پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

چەكلەنگەن گىلاتىن ياكى ئسپىرت ماددىلىرى بار دورىلارنى ياساش ياكى سېتىش ۋە دورىخانىدا خىزمەت قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن دورىگەر، ھازىر گېرمانىيىدە تۇرىمەن، مەن گېرمانىيىدە خىزمەت قىلىش ۋە بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالى مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىنى ئۆزگەرتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمەن، مەن مۇشۇ شەھەردە دورىخانىدا خىزمەت قىلسام قانداق بولىدۇ؟ مەن ئسپىرت ياكى چوشقىدىن چىقىرىلغان گىلاتىن ماددىسى ياكى ئىسپىرىت ئارىلاشتۇرۇلغان دورىلارنى ياساش ياكى سېتىش خىزمىتىنى قىلىمەن؟ مەن شۇنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن باشقا دورىلار بولسىلا مۇسۇلمانلارنى بۇ دورىنى سېتىۋالماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:

چوشقىدىن چىقىرىلغان گىلاتىن ماددىسى ياكى ئسپىرت ئارىلاشتۇرۇلغان ياساش ئورنىدا ئىشلەش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئسپىرت ھاراق بولۇپ، ئۇنى ئىستىمال قىلىش ۋە دورا ئورنىدا ئىشلىتىش ۋە يېمەك-ئىچمەككە ئارىلاشتۇرۇش توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇنى يوقۇتۇش كېرەك.

چوشقىدىن چىقىرىلغان نەرسە پاسكىنا-نىجىس بولۇپ، ئۇنىڭدىن يىراق بولۇش ۋە پاكلىنىش كېرەك، ئۇنى دورا ياكى يېمەك-ئىچمەككە ئارىلاشتۇرۇش توغرا بولمايدۇ.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: چەكلەنگەن-ھارام نەرسىلەر بىلەن داۋالاش ئەقىل جەھەتتىن بولسۇن ياكى شەرئى جەھەتتىن بولسۇن يىرگىنىشلىكتۇر، شەرئى جەھەتتىن يۇقىرىقى ھەدىس ۋە دەلىللەرنى بايان قىلىپ ئۆتتۇق، ئەقلى جەھەتتىن بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ نەرسىنى پاسكىنا بولغانلىقى ئۈچۈن چەكلىدى، ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىلغا پاكىزە نەرسىنىمۇ ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن چەكلىگەندەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتىگە ئۇلارنى جازالاپ پاكىزە نەرسىلەرنى چەكلىمىدى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿فَبِظُلْمٍ مِّنَ الَّذِينَ هَادُوا حَرَّمْنَا عَلَيْهِمْ طَيِّبَاتٍ أُحِلَّتْ لَهُمْ وَبِصَدِّهِمْ عَن سَبِيلِ اللَّـهِ كَثِيرًاhttp://tanzil.net/ - 4:160﴾ تەرجىمىسى: يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان ھەقسىزلىقلىرى (يەنى زۇلمى ۋە قىلغان گۇناھلىرى)، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن) توسقانلىقلىرى، چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق [سۈرە نىسا 160-ئايەت].

ئاللاھ تائالا بۇ ئۈممەتكە تەبىئىتى پاسكىنە بولغان نەرسىلەرنى چەكلىدى. ئۇ نەرسىنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن چەكلىنىشى: ئۇلارنى ھىمايە قىلىش ۋە ئۇنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلاش ئۈچۈندۇر، چەكلەنگەن نەرسىلەر بىلەن تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە شىپالىق ئىزدەش مۇناسىپ ئەمەس، چۈنكى چەكلەنگەن نەرسە بىلەن كېسەلنىڭ تەسىرىنى يوق قىلغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ پاسكىنىلىق كۈچى بىلەن قەلىبدە ئۇنىڭدىن كاتتا بولغان كېسەلنى قالدۇرىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن داۋالانغۇچى قەلىبنى كېسەل قىلىپ، بەدەننىڭ كېسەللىكنى يوق قىلىشتا تىرىشقان بولىدۇ.

يەنە: پاسكىنا نەرسىلەرنى چەكلەش ئۇنىڭدىن ھەرقانداق يول بىلەن يىراق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىش بولسا، ئۇنى ئىستىمال قىلىش ۋە ئۇنىڭغا رىغبەتلىنىش ۋە ئارىلىشىشقا قىزىقتۇرۇش بولۇپ، بۇ شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە خىلاپ.

شۇنىڭدەك: شەرىئەتتە بايان قىلغاندەك ئۇ بىر كېسەللىك، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى دورا قىلىشقا بولمايدۇ.

يەنە: ئۇ پاسكىنا تەبىئەت بىلەن پاسكىنا روھىيەتنى پەيدا قىلىدۇ، چۈنكى تەبىئەت دورىنىڭ كەيپىياتىدىن ئوچۇق تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئەگەر دورا پاسكىنا نەرسىدىن بولغان بولسا تەبىئەت ئۇنىڭدىن پاسكىنىلىقنى قوبۇل قىلىدۇ، ئەگەر دورىنىڭ ئۆزى پاسكىنا بولسا ئۇ ۋاقىتتا قانداق بولۇپ كېتىدۇ؟. شۇڭا ئاللاھ تائالا نەپسىنىڭ پاسكىنا نەرسىنىڭ ئۆزىنى ۋە سۈپىتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن بەندىلىرىگە پاسكىنا يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيملەرنى ئىستىمال قىلىشتىن چەكلىدى، "."زادىل مىئاد"4-توم 141-بەت.

دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 22-توم 106-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: ئسپىرت ياكى ھاراقتىن پايدىلىنىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟ يەنى: ئۇنى ئۆي جاھازىلىرىغا سۈركەش، داۋالاش، يېقىلغۇ، تازىلىق، ئەتىر، تازىلىق قاتارلىقلار ئىشلاردا ئىستىمال قىلىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىپ سىركە قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟.

جاۋاپ: كۆپ ئېچسە مەس قىلىدىغان نەرسە ھاراق بولۇپ، ئۇنىڭ ئېزىمۇ ۋە كۆپىمۇ ئوخشاش، ئۇ ئسپىرت دەپ ئاتالسۇن ياكى باشقا ئىسىمدا ئاتالسۇن ئوخشاش، ئۇنى تۆكۈۋېتىش كېرەك، ساقلاپ قويۇش، ئۇنىڭدىن تازىلىق، پاكىزلىق، يېقىلغۇ ياكى ئەتىرگە ئارىلاشتۇرۇش ياكى سىركىگە ئۆزگەرتىش ياكى باشقا تەرەپلەردىن پايدىلىنىش چەكلىنىدۇ.

ئەمما كۆپ ئېچسە مەس قىلمايدىغان بولسا، ئۇ ھاراق ھېسابلانمايدۇ، ئۇنى ئەتىرگە ئارىلاشتۇرۇش، جاراھەتلەرنى تازىلاش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلەتسە بولىدۇ.

ئابدۇللاھ بىن قۇئۇد... ئابدۇللاھ بىن غۇدەييان...ئابدۇراززاق ئەفىفى، ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز. تۈگىدى.

ئىككىنچى:

ئەگەر قايسى بىر ئورۇن دورىغا ئسپىرت ياكى چەكلەنگەن گىلاتىن ئارىلاشتۇرىدىكەن، بىز يۇقىردا بايان قىلغاندەك ئۇلار گۇناھكار بولىدۇ، ئاندىن دورىغا قارىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئىستىمال قىلسا مەس قىلمىغۇدەك دەرىجىدە، ئۇنىڭغا قېتىلغان نەرسىنىڭ نىسبىتى ئاز بولسا، ياكى قېتىلغان نەرسىنىڭ تەمى، رەڭگى ۋە پۇرىقىدا ھېچ قانداق تەسىرى بولمىسا، ئۇنى ئىستىمال قىلىش ۋە دورا قىلىش توغرا بولىدۇ.

دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 22-توم 297-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان:ھازىر بازارلاردا ئاز مىقداردا ئسپىرت ئارىلاشتۇرۇلغان تاتلىق-تۈرۈملەر ۋە دورىلار سېتىلىۋاتىدۇ، بۇنى ئېلىپ ئىستىمال قىلىش توغرا بولامدۇ؟ بىلىشىمىزچە ئىنسان بۇ تاتلىق-تۈرۈملەردىن گەرچە تويغۇدەك يېسىمۇ ھەرگىز مەس قىلىش دەرىجىسىگە ئېلىپ بارمايدۇ.

جاۋاپ: ئەگەر تاتلىق-تۈرۈم ياكى دورىلارنىڭ تەركىبىدە ئاز مىقداردا ئسپىرت ماددىسى بولۇپ قالسا، ئۇنىڭدىن كۆپرەك يەپ-ئىچسە مەس قىلمىسا، ئۇنى ئىستىمال قىلىش ۋە سېتىش توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ تەمى، رەڭگى ۋە پۇرىقىدا ئېسپىرىتنىڭ تەسىرى بولمايدۇ، ئۇ پاكىزە، دۇرۇس نەرسىگە ئۆزگەرگەن بولىدۇ، ئەمما مۇسۇلماننىڭ ئۇنداق نەرسىنى تەييار قىلىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ يىمەكلىكىگە قويۇشى ۋە ئۇنىڭغا ياردەملىشىشى توغرا بولمايدۇ.

ئۈچىنچى:

ئاز مىقداردا ئسپىرت ياكى چەكلەنگەن گىلاتىن ماددىسى ئارىلاشتۇرۇلغان دورىلارنى سېتىش توغرا بولىدۇ.

ئىسلام پىقھى ئاكادېميىسى، ئىسلام دۇنياسى پەتىۋا ھەيئىتى قارار چىقىرىپ، ئاز مىقداردا ئسپىرت ماددىسى ئارىلاشتۇرۇلغان دورىلارنى ئىستىمال قىلىشنى توغرا بولىدۇ دەپ قارار چىقارغان، شۇنداقتىمۇ شۈبھىلىك نەرسىلەردىن يىراق بولۇشقا ھېرىس بولۇپ، دورىلارغا ئسپىرت ماددىسىنى ئارىلاشتۇرماسلىقنى ياخشى دەپ قارىغان.

ئىسلام كونپىرانسىسىغا تەۋە بولغان ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ 23-نومۇرلۇق قارارى 11-توم 3-بەتتە، ۋاشىنگتوندىكى ئىسلام ئاقىلمەنلىرى خەلقئارالىق ئىنستىتۇتنىڭ سوئاللىرى بىلەن مۇنداق قارار ماقۇللانغان:

ئون ئىككىنچى سوئال: بۇ يەردە نۇرغۇن دورىلار 0.01%پىرسەنتتىن 25% پىرسەنتكىچە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىسپىرتنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، بۇ دورىلارنىڭ كۆپ قىسمى زۇكام دورىسى، ھۆتەل دورىسى ۋە كاناي ياللۇغى ۋە باشقا موھىم كىسەللەر دورىلىرىدىن ئىبارەت، ئسپىرت ئارىلاشتۇرۇلغان بۇ دورىلار مۇشۇ ساھەدىكى دورىلارنىڭ 95% پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، ئسپىرت ماددىسىدىن خالى بولغان دورىلارنى تېپىش بەك قېيىن ياكى يوق دىيەرلىك، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ دورىلارنى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟.

جاۋاپ: مۇسۇلمان بىمار ئۈچۈن ئىسپىرتتىن خالى دورا تېپىلمىغاندا، ئىشەنچىلىك، تەجرىبىلىك دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئسپىرت ئارىلاشتۇرۇلغان دورىلارنى ئىستىمال قىلىشى توغرا بولىدۇ. ئاكادېمىيە ژۇرنىلى 3-پەسىل، 3-سان 1087-بەت.

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقىغا تەۋە ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسى قارارىدا: ئىشەنچىلىك دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئورنىنى باشقا نەرسە باسالمايدىغان دورا سانائىتى تەلەپ قىلىدىغان ئىستىمال نىسبەتلىرى بىلەن ئسپىرت ئارىلاشتۇرۇلغان دورىلارنى ئىستىمال قىلسا بولىدۇ،- دېيىلگەن. "ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ مەككە مۇكەررەمەدىكى قارارى 341- بەت.

چەكلەنگەن گلىتسېرىن ياكى گىلاتىن ماددىلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان دورىلار توغرىسىدا (97541)- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

تۆتىنچى:

ئەگەر كۆپرەك ئىستىمال قىلسا مەس قىلىدىغان ياكى ئۆزگەرتىلمىگەن چوشقا مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان دورا بولسا، ئۇنى ئىستىمال قىلىشمۇ ۋە سېتىشمۇ توغرا بولمايدۇ. دورىخانىدا خىزمەت قىلغۇچىلار بۇنىڭ يىراق تۇرۇشى كېرەك.

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى:

ئەسلىدە دورىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ دۇرۇس بولغانلىقى ئۈچۈن دورىخانىدا خىزمەت قىلىش توغرا بولىدۇ. ئىستىمال قىلىش چەكلەنگەن دورىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولسا، ئۇنى سېتىش توغرا بولمايدۇ، چەكلەنگەن نەرسىلەرنى سېتىشتىن يىراق تۇرۇش بىلەن دورىخانىدىكى خىزمەتنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى