سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن ھەج قىلىشنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە ھەجنىڭ تۈرلىرى

سۇئال

مەن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئۆزۈم ئۈچۈن ھەج قىلغان، بۇ يىل ۋاپات بولۇپ كەتكەن دادام ئۈچۈن ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلىمەن. سىلەرنىڭ سۈننەت بويىچە ھەج قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى يوللىرىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن. ھەجنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقلار نېمىلەردىن ئىبارەت؟. ئىنسان ئۆزى ئۈچۈن قايسى تۈردىكى ھەجنى قىلسا ئەۋزەل بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: بىز تۆۋەندە ھەج قىلغۇچىنىڭ سۈننەت بويىچە ھەج قىلىش ئۇسۇلىنى ئىخچاملاشتۇرۇپ بايان قىلىپ بېرىمىز:

1-ھەج قىلغۇچى زۇلھەججىنىڭ 8-كۈنى مەككىدىن ياكى ھەرەمگە يېقىن بولغان جايدىن ھەج ئۈچۈن ئېھرام كىيىدۇ، ئېھرام كىيىدىغان ۋاقىتتا، ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندە قىلىدىغان، يۇيۇنۇش، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش ۋە ناماز ئوقۇش قاتارلىق ئەمەللەرنى قىلىدۇ. ئېھرام كىيگەندە ھەجنى نىيەت قىلىپ تەلبىيە ئېيتىدۇ. ھەجدە تەلبىيە ئېيتىش ئۆمرىدە تەلبىيە ئېيتقانغا ئوخشاش بولۇپ پەقەت ئۆمرىنى مەقسەت قىلدىم دېگەننىڭ ئورنىغا ھەجنى مەقسەت قىلدىم دەيدۇ. كېسەللىك ياكى باشقا سەۋەبلەردىن ھەجنى تولۇق ئادا قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرىسە شەرت بىلەن ئېھرامغا كىرسە بولىدۇ. شەرت قىلغان ۋاقىتتا: ھەر قانداق بىر چەكلىمە مېنى ھەج قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىكەن شۇ جاي مېنىڭ ئېھرامدىن چىقىش ئورنۇم دەيدۇ، ئەنسىرەش بولمىسا شەرت قىلىش كېرەك ئەمەس.

2- شۇ كۈنى مىناغا چىقىپ مىنادا قونىدۇ، پېشىن، ئەسىر، شام، خۇپتەن ۋە بومدات قاتارلىق بەش ۋاقىت نامازنى مىنادا ئوقۇيدۇ.

3- زۇلھەججىنىڭ 9-كۈنى كۈن چىققاندىن كىيىن مىنادىن ئەرەپاتقا قاراپ ماڭىدۇ. ئەرەپاتتا پېشىن بىلەن ئەسىرنى پىشىننىڭ ۋاقتىدا جەملەپ ۋە قەسىر قىلىپ ئوقۇپ، كەچ كىرگىچە ئاللاھ تائالاغا كۆپ دۇئا قىلىش، ئىستىغپار ئېيتىش ئىشلىرى بىلە مەشغۇل بولىدۇ.

4-كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن ئەرەپاتتىن مۇزتەلىپىگە كىلىپلا شام بىلەن خۇپتەننى ئوقۇپ بامدات ۋاقتىغىچە ئۇ يەردە قالىدۇ. نامازدىن كىيىن كۈن چىقىشقا ئاز قالغانغا قەدەر دۇئا قىلىدۇ.

5-كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى مۇزتەلىپىدىن مېڭىپ، چوڭ شەيتانغا تاش ئىتىش ئۈچۈن مىناغا كېلىدۇ، چوڭ شەيتاننىڭ ئورنى مەككە تەرەپكە يىقىنبولۇپ، خورمىنىڭ ئۇرۇقىدەك تاشلاردىن يەتتە تاشنى ئارقا-ئارقىدىن تەكبىر ئېيتىپ چوڭ شەيتانغا ئاتىدۇ.

6-ئاندىن ھەديەنى بوغۇزلايدۇ يەنى قۇربانلىق ئۈچۈن قوي ياكى يەتتە كىشى بىر تۆگە ياكى بىر كالا بوغۇزلايدۇ.

7- ئەر كىشى چېچىنى ئالدۇرىدۇ ياكى قىسقارتىدۇ، ئايال بولسا چېچىنى ئالدۇرماستىن چېچىنىڭ ھەممە يىرىدىن بارمىقىنىڭ ئۇچى مىقدارىدا قىسقارتىدۇ.

8-ئاندىن مەككىگە كېرىپ پەرز تاۋىپنى (يەنى ھەجنىڭ تاۋىپىنى) قىلىدۇ.

9-ئاندىن مىناغا قايتىپ چىقىپ، زۇل ھەججىنىڭ 11-ۋە 12- كىچىلىرى مىنادا قونىدۇ، ھەر كۈنى كۈن ئىگىلگەندىن كىيىن ئۈچ شەيتانغا تاش ئاتىدۇ، ھەر بىر شەيتانغا ئارقا-ئارقىدىن يەتتە تالدىن تاش ئاتىدۇ، دەسلەپتە كېچىك شەيتانغا، ئۇنىڭدىن كىيىن ئوتتۇرانچى شەيتانغا، ئاخىرىدا چوڭ شەيتانغا تاش ئاتىدۇ، كېچىك ۋە ئوتتۇرانچى شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندىن كىيىن يانغا چىقىپ دۇئا قىلىدۇ، چوڭ شەيتانغا تاش ئاتقاندىن كىيىن دۇئا قىلماستىن توختىماي كېتىدۇ.

10- زۇل ھەججىنىڭ 12-كۈنى ئۈچ شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندىن كىيىن ئىختىيار قىلسا دەرھال مىنادىن قايتىپ كېتىدۇ، ئەگەر مىنادا تۇرۇپ قالسا، كېچىدە قونۇپ 13-كۈنى كۈن ئىگىلىگەندىن كىيىن ئۈچ شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندىن كىيىن قايتىدۇ. 13-كۈنىگىچە تۇرۇش ياخشى ئەمما ۋاجىپ ئەمەس. لېكىن 12-كۈنى كۈن پاتقۇچە مىنا دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمىسە ئۇ ۋاقىتتا 13-كېچىسىمۇ مىنادا تۇرۇش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەتىسى كۈن ئىگىلىگەندىن كىيىن ئۈچ شەيتانغا تاش ئېتىپ قايتىپ چۈشىدۇ. ئەمما 12-كۈنى تاش ئېتىپ بولغاندىن كىيىن قايتىپ چۈشىمەن دەپ مېڭىپ، ماشىنا كۆپ، يول قىستاڭچىلىق بولغانلىق سەۋەبىدىن كۈن پاتقۇچە مىنا دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىپ بولالمىسا ئۇ كىشىگە كېچىدە مىنادا قونۇش كېرەك بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى ئۆز ئىختىيارى بىلەن مىنادىن چۈشۈپ كېتىشنى كېچىكتۈرمىدى، بەلكى ئىختىيارسىز ھالدا شۇنداق بولدى.

11- بۇ كۈنلەر ئاخىرلىشىپ، سەپەر قىلىشنى مەقسەت قىلغاندا، كەبىگە بېرىپ خوشلىشىش تاۋىپى ئۈچۈن يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كىيىن سەپەرگە چىقىدۇ. ئەمما ئادەت كۆرۈپ قالغان ۋە نىپاسدار ئاياللارغا خوشلىشىش تاۋىپىنى قېلىش كېرەك بولمايدۇ.

12-ئەگەر ھەج قىلغۇچى نەپلە ھەج قىلىدىغان بولسا ياكى باشقىلار ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىدىغان بولسا، چوقۇم ئالدى بىلەن ئۆزى ھەج قىلىپ بولغان بولىشى كېرەك. قىلىدىغان ھەجنىڭ سۈپىتى ئوخشاش بولۇپ پەقەت ھەجنى نىيەت قىلغان ۋاقىتتا ۋاكالەتەن ھەج قىلغان كىشىنىڭ ئىسمىنى ئاتايدۇ، تەلبىيە ئېيتقاندىمۇ شۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تەلبىيە ئېيتىدۇ، پائالىيەت جەريانىدا ئۆزى ئۈچۈن ۋە ۋاكالەتەن ھەج قىلغان كىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ.

ئىككىنچى: ھەج ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ: تەمەتتۇئ، قىران ۋە ئىفرادتىن ئىبارەتتۇر.

ھەج تەمەتتۇ دېگەن: شەۋۋال، زۇلقەئدە ۋە زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدىن ئىبارەت بولغان ھەج ئايلىرىدا ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ ئېھرام كىيىدۇ، ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئېھرامدىن چىقىپ، زۇل ھەججىنىڭ 8-كۈنى مەككىدىن ياكى ھەرەمگە يىقىن جايدىن ھەج ئۈچۈن ئېھرام كىيىدۇ.

ھەج قىران دېگەن: ھەج بىلەنئۆمرىنى بىر نىيەت قىلىپ ئېھرامغا كېرىدۇ، قۇربان ھېيت كۈنى مالنى بوغۇزلاپ بولغاندىن كىيىن ئېھرامدىن چىقىدۇ، ياكى دەسلەپتە ئۆمرىنى نىيەت قىلىپ ئېھرامغا كېرىپ تاۋاپنى باشلاشتىن ئىلگىرى ھەجنى بىرگە نىيەت قىلىدۇ شۇنىڭ بىلەن قىران بولىدۇ.

ھەج ئىفراد دېگەن: سىرىتتىن كەلگەنلەر بەلگىلەنگەن ئورۇنلاردىن، مەككىدە تۇرىدىغانلار ياكى بەلگىلەنگەن ئورۇن دائىرىسى ئىچىدە تۇرىدىغان كىشىلەر ئۆزلىرى تۇرىدىغان ئورۇندىن ھەجنى نىيەت قىلىپ ئېھرامغا كېرىدۇ. ھەدىيە بولسا(قۇربانلىق قىلىدىغان بولسا)قۇربان ھېيت كۈنى مالنى بوغۇزلاپ بولغاندىن كىيىن ئېھرامدىن چىقىدۇ. قۇربانلىق قىلىدىغان مال بولمىسا، پەيغەمبەرئەكەيھىسسالام ھەدىيە ئىلىپ كەلمىگەن ساھابىلارنى بۇيرىغاندەك ھەججىنى بۇزۇپ ئۆمرىگە ئۆزگەرتىپ، تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋە قىلىپ، چاچنى قىسقارتىپ ئېھرامدىن چىقسا بولىدۇ، شۇنىڭدەك بىز يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەندەك قىران ھەجنى نىيەت قىلغان كىشىمۇ ھەدىيە ئىلىپ كەلمىگەن بولسا ھەججىنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىپ ئېھرامدىن چىقسا بولىدۇ.

ھەج تۈرلىرىنىڭ ئەۋزىلى ھەدىيە ئىلىپ كەلمىگەن كىشى ئۈچۈن ھەج تەمەتتۇئ قىلىشتۇر چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ھەدىيە ئىلىپ كەلمىگەن ساھابىلارنى ئالاھىدە تەكىتلەپ تەمەتتۇئ قىلىشقا بۇيرىغان.

سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز، ھەج-ئۆمرە ئەھكاملىرىنى تەپسىلى بىلمەكچى بولسىڭىز شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىيننىڭ "ھەج-ئۆمرە پائالىيىتى" ناملىق كىتابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ، بەلكى شەيخنىڭ تور بىتىگە كىرسىڭىزمۇ بۇنى تاپالايسىز.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى