جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئۆتكەن يىللارنىڭ زاكىتىنىڭ قازاسىنى ئادا قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

ئىسلامنىڭ توغرا يولىدىن يېراقلىشىپ كەتكەنلىكىم سەۋەبىدىن ئۆتكەن بىر قانچە يىللىق زاكاتنى ئادا قىلمىغان ئىدىم، ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن، ئۆتكەن يىلى قايتىدىن ئىسلامغا قايتتىم، پۇل تاپتىم، ئەگەر مۇمكىن بولسا ئۆتكەن يىللاردىكى ئىشلىرىمنى ئىسلاھ قىلىپ قالغان زاكاتنى ئادا قىلىشنى مەقسەت قىلىمەن؟، ئۆتكەن يىللاردا مەن قەرىزدار بولۇپ قالغان ئىدىم، ھازىرغىچە ئادا قىلىپ بولالمىدىم، ئۆتكەن يىللارنىڭ زاكىتىنى قانداق ئادا قىلىمەن؟، بۇ مەندىن قوبۇل قىلىنامدۇ؟چۈنكى مەن ئۆتكەن يىللاردا ئادا قىلمىغان ئىدىم، ھازىر قەرىزنىمۇ ئادا قىلىپ زاكات بەرگۈدەك شارائىتىم بار؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     سىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدە-سانا ئېيتىمىز، ئاللاھ تائالادىن سىزنى توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلىشىنى سورايمىز، شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئاللاھ تائالا كەچۈرۈم قىلغۇچى، مېھرىباندۇر، ئاللاھ تائالا مەخۇلۇقتىن بىھاجەت تۇرۇقلۇقمۇ  بەندىسىنىڭ تەۋبىسىدىن خۇرسەن بولغۇچىدۇر، ئاللاھ تائالادىن ئۆز پەزلى-رەھمىتىنى سىزگە زىيادە قىلىپ بېرىشنى سورايمىز.

     سىز ئۆتكەن يىللاردىكى قەرزنى چېقىرۋىتىپ قالغان پۇللارنىڭ زاكىتىنى تولۇق ئايرىشىڭىز كېرەك، سىز ھەر يىلدا مۇنچىلىك پۇل بار دەپ بىكىتسىڭىز شۇ پۇلنىڭ زاكىتىنى ئايرىسىز، ئەگەر قانچىلىك ئىقتىساد بارلىقىنى ئېنىق بىلەلمىسىڭىز، ئۆزىڭىز تاللاپ ئىقتىسادنىڭ مىقدارىنى بىكىتسىڭىز بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: بىر كىشى بەش يىللىق زاكاتنى ئادا قىلىشقا سەل قاراپتۇ، ھازىر تەۋبە قىپتۇ، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان تەۋبىسى، ئادا قىلمىغان زاكاتنى چۈشۈرۋېتەمدۇ؟، ئەگەر زاكاتنى چۈشۈرۋەتمىسە، ئۇ كىشى قانداق قىلىدۇ؟، مال ئون مىڭ رىيالدىن كۆپ ئىكەن، ئۇ كىشى ھازىر ئۇ مالنىڭ مىقدارىنى ئېنىق بىلمەيدىكەن؟دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دېگەن: "زاكات بولسا ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئىبادەت ۋە پېقىر-مىسكىنلەرنىڭ ھەققى، ئىنسان سەل قاراپ ئۇنى ئادا قىلمايدىكەن، ئۇ كىشى ئىككى ھەقنى ئاياغ-ئاستى قىلغان بولىدۇ،  بىرى ئاللاھنىڭ ھەققى، يەنە بىرى پېقىر-مىسكىنلەرنىڭ ۋە ئۇلاردىن باشقا زاكاتقا ھەقلىق بولغانلارنىڭ ھەققىدۇر، بەش يىلدىن كېيىن تەۋبە قىلغان بولسا-سوئالدا بايان قىلىنغاندەك- ئۇ كىشىدىن ئاللاھنىڭ ھەققى چۈشۈپ كېتىدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَهُوَ الَّذِي يَقْبَلُ التَّوْبَةَ عَنْ عِبَادِهِ وَيَعْفُو عَنِ السَّيِّئَاتِ وَيَعْلَمُ مَا تَفْعَلُونَ تەرجىمىسى: ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبىنى قوبۇل قىلىدۇ، يامان ئىشلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ [سۈرە شۇرا 25-ئايەت].

    ئىككىنچى ھەق زىممىسىدە قالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ زاكاتقا ھەقلىق بولغان پېقىر-مىسكىن، كەمبەغەللەرنىڭ ھەققىدۇر، ئۇ كىشىنىڭ بەرمىگەن زاكاتنى زاكاتقا ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىشى زۆرۈر بولىدۇ، ئەگەر ھەقىقى تەۋبە قىلغان بولسا بەلكى زاكاتنى ئادا قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ پەزلى-رەھمىتى كەڭرىدۇر.

    ئەمما زاكاتنى بەلگىلەشتە، ئۆزى ئادا قىلىشقا قادىر بولالايدىغان مىقدارنى بېكىتىش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالانى ئىنساننى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرىمايدۇ. مەسىلەن: ئون مىڭ رىيال بولسا، ئۇنىڭغا بىر يىلدا ئىككى يۈز ئەللىك رىيال زاكات كېلىدۇ، يىللىق چېقىرىدىغان زاكاتنىڭ مىقدارى ئىككى يۈز ئەللىك رىيال بولسا، ئۆتكەن ھەر بىر يىل ئۈچۈن ئىككى يۈز ئەللىك رىيالدىن ھېسابلاپ زاكات بېرىدۇ، ئەگەر بەزى يىللىرى ئون مىڭدىن ئارتۇق بولسا ئارتۇقىغا قېتىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېمىيىپ كەتسە كېمەيگەن مىقدارنىڭ زاكىتى چۈشۈپ كېتىدۇ". [" ئوچۇق سۆھبەت" پروگراممىسى 12-ئۇچرىشىش 494-سوئال].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى