شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ئوغۇرلۇق ھاياتىدا ئۆسۈپ يېتىلدىم، ناماز، روزىلارنى تەرك قىلدىم، تەۋبە قېلىشنى مەقسەت قىلىمەن

265117

تارقاتقان ۋاقىت : 25-09-2018

كۆرگۈچىلەر : 2153

سۇئال

ئىسمىمنى بىلگەندىن بېرى ئوغۇرلۇق ھاياتىدا ئۆسۈپ يېتىلدىم، بۇ قىلمىشىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، بەزى كۈنلىرى تۇرۇپلا ئوغۇرلۇق قىلمايمەن، ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىمەن، لېكىن يەنە ئوغۇرلۇقنى تەكرار قېلىمەن، مۇشۇ سەۋەپتىنمۇ ئايالىم ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئارىمىزدا نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىك پەيدا بولدى، ئاشۇ ۋاقىتتا مەن بۇندىن كېيىن ھەرگىز ئوغۇرلۇق قىلماسلىق قارارىغا كەلدىم، بىر يىلغا يېقىن ئوقۇرلۇق قىلمىدىم، ئۇنىڭدىن كېيىن يېڭىدىن يەنە ئوغۇرلۇق قېلىشنى باشلىدىم، دەسلەپتە ئاددى نەرسىلەرنى ئوغۇرلۇدۇم، بارغەنچە تەرەققى قىلىپ چوڭ نەرسىلەرنى ئوغۇرلاشقا باشلىدىم، مەن ئۆزۈمنى بۇ ئىشتىن قانداق توختىتىشنى بىلمەيمەن، تەسىرلىك ۋەز-نەسىھەتلەرنى ئاڭلىدىم، ھەممە نەرسىنى تەجرىبە قىلىپ باقتىم، مەن سىيا قەلەم، پارچە پۇل، مېۋە سۈيى ۋە شوكۇلاتا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئوغۇرلىغانلىقىمنى ئېسىمگە ئالالمايمەن، ئەمما يولدۇشۇمنىڭ پۇل قاپچۇقىدىن، يېقىن دوستۇمنىڭ پۇل قاپچۇقىدىن، ئانامنىڭ ۋە دادامنىڭ يېنىدىن پۇل ئوغۇرلىغانلىقىم ئېسىمدە، ھەتتا مەن نامازمۇ ئوقۇمايتتىم، رامىزاندا روزىمۇ تۇتمايتتىم، قانچە قېتىم روزامنى بۇزىۋەتكەنلىكىمنى بىلمەيمەن ھەم ساناپ بېرەلمەيمەن، سۇئالىم: مەن كاپىر بولۇپ كەتتىممۇ؟ مېنىڭ خاتالىقىم كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئاللاھ تائالاغا يېقىن بەندە بولالايمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سىز سوئالدا ئۆزىڭىز قىلغان نۇرغۇن چەكلەنگەن ئىشلارنى زىكىر قىلدىڭىز، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ بولغىنى نامازنى تەرك قىلىش، پىقھى ئۆلىمالىرىنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا، نامازنى پۈتۈنلەي تەرك قىلىش كۇپۇرلۇقتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ 5208- نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ.

   ئوغۇرلۇق چوڭ گۇناھلارنىڭ جۈملىسىدندۇر، شۇنىڭدەك روزا تۇتماسلىق ياكى شەرئى سەۋەپسىز قەستەن روزىنى بۇزىۋېتىشمۇ چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. سىزنىڭ ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەۋبە قىلىپ، نامازلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىپ، رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ، ئوغۇرلۇقتىن دەرھال قول ئۈزۈشىڭىز زۆرۈر بولىدۇ.

   سىز ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەۋبە قىلىپ، ئىلگىركى بارلىق مۇنكەر ئىشلاردىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈش ئىرادىسىگە كەلسىڭىز، ئاللاھ خالىسا بۇ ئىشلار ناھايتى ئاسان بولىدۇ.

     سىزنىڭ يامان ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ تەۋبە قىلىشىڭىزغا ياردىمى بولىدىغان ئىشلار:

   1-شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلغۇچىلارنى، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ ئۆزىگە يۈزلەنگۈچىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، بەندىلىرىنى تەۋبە قىلىشقا چاقىرىدۇ، بۇ توغىردا مۇنداق دەيدۇ: وَتُوبُوا إِلَى اللَّهِ جَمِيعًا أَيُّهَ الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار. [سۈرە نۇر 31-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەزلى-ئېھسانى بىلەن تەۋبە قىلغۇچىنىڭ خاتالىقلىرىنى ياخشىلىققا تېگىشىپ بېرىدۇ، بۇ توغىردا مۇنداق دەيدۇ: وَالَّذِينَ لا يَدْعُونَ مَعَ اللَّهِ إِلَهاً آخَرَ وَلا يَقْتُلُونَ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ إِلَّا بِالْحَقِّ وَلا يَزْنُونَ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَلِكَ يَلْقَ أَثَاماً يُضَاعَفْ لَهُ الْعَذَابُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَيَخْلُدْ فِيهِ مُهَاناً إِلَّا مَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ عَمَلاً صَالِحاً فَأُولَئِكَ يُبَدِّلُ اللَّهُ سَيِّئَاتِهِمْ حَسَنَاتٍ وَكَانَ اللَّهُ غَفُوراً رَحِيماً تەرجىمىسى:ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ (گۇناھلار) نى قىلىدىكەن، (ئاخىرەتتە) ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ،قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ، پەقەت (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) (بۇ دۇنيادىكى چېغىدا) تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر. [سۈرە پۇرقان 68-70-ئايەت].

  تەۋبە قىلىشقا ئىككىلىنىپ قالماڭ، گۇناھنىڭ كاتتىلىقىدىن قايغۇرماڭ، ئاللاھ تائالاغا نىسبەتەن گۇناھنىڭ كاتتىسى بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا كەچۈرۈم قىلغۇچى، مېھرىبان، تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچى، كۇپىر ۋە شېرىكتىن باشقا بارلىق چوڭ-كېچىك، ئاز-كۆپ گۇناھلارنىڭ ھەممىسىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.

   2-ئاللاھ تائالانىڭ سىزنى ۋاپات تاپتۇرماستىن ھەتتا تەۋبە قىلىۋېلىشىڭىزغا پۇرسەت بېرىپ ھازىرغىچە ھايات قويغانلىقىدىن ئىبارەت بۈيۈك نېمىتىگە قاراڭ، تەۋبە قىلىشقا ۋە ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىشقا ئالدىراڭ.

   3-سىز گۇناھ-مەسىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ ناچارلىقىغا ۋە ئۇنىڭ تەرەپلىرىنىڭمۇ ناچارلىقىغا قاراڭ، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ نېمەتلىرىگە تۈزكورلۇق قىلىش، ياخشىلىققا ئاسىيلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇشتۇر، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىدىن يېراق بولغان، گۇناھ-مەسىيەتكە چۆمۈپ كېتىۋاتقان ھالەتتە كۆرگەن مۆمىنە بەندىسىدىن قانداقمۇ رازى بولىدۇ؟!

   4-سىز ياخشى، سالىھ دوستلارنى ئىزدەڭ، ۋاختىڭىزنى تائەت-ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلىڭ، ئىنسانغا ناچار دوست، بىكارچىلىق ۋە ۋاقىتنى زايە قېلىۋىتىشتىنمۇ زېيانلىقراق بىر نەرسە تىپىلمايدۇ.

   5-ئاللاھ تائالاغا كۆپ دۇئا قىلىپ، ئاللاھ تائالادىن سىزنى توغرا يولغا باشلاشنى، قەلبىڭىزنى ھەق تەرەپكە ئېچىۋىتىشنى ۋە تائەت-ئىبادەتتە مۇستەھكەم قىلىشنى سوراڭ.

    شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، سىزگە ئىلگىرى ئوقۇيالمىغان ناماز ۋە تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، لېكىن نەپلە ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىشىڭىش كېرەك.

    ئەمما ئوغۇرلىغان ماللارنى قادىر بولالىغىنىڭىزچە ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا تېرىشىڭ، بۇ توغرىدا ھېچ كىشىگە خەۋەر قىلماستىن مۇمكىن بولىدىغان ئاماللار بىلەن قايتۇرۇڭ. ئەگەر ئۇنداق قىلىشقا قادىر بولالمىسىڭىز ياكى سىزدە باشقىلارنىڭ قەرزى بولسا، سىز ئۇنى ئادا قىلىپ بولۇشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولۇپ كەتسىڭىز، سىزنىڭ قىلغان سەمىمى تەۋبىڭىز بىلەن ئاللاھ تائالا سىزنى ئەپۇ قىلىپ، قەرز ئىگىلىرىگە ئۆز پەزلىدىن بىر نەرسە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىڭ.

    كېچىك ۋاختىڭىزدىن باشلاپ بۇ قېيىنچىلىقلار كۆڭلىڭىزدە بىخسۈرۈپ، يىلتىز تارتىپ كەتكەن بولسا، بىز سىزنى ئىشەنچىلىك دوختۇرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۆزىڭىزنى تەكشۈرتۈپ، بۇ قېيىنچىلىقىڭىزنى ئىلىم-مەرىپەت ياكى ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ياكى مىللىچە ۋە غەرپچە ئۇسۇللار بىلەن داۋالاش كېرەكمۇ، شۇنى بېلىشكە تەۋسىيە قىلىمىز.

ئاللاھ تائالادىن سىزنى ئەپۇ قىلىشنى، خاتالىقىڭىزنى ئۆتىۋېتىشنى، ئەھۋالىڭىزنى ئىسلاھ قىلىشنى، سىزگە تائەت-ئىبادەتتە ياردەم بېرىشنى سورايمىز.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى