جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھەجگە بېرىشى توغرا بولمايدۇ

سۇئال

ئاياللار ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ھەجگە بارىدىغان مەھرەم تاپالمىغاندا، ئىشەنچىلىك كىشىلەر بىلەن ياكى ئاياللار بىلەن بىرلىكتە ھەج ياكى ئۆمرىگە بارسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بۇ مەسىلىدە ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى ئالىملار ئارىسىدا ئوخشاش بولمىغان قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، بەزى ئالىملار: يول تىنچ بولسا، ئىشەنچىلىك ئايال ھەمراھلار بولسا ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھەج قىلىشى توغرا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

بەزى ئالىملار: ئاياللار گەرچە ئىشەنچىلىك ئايال ھەمراھلار بىلەن بولسىمۇ، ئۆزىنى ھىمايە قىلىدىغان ئەر مەھرىمى بولمايدىكەن ئۇلارنىڭ ھەج قىلىشى توغرا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ۋە ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشى، ئۇلارنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

ئا-ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەر قىلمايدۇ، مەھرەمسىز ئايالنىڭ يېنىغا يات ئەرلەر كىرمەيدۇ دېگەندە، ساھابىلاردىن بىرى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن قوشۇن بىلەن پالانى جايغا ئۇرۇشقا چىقىشنى مەقسەت قىلغانتىم، ئايالىم ھەجگە بارماقچى، دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: سەن ئايالىڭ بىلەن ھەجگە بىرگە بارغىن،دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى1763-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1341-ھەدىس].

ب-ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر ئايالنىڭ مەھرەمسىز بىر كېچە-كۈندۈزلۈك يىراقلىققا سەپەر قىلىشى توغرا بولمايدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى1038-ھەدىس. مۇسلىم رىۋاتى133-ھەدىس].

يەنە بىر رىۋايەتتە، ئەبى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقل قىلىنغان ھەدىستە: ئىككى كېچە-كۈندۈزلۈك يىراقلىققادەپ بايان قىلىنغان. [بۇخارى رىۋايىتى 1139-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 827 - ھەدىس].

ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ ئەبى سەئىد رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ھەدىسىنى باغلاشتۇرۇپ: بۇ ھەدىستە «ئىككى كېچە-كۈندۈزلۈك يىراقلىققا» دەپ بايان قىلىنغان. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە: «بىر كېچە-كۈندۈزلۈك يىراقلىققا» دەپ بايان قىلىنغان، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە: «ئۈچ كېچە-كۈندۈزلۈك يىراقلىققا» دەپ بايان قىلىنغان دەيدۇ.

بۇ مەسىلىنى باغلاشتۇرۇش توغرىسىدا قاراشلار ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئالىملار بۇ مەسىلىنى ئوچۇقلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىسنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ مۇساپە بەلگىلەش مەقسەت ئەمەس بەلكى ئايال كىشىنىڭ ھەرقانداق سەپەرنى مەھرەمسىز قىلىشى توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سەپەر مۇساپىسىنى ھەدسىتىن بولغان چۈشەنچى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ۋاقىئەلىكنى ئاساس قىلىپ بەلگىلەش كېرەك".

ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇساپە بەلگىلەشتىكى ئوخشىماسلىق، سورىغۇچىلارنىڭ سورىغان ئورۇنلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن بولغان". [پەتھۇلبارى ناملىق ئەسەر 4-توم 75-بەت].

ئىككىنچى: ئاياللارنىڭ ھەج قىلىشى ئۈچۈن مەھرەم بولىشى ۋاجىپ ئەمەس دېگەن قاراشتىكى ئالىملارنىڭ دەلىلى:

ئۇدەي ئىبنى ھاتەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىدا تۇرسام بىر كىشى كېلىپ، ئۆزىنىڭ نامراتلىقىدىن شىكايەت قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا: ئى ئۇدەي! ھىيرە شەھرىنى كۆردىڭمۇ؟ دېدى، مەن: كۆرمىدىم ئەمما ئۇ شەھەر توغرىسىدىكى خەۋەرلارنى ئاڭلىدىم دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەگەر ئۇزۇن ياشاپ قالساڭ، يالغۇز بىر ئايالنىڭ ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ نەرسىدىن قورۇقماي، ھىرە شەھرىدىن يالغۇز مەككىگە كېلىپ ھەج قىلىپ قايتىپ كەتكىنىنى كۆرىسەن، دېدى. ئۇدەي: ئايال كىشىنىڭ ئاللاھتىن باشقا كىمسىدىن قورۇقماي ھىرە شەھرىدىن مەككىگە كىلىپ كەبىنى تاۋاپ قىلىپ قايتقىنىنى كۆردۇم، دەيدۇ.[بۇخارى رىۋايىتى3400].

بۇ دەلىلگە بېرىلىدىغان جاۋاپ: بۇ پەقەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كەلگۈسىدە مۇشۇنداق ئىشنىڭ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بېرىلگەن خەۋەر بولۇپ، بۇنىڭدىن ئاياللار شۇ ۋاقىتتا مەھرەمسىز ھەج قىلسا دۇرۇس بولىدۇ دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ، بەلكى بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار شەرئى دەلىل بىلەن دۇرۇس بولىدۇ ياكى دۇرۇس بولمايدۇ. بۇ خۇددى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى، ھاراقكەشلىك زىناخورلۇق ۋە ھەقسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش قاتارلىق چەكلەنگەن چوڭ گۇناھلارنىڭ ئومۇملىشىشى توغرىسىدا خەۋەر بەرگىنىگە ئوخشاشتۇر.

يۇقىرىقى ھەدىستىن بولغان مەقسەت: ئەتراپقا تىنچ-خاتىرجەملىك تارقىلىپ، ئادالەت بەرپا قىلىنىدۇ، ھەتتا بەزى ئاياللار مەھرەمسىز يالغۇز سەپەر قىلالايدۇ دېگەنلىك بولۇپ، بۇنىڭدىن ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەر قىلسا بولىدۇ دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى توغرىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى چەكلەنگەن ياكى ئەيىپلىنىدىغان ئىشلار ئەمەس، كەمبەغەل چارۋىچىلارنىڭ ئېگىز قۇرۇلۇشلارنى سىلىپ دۇنياغا يۈزلىنىشى، مال-دۇنيانىڭ كۆپ بولىشى، ئەللىك ئايالنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش پەقەت بىر ئەركىشىنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى چەكلەنگەن ئىشلاردىن ئەمەس، بۇنىڭ ھەممىسى قىيامەتتىن ئىلگىرى بولىدىغان ئالامەتلەر بولۇپ، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھالال ياكى چەكلەنگەن ئىشلاردىن بولىشى شەرت ئەمەس، بەلكى بۇ ئىشلارنىڭ بەزىسى ياخشى، بەزىسى يامان، بەزىسى دۇرۇس، بەزىسى چەكلەنگەن ۋە بەزىسى ۋاجىپ ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر". ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

شۇنى بىلىش كېرەككى، ئالىملارنىڭ ئاياللارنىڭ ھەج قىلىشى ئۈچۈن مەھرەم بولۇشنى شەرت قىلىشى پەقەت پەرز ھەج ئۈچۈندۇر. ئەمما بىر قېتىم ھەج قىلىپ بولغان ئايال بولسا، ئۇ ئايالنىڭ مەھرەمسىز ھالدا نەپلە ھەج قىلىشى ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن بىردەك چەكلىنىدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق ھەجدە چوقۇم يولدىشى ياكى مەھرەم بولىدىغان ئەر تۇغقانلىرى بولىشى كېرەك. [پىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى 17-توم 36-بەت].

سەئۇدى ئەرەبىستان پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "ئايالنىڭ مەھرىمى بولمايدىكەن ئۇ ئايالغا ھەج قىلىش پەرز بولمايدۇ، چۈنكى ئايالغا نىسبەتەن مەھرەم دېگەن يولغا قادىر بولۇشنىڭ جۈملىسىدىندۇر، ھەجنىڭ پەرز بولىشىنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى يولغا قادىر بولۇشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلِلَّـهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًاتەرجىمىسى: قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. [سۈرە ئال- ئىمران 97-ئايەت].

ئايال كىشىنىڭ ھەج سەپىرىگە بولسۇن ياكى باشقا سەپەرلەرگە بولسۇن مەھرەمسىز يولغا چىقىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ، ھەسەن ئەلبەسەرىي، ئىبراھىم نەخەئى، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي، ئىبنى مۇنزىر ۋە ھەنەپى مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قارىشىدۇر. بۇ توغرا قاراشتۇر.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەر ۋە بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى بويىچە ئاياللارنىڭ يالغۇز، مەھرەمسىز سەپەرگە چىقىشى چەكلىنىدۇ. ئەمما ئىمام مالىك، ئىمام شافىئى ۋە ئىمام ئەۋزائى قاتارلىق ئالىملار بۇ قاراشنىڭ ئەكسى بويىچە ئاياللارنىڭ مەلۇم شەرتلەر بىلەن مەھرەمسىز يالغۇز سەپەرگە چىقىشىنى دۇرۇس بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلىرىنىڭ شەرئى دەلىلى يوق.

ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلار ھەدسىنىڭ سىرتقى كۆرىنىشىگە ئاساسلىنىپ، مەلۇم شەرت بىلەن دۇرۇس دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بېكىتكەن شەرتلىرىنىڭ دەلىلى تولۇق ئەمەس." [دائىمىي كومىتېت پەتىۋالار توپلىمى 11-توم 90-91- بەت].

دائىمىي كومىتېت ئالىملىرى يەنە مۇنداق دەيدۇ: "توغرا قاراشتا، ئايالنىڭ مەھرەمسىز باشقا ئەرلەر بىلەن بىرلىكتە ھەج سەپىرىگە چېقىشى توغرا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك ئىشەنچىلىك ئاياللار جامائىتى بىلەن بىرگە بېرىشىمۇ توغرا بولمايدۇ. گەرچە ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ئۇ ئايالنىڭ ھاممىلىرى ياكى ئانىسى بولغان تەقدىردىمۇ توغرا بولمايدۇ. چوقۇم ئەرلەردىن يولدىشى ياكى باشقا مەھرەم بولىدىغان ئەر تۇغقانلىرى بولىشى كېرەك. ئەگەر ھەجگە بىرگە بارىدىغان مەھرەم بولىدىغان ئەر تۇغقانلىرى بولمىسا، ئۇ ئايالغا ھەج قىلىش پەرىز بولمايدۇ." [دائىمىي كومىتېت پەتىۋالار توپلىمى 11-توم 92- بەت].

ھەممىدىن توغىرنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى