27075: جەننەت ۋە دوزاخنىڭ دەرىجىلىرى ۋە ئۇلاردىكى ئىش-ئەمەللەر


قانچە جەننەت ۋە دوزاخ بار ؟ ئۇلارنىڭ دەرىجىلىرى قانداق پەرقلىنىدۇ ؟ ھەر بىر دەرىجىگە ئىرىشىش ئۈچۈن نىمە قىلىش كىرەك ؟

Published Date: 2007-02-14

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
بىرىنچى :
سانىغا كەلسەك ، بىرلا جەننەت ۋە بىرلا دوزاخ بار . لىكىن ھەر بىرىدە مەرتىۋە ۋە دەرىجىلەر بار . جەننەت ھەدىيسلەردە بەزىدە كۆپلۈك ساندا ئىلىنىدۇ . بىراق بۇ بىر نەچچە تۈرلۈك جەننەتنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرمايدۇ . پەقەت ئۇنىڭ كاتتىلىقى ، ئۇنىڭدىكى دەرىجە ، مەرتىۋىلەرنىڭ ھەرخىللىقى ياكى ئۇنىڭغا كىرگەن ھەربىر كىشىنىڭ ئەجرىنىڭ كاتتىلىقىغا ئىشارەت . خۇددى ئەنەس بىن مالىكنىڭ ھەدىيسىدە كەلگەندەك ، ئۇممۇ رەبىيئى بىنت بەرا –ھارىسە بىن سۇراقەنىڭ ئانىسى پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)قېشىغا كەلدى . ۋە : " ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ، ھارىسە ھەققىدە ئېيتىپ بەرمەمسىز ؟ ئۇ بەدرى جىڭىدە بىر ئازغان ئوق تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى . ئەگەردە ئۇ جەننەتتە بولسا سەۋىر قىلىمەن ، بىراق ئۇ ئەكسىنچە بولسا ، ئۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق يىغلايمەن . " دىدى . ئۇ : « ئى ھارىسە نىڭ ئاپىسى ، جەننەتتە جەننەتلەر( باغچىلار )بار . يەنە بىر نەقىلدە : ئۇ بولسا كۆپ جەننەت(باغچا) – ھەمدە سىنىڭ ئوغلۇڭ ئەڭ يۇقۇرسى بولغان فىردەۋىسكە ئىرىشتى . » دىدى .[ بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 2809 ]
ئىككىنچى :
دوزاخنىڭ قاتلاملىرى ئۇنىڭ دۇنيادىكى كىشىرىنىڭ كاپىرلىقىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ھەرخىل بولىدۇ . مۇناپىقلار دوزاخنىڭ ئەڭ تۆۋەنكى قاتلىمىدا بولىدۇ . خۇددى ئاللاھ ئېيىتقاندەك : « مذناصعقلار حوقذم دوزاخنعث ظةث ظاستعنقع قةؤعتعضة(يةنع قةظرعضة)تاشلعنعدذ،ظذلارغا هةرضعزمذ (ظازابتعن قذتقذزعدعغان) مةدةتكار تاصالمايسةن .»
[ نىسا ( ئاياللار ) : 145 ]
ئۇنىڭ قاتلاملىرىنىڭ ئەڭ يەڭگىلى – ئاللاھ ئۇنىڭدىن ساقلىسۇن –بولسا پەيغەمبىرىمىز ئۇنى كۆرسەتكەن . نۇئىمان بىن بەشىير دىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « دوزاخ كىشىلىرىنىڭ ئەڭ يەڭگىل ئازاپلىنىدىغىنى – بىر ئادەم بولۇپ ، ئۇنىڭ ئوتتىن بىر جۈپ ئايىقى ، ۋە بىر جۈپ بوغقۇچى بولىدۇ . يەنە بىر نەقىلدە : ئىككى چوغ ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئويمىنىغا قويۇلىدۇ-دە ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مىڭىسى خۇددى چۆگۈن قاينىغاندەك قاينايدۇ . ئۇ ھىچكىم ئۆزىدىن قاتتىقراق ئازابلانغان دەپ ئويلىمايدۇ . ھالبۇكى ، ئۇ ئەڭ يەڭگىل ئازاپلىنىدىغانلارنىڭ بىرى . » [ بۇخارىي ( 6562) ، مۇسلىم ( 212) نەقىل قىلغان . ]
بىر نەقىلدە ھىلىقى ئادەم ئىنىق ئاتالغان بولۇپ ، ئۇ بولسا پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) دادا تەرەپ تاغىسى ئەبۇ تالىب بولۇپ ، ئۇ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۇنى قوغداشتا رولى بولغانلىقتىن ، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئازاپنى كىمەيتىۋەتكەن .
ئۈچۈنچى :
بىز جەننەتنىڭ سانىغا چەك بەلگىلەنگەنلىكىنى بىلمەيمىز . ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇنىڭ ھەدىيسىگە ئاساسلانغاندا ، ئۇنىڭ سانى قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ سانىغا تەڭ كىلىدۇ ، دىيلىدۇ . ئۇنىڭدا پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « قۇرئاننىڭ ھەمرىيىغا ( ئۇنى دائىم تىلاۋەت قىلغۇچى) دىيلىدۇكى : ئوقۇغىن ، خۇددى بۇدۇنيادا تىلاۋەت قىلغىنىڭدەك تىلاۋەت قىلغىن ھەمدە ئۆرلىگىن . سىنىڭ ئورنۇڭ سەن ئوقۇيدىغان ئاخىرقى ئايەتتە بولىدۇ . » [ ئۇنى ئەبۇ داۋۇد( 1464) ، تىرمىزىي( 2914) نەقىل قىلغان . ئەلبانىي سەھىيھ ئەبۇ داۋۇدتا ئۇنى سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان . ]
مۇنزىرىي« تەرغىيب»تا مۇنداق دىگەن : خەتتابىي مۇنداق دىدى : " نەقىلدە كەلدىكى ، قۇرئاندىكى ئايەتلەرنىڭ سانى بولسا ئاخرەتتە جەننەتتىكى دەرىجە ۋە مەرتىۋىلەرنىڭ سانى . ھەمدە قۇرئان ئوقۇغۇچىغا : سەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى ئوقۇغان مىقداردا دەرىجىگە ئۆرلىگىن ، دىيلىدۇ . كىمكى قۇرئاننىڭ ھەممىسىنى تىلاۋەت قىلسا ، ئۇ ئاخىرەتتە جەننەتتىكى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىگە يىتىدۇ . ھەمدە كىمكى ئۇنىڭ بىر قىسمىنى تىلاۋەت قىلسا ، ئۇ شۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئوخشاش دەرىجىگە ئۆرلەيدۇ . ھەمدە ئۇنىڭ ئەجرىنىڭ ئاخىرقى چېكى قىرائىتىنىڭ ئاخىرقى چېكىدە بولىدۇ . " [ تەرغىيب ۋە تەرھىيب ، 2 228 ]
لىكىن ئۇنىڭ بۇ سۆزىدە باشقىچە قاراشلار بار ؛ چۈنكى ھەدىيس قۇرئاننى يادقا ئالغۇچىلارنىڭ دەرىجىسى ھەققىدە ئەمەس ، ئۇلارنىڭ ئورنى ھەققىدە بولۇپ ، دەرىجە ئۇلارنىڭ بۇدۇنيادىكى تىرىشچانلىقلىرىغا قاراپ ھەرخىل بولىدۇ . شۇنىڭدەك ، كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن يۇقۇرى-تۆۋەن بولىدىغان باشقا ئىش-ئەمەللەر بار . مەسىلەن ، ساپ ئىيمان، جىھاد ۋە باشقىلار . شۇڭا بىز پۈتكۈل قۇرئاننى يادلىغۇچى مۇتلەق ھالدا جەننەتتىكى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە بولىدۇ دەپ ئېيتالمايمىز .
جەننەت دەرىجىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقۇرسى بولسا فىردەۋىس . ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « سىلەر ئاللاھتىن سورىغان چېغىڭلاردا ، ئۇنىڭدىن فىردەۋىسنى سوراڭلار . چۈنكى ئۇ جەننەتنىڭ ئوتتۇرسىدا ھەمدە جەننەتنىڭ ئەڭ يۇقۇرسى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۈستىدە مىھرىبان ئاللاھنىڭ تەختى( ئەرشى) بار ، ئۇنىڭدىن جەننەتنىڭ دەريالىرى ئىتىلىپ چىقىدۇ . » [ ئۇنى بۇخارىي( 2637) ، مۇسلىم( 2831) نەقىل قىلغان . «جەننەتنىڭ ئوتتۇرسى » نىڭ مەنىسى : ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسى . ئۇ ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىگە ئوخشايدۇ : « ۋە شۇنىڭدەك سىلەرنى ئوتتۇردىكى( ئەڭ ياخشى) ئۈممەت قىلدۇق .» [ بەقەرە( ئىنەك) : 143]
سۈننەت بىر قىسىم ئىش-ئەمەللەرنى ۋە ئۇنى قىلغۇچىلارنىڭ دەرىجىلىرىنى بايان قىلغان ، ئۇلاردىن :
1- ئاللاھ ھەققىدە ئىشىنىش ۋە ئەلچىلەرگە ئىشىنىش
ئەبۇ سەئىيد خۇدرىيدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : «جەننەت كىشىلىرى ئۈستىلىرىدىكى ياتاق-ئۆيلەردىكى كىشىلەرنى خۇددى شەرق ياكى غەرىپ ئۇپۇقىدىكى چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى كۆرۈشكىنىدەك كۆرۈشىدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىد ايۇقۇرى-تۆۋەنلىك بار . ئۇلار : " ئى ئاللاھ ئەلچىسى ، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورۇنلىرى ئۇلاردىن باشقىلار يىتەلمەيدىغان ئورۇن ، شۇنداقمۇ ؟ " دىدى . ئۇ : « ياق ، جىنىم ئۇنىڭ قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم ، ئۇلار بولسا ئاللاھ ھەققىدە ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەنگەنلەر .» [ ئۇنى بۇخارىي( 3083) ، مۇسلىم( 2831) نەقىل قىلغان . ]
2- ئاللاھ ئۈچۈن جىھاد قىلىش
ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « جەننەتتە يۈز دەرىجە بار . ئاللاھ ئۇلارنى ئاللاھ ئۈچۈن جىھاد قىلغان كىشىلەرگە تەييارلىغان . ھەر ئىككى دەرىجىنىڭ ئارىسىدىكى ئارلىق ئاسمانلار بىلەن زىمىننىڭ ئارىسىدىكى ئارلىققا تەڭ كىلىدۇ .»
[ ئۇنى بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 2637 ]
3- شەھىيدلىكنى راستچىللىق بىلەن ئارزۇ قىلغۇچى ئۇنىڭغا يىتىدۇ
سەھل بىن ھەنىيفتىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « كىمكى ئاللاھتىن راستچىللىق بىلەن شەھىيدلىكنى تىلىسە ، گەرچە ئۇ كارۋىتىدا ئۆلسىمۇ ئۇنى شەھىيدلەرنىڭ ئورنىغا يەتكۈزىدۇ .»
[ ئۇنى بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 1909 ]
4- ئاللاھ ئۈچۈن خىراجەت قىلىش
ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئۇ مۇنداق دىگەن : نامراتلار پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) قېشىغا كىلىپ مۇنداق دىدى : " باي كىشىلەر ئەڭ يۇقۇرى ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئىلىۋالدى . ئۇلار بىز ناماز ئوقۇغاندەك ناماز ئوقۇيدۇ ، بىز روزا تۇتقاندەك روزا تۇتىدۇ . لىكىن ئۇلارنىڭ ھەج قىلىدىغانغا ، جىھاد قىلىدىغانغا ۋە سەدىقە بىرىشكە ئارتۇق مال-مۈلكى بار . ..."
[ ئۇنى بۇخارىي ( 807) ، مۇسلىم ( 595) نەقىل قىلغان .]
5 – قېيىن پەيىتتە بولسىمۇ تاھارەتنى مۇۋاپىق ئىلىش ، مەسچىدكە كۆپ قەدەم ئىلىش ھەمدە نامازدىن كىيىن نامازغا ساقلاش .
ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « سىلەرگە ئاللاھ ئۇ ئارقىلىق گۇناھلارنى ئۆچۈرىدىغان ، ئورنۇڭلارنى كۆتۈرىدىغان نەرسىلەرنى ئېيتىپ بەرمەيمۇ ؟ » ئۇلار : " ھەئە ، ئى ئاللاھ ئەلچىسى . " دىدى . ئۇ : « گەرچە قېيىن پەيىتتە بولسىمۇ تاھارەتنى مۇۋاپىق ئىلىش ، مەسچىدكە كۆپ قەدەم ئىلىش ھەمدە نامازدىن كىيىن نامازغا ساقلاش . ئۇ بولسا چىگرانى قوغداش ( يەنى ، شۇنىڭغا تەڭ ) . » دىدى .
[ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 251 ]
6 – قۇرئان يادلاش
ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « قۇرئاننى ھەمراھ قىلغۇچىغا( دائىم ئوقۇپ تۇرغۇچى) : سەن خۇددى بۇدۇنيادا تىلاۋەت قىلغىنىڭدەك ، تىلاۋەت قىلغىن ۋە ئۆرلىگىن . سىنىڭ ئورنۇڭ سەن تىلاۋەت قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئايەتتە بولىدۇ ،دىيلىدۇ .» [ ئۇنى ئەبۇ داۋۇد( 1646) ، تىرمىزىي( 2914) نەقىل قىلغان ، ئەلبانىي سەھىيھ ئەبۇ داۋۇدتا سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان .]
ھېرىسمەن ئادەم ئۆزىنىڭ نەزىرىنى جەننەتتىكى ئەڭ يۇقۇرى ئورۇنغا قارىتىشى ھەمدە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشىشكە ۋە ئاللاھ ۋەدە قىلغان ئەڭ يۇقۇرى ئورۇن فىردەۋىسكە كىرىشكە كۈرەش قىلىشى كىرەك .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .

www.islamqa.com
Create Comments