىددىگە باردۇق، جىددەدىن ئەتىسى دەممامغا كەلدۇق، ھەج پائالىيىتىنى جەريانىدا دادام، ئانام ياكى مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمدا بىرەر ئىش چالا قاپتىمۇ؟ ئەگەر قالغان بولسا بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك ؟

Published Date: 2017-07-24

   جاۋاپ:

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   ئاتا-ئانىڭىز ھەج قىلىش نىيىتى بىلەن خۇرتۇمدىن كىلىپ يەنە شۇ نىيەت بىلەن مەدىنىدىن مەككىگە كىرگەنلىكى ئۈچۈن مەدىنىدىن كەلگەندە زۇلھۇلەيپىدە ئېھرام كېيىپ كېلىشى كېرەك ئىدى، ئۇلارنىڭ مەككىدىن ئېھرامغا كىرىشى توغرا ئەمەس.  شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن قوي ئۆلتۈرۈپ مەككىنىڭ كەمبەغەللىرىگە تارقىتىپ بېرىش كېرەك بولىدۇ، شۇنىڭدەك سىزمۇ دەممامدىن ھەج قىلىش نىيىتى بىلەن ئېھرامسىز كەلگەن بولسىڭىز سىزگىمۇ ئۇلارغا ئوخشاش جازا كېلىدۇ.

   كۆپچىلىك پىقھى ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا كۈن قايرىلىشتىن يەنى پىشېننىڭ ۋاقتى كېرىشتىن ئىلگىرى تاش ئېتىش توغرا بولمايدۇ، سەھى ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ پېشىندىن كېيىن تاش ئاتقان، ۋە كىشىلەرگىمۇ: «ھەج پائالىيەتلىرىڭلارنى مەندىن ئۈگۈنۈڭلار» دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 1297-ھەدىس].

   سىلەر كۈن قايرىلىشتىن بۇرۇن تاش ئېتىپسىلەر، سىلەرنىڭ تاشنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئاتمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھەر بىرىڭلارغا يەنە بىردىن قوي جازا كېلىدۇ.

   شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھېيت كۈنىدىن باشقا كۈنلەردە كۈن قايرىلىشتىن ئىلگىرى تاش ئېتىش توغرا بولمايدۇ، ھېيت كۈنىدە توغرا بولىدۇ، ھېيتتىن كېيىنكى كۈنلەردە كۈن قايرىلىشتىن ئىلگىرى تاش ئېتىش توغرا بولمايدۇ، بۇنداق قىلىش شەرىئەتكە زىت، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ كۈن قايرىلغاندىن كېيىن تاش ئاتقان، ۋە: «ھەج پائالىيەتلىرىڭلارنى مەندىن ئۈگۈنۈڭلار» دېگەن، ساھابىلارمۇ شۇنداق قىلغان. ئىبادەت دېگەن كۆز قاراش بىلەن ئەمەس بەلكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بەلگىلەپ بېرىشى بىلەن بولىدۇ.

كۈن قايرىلىشتىن بۇرۇن تاش ئېتىش توغرا بولمايدۇ، ئۇنداق قىلغۇچىغا ۋاجىپنى تەرك قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بىر قوي جازا كېلىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 96095- ۋە 36436 نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىرىڭلارغا ئىككى ۋاجىپنى تەرك قىلغانلىق ئۈچۈن ئىككىدىن قوي جازا كېلىدۇ، بىرى: بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ئېھرامسىز ئۆتۈش، يەنە بىرى: تاشنى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋاقتىدىن بۇرۇن ئېتىش.

   سىلەر قۇربانلىق ھەدىيەگە پۇل تۆلىدۇق دېدىڭلار، ئەسلىدە يالغۇز ھەجگە قۇربانلىق ھەدىيە كەتمەيدۇ، ئۇ قىران بىلەن تەمەتتۇ ھەجگە ئوخشىمايدۇ.

   ئەگەر مۇشۇ قۇربانلىق پۇلىسى بىلەن چالا قويغان ۋاجىپنىڭ جازاسىنى ئۆتەشنى نىيەت قىلساڭلار، سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلاردا يەنە بىردىن قوينىڭ جازاسى قالىدۇ.

   ئەگەر ئۇنداق قىلىشنى مەقسەت قىلمىغان بولساڭلار، پۇل تۆلىگەن قۇربانلىق نەپلە بولىدۇ، سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلاردا ئىككىدىن جازا قويى قالىدۇ، بارلىق ئىبادەتلەردە نىيەت شەرت بولغانغاندەك كاپارەتتىمۇ نىيەت شەرت بولىدۇ.

   ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كاپارەتتە نىيەت شەرت قىلىنىدۇ، مەلۇم بىر ۋاجىپنى بەلگىلەش شەرت ئەمەس، پەقەت كاپارەتنى نىيەت قىلسا كۇپايە، چۈنكى كاپارەت دېگەن پەقەت ۋاجىپ ئۈچۈن بولىدۇ". "روۋزەتۇل تالىبىين"8-توم 279-بەت.

   ئىبنى نۇجەيم ھەنەپىنىڭ: "ئەلئەشباھ ۋەننەزائىر" ناملىق ئەسىرىنىڭ شەرھىسى: "غەمزى ئۇيۇنۇل بەسائىر" ناملىق ئەسەر 1-توم 73-بەتتە: "قۇل ئازات قىلىش ياكى روزا تۇتۇش  ياكى يېمەك بېرىش قاتارلىق كاپارەتلەرنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن نىيەت شەرتتۇر" دېيىلگەن.

   "بەزدەۋىينىڭ شەرھىسى بولغان ئەل كاپى" ناملىق ئەسەر 3-توم 1066-بەتتە: "كاپارەت دېگەن ئىبادەت مەنىسىدىن خالى بولمايدىغان جازادۇر".

   ئىبادەتنىڭ مەنىسى: ئاللاھغا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئادا قىلىنىدىغان نەرسىدۇر، ئۇ روزىدىن ئىبارەت بولۇپ ئۇنىڭدا نىيەت شەرت قىلىنىدۇ.

   شەكلىك ئىشلاردىمۇ ياكى جىنايەت سادىر قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن تائەت-ئىبادەت قىلىش زۆرۈر بولسا، ئاشۇ جىنايەتنى ئۆچۈرىدىغان ۋە توسىدىغان پەردە بولىشى ئۈچۈن كاپارەت زۆرۈر بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە: «يامانلىققا ئەگەشتۈرۈپ ياخشىلىق قىلىڭلار، ئۇ يامانلىقنى ئۆچۈرىدۇ» دېگەن.

   ئەمما جازالاشنىڭ مەنىسى: جىنايەتنىڭ بەدىلىگە چەكلەش ئۈچۈن جازا بېرىش زۆرۈر بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.

   ئىززىددىن ئابدۇسسالامنىڭ :"قاۋائىدۇل ئەھكام"ناملىق ئەسىرى 1-توم 178-بەتكە، سۇلايمان ئەشقەرنىڭ:"مەقاسىدۇل مۇكەللەفىين"ناملىق ئەسىرى 333-بەتكە قارالسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى
Create Comments