سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

ئېلىكتورۇنلۇق ئويۇنلار توغرسىدا

سۇئال

بالىلارنىڭ "سونى"، "نىنتىندۇ" ۋە باشقا شىركەتلەر ئىشلىگەن، ھازىر كەڭ تارقالغان تۈرلۈك ئېلىكتۇرۇنلۇق ئويۇنلارنى ئوينىشى ياكى ئويناشقا رۇخسەت قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىگە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن!.

مۇشۇ ئويۇنلارغا نەزەر سالغان كىشى بۇ ئويۇنلارنىڭ ئەقلىي ماھارەت ۋە يالغۇز ھەرىكەت قىلىشقا تايىنىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ.

بۇ ئويۇنلار ئوخشىمايدىغان ھەرخىل ۋە تۈرلۈك شەكىلدە بولىدۇ، ئۇ ئويۇنلاردىن: ئۇرۇشقا ئوخشاش ئەھۋاللاردا ھەرىكەت قىلىشنى مەشىق قىلدۇرىدىغان، ياكى خەتەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چېكىنىش، دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىش، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ دۈشمەننىڭ پىلان ۋە نىشانلىرىنى ۋەيران قىلىش قاتارلىق خىيالى ئۇرۇشلار، سىرلىق ئورۇنلاردىن چىقىش، ۋەھشى ھايۋانلاردىن قېچىش، ئايروپىلان، ماشىنا ۋە تۈرلۈك قاتناش ۋاستىلىرى مۇسابىقىسى، توسۇقلاردىن ئۆتۈش، خەزىنىلەرنى ئىزدەش قاتارلىقلار بار، يەنە نەرسىلەرنى چۇۋۇپ-قوراشتۇرۇش، پارچە سۈرەتلەرنى توپلاش، ئۆي ياساش، بوياش، سايە چۈشۈرۈش ۋە يورۇتۇشقا ئوخشاش زېھنى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، مەلۇماتلىرىنى كۆپەيتىدىغان ئويۇنلارمۇ بار.

شەرئى ھۆكۈملەر: ئىسلام دىنى كىشىلەرنى كۆڭلىنى ئارام ئالدۇرۇشتىن، توغرا بولغان ۋاستىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق رۇخسەت قىلىنغان لەززەتلىنىشتىن چەكلىمەيدۇ، ئەسلىدە مۇشۇنداق ئويۇنلارنى ئويناش نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش قاتارلىق شەرئى مەجبۇرىيەتلەردىن توسۇپ قويمىسا، چەكلەنگەن ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسا، (كۆپ قىسىم ئويۇنلار چەكلەنگەن نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما تۆۋەندىكىدەك چەكلەنگەن ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئويۇنلارنى ئويناش توغرا بولمايدۇ:

-زېمىندىكى ياخشى ئادەملەر بىلەن ئاسماندىكى ئەسكىلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئاللاھ تائالاغا تۆھمەت قىلىدىغان ياكى ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەرگە تەنە قىلىدىغان پىكىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئويۇنلار.

-خىرىستىئانلارنىڭ كىرىست بەلگىسىنى ئۇلۇغلايدىغان، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كەتسە ئويۇن ئوينىغۇچىغا نىسبەتەن ساغلاملىق، كۈچ-قۇۋۋەت بېرىدىغان ياكى ئۇنىڭ روھىنى قايتۇرىدىغان ياكى روھلارنى زىيادە قىلىدىغانغا ئوخشىغان ئويۇنلار، يەنە خىرىستىئانلارنىڭ دىنىدىكى مىلاد بايراملىرى كارتىلىرىنى لاھىيلەش ئويۇنلىرى.

-سېھىرنى ئېتىراپ قىلىدىغان ياكى سېھرىگەرنى ئۇلۇغلايدىغان ئويۇنلار.

ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئاساسىدىكى، ئوينىغۇچى مەككىنى بومباردىمان قىلسا يۈز نۇقتىغا ئېرىشىدىغان، باغدادنى بومباردىمان قىلىسا ئەللىك نۇقتىغا ئېرىشىدىغان ئويۇنلار.

-ئويۇن ئوينىغۇچى ئويۇندا كاپىر دۆلەتنىڭ ئەسكىرىنى تاللىسا كۈچلىنىپ كېتىدىغان، ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ ئەسكەرلىرىنى تاللىسا ئاجىزلاپ كېتىدىغانغا ئوخشاش، كاپىرلارنى ئۇلۇغلاپ، ئۇلار بىلەن ئىززەتلىنىدىغان ئويۇنلار، ئەۋلادلارنى كاپىرلارنىڭ تەنتەربىيە كۇلۇبلىرىدىن ۋە كاپىر تەنتەربىيىچىلەرنىڭ ئىسىملىرىدىن ئەجەپلىنىدىغان ھالەتتە تەربىيىلەيدىغان ئويۇنلار.

-يېپىشقا بۇيرۇلغان ئەزالارنىڭ سۈرەتلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان ئويۇنلار، ئۇتۇق قازانغۇچىنىڭ مۇكاپاتى يالىڭاچ سۈرەتنىڭ كۆرىنىشى بولىدىغان ئويۇنلار، شۇنىڭدەك، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان مەشۇقى ۋە قىز دوستى بىلەن قارا نىيەتتىن ياكى بوغما يىلاندىن قانداق قۇتۇلۇشنى پىكىر قىلىش ئاساسىدىكى ئەخلاقنى بۇزىدىغان ئويۇنلار.

-قىمار ئويناش ۋە باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانداق ئېلىۋىلىش ئاساس قىلىنغان ئويۇنلار.

- مۇزىكا، ئۇنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەنلىكى مەلۇم.

-بەدەنگە يەنى كۆزلىرى ۋە نېرۋىلىرىغا زىيان يېتىدىغان، ئاڭلاش پەردىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان يۇقىرى ئاۋازلىق ئويۇن قاتارلىقلار، يېڭى زاماندىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا بۇنداق شەكىلدىكى ئويۇنلار بالىلارنى ئۆزىگە خۇمار قىلىپ، نېرۋا سېستىمىسىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۇلارنى چېچىلاڭغۇ، تەرسا قىلىپ قويۇشقا سەۋەپ بولىدۇ.

-ھازىر بالىلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بالىلارنى قوپال، جىنايەتچى، ئاسانلا ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ھالەتتە تەربىيلەيدىغان ئويۇنلار.

- بالىلارنى باشقا پىلانتلارنى تەسۋىرلەش ۋە ئۆلگەندىن كېيىن قايتىدىن تىرىلىش ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ-قۇۋۋەتكە ئوخشاش رىئاللىقتا ئۇيغۇن بولمىغان، مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار، خىيال ۋە ۋەھىمىلەر دۇنياسىدا ئەكىرىش بىلەن ئۇلارنىڭ رىئاللىقىنى بۇزۇش.

ئەقىدىگە خەتىرى بولغان، شەرىئەتتە چەكلىگەن مىساللارنى كۆپلەپ بايان قىلدۇق، چۈنكى كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا دىققەت قىلمايدۇ، بالىلىرىغا بۇ ئويۇنلارنى ئەكىلىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئويۇنغا تاشلاپ قويىدۇ.

شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، مۇشۇنداق ئىلىكتۇرۇنلۇق ئويۇنلار گەرچە رۇخسەت بولسىمۇ، ئۇنىڭدا بىر نەرسە تىكىپ مۇسابىقىلىشىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ جىھاد قوراللىرى ئەمەس ۋە جىھاد قىلىشقا پايدىسى بولىدىغان نەرسىمۇ ئەمەس.

مەنبە:   [ئۇستاز دوكتۇر سەئەد شىسرىنىڭ "ئىسلام شەرىئىتىدىكى مۇسابىقە ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى"ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى]