جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

خاتالىشىپ تاشنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن ئاتقان كىشى توغرىسىدا

سۇئال

قۇربان ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى تاشنى چاشكا ۋاقتىدا ئېتىپ، كېيىن تاش ئېتىش ۋاقتىنىڭ پېشىندىن كېيىن بولىدىغانلىقىنى بىلگەن كىشى نېمە قىلىشى كېرەك؟.بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قۇربان ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى تاشنى كۈن ئېگىلىشتىن ئىلگىرى ئاتقان كىشى، شۇ كۈنى كۈن ئېگىلگەندىن كېيىن تاشنى قايتا ئاتىدۇ، ئەگەر ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ تاشنى خاتا ئاتقانلىقىنى ھېيتنىڭ ئۈچىنچى ياكى تۆتىنچى كۈنى بىلگەن بولسا، ئۈچىنچى ياكى تۆتىنچى كۈنى كۈن ئېگىلگەندىن كېيىن شۇ كۈنلۈك تاشنى ئېتىشتىن بۇرۇن ئاتىدۇ، ئەگەر تاشنى خاتا ئاتقانلىقىنى تۆتىنچى كۈنى كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن بىلگەن بولسا، تاشنى قايتا ئاتمايدۇ، ئۇ كىشىگە بىر قوي جازا كېلىدۇ، قوينى ئۆلتۈرۈپ مەككىدىكى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابى كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"11-توم 273-بەت