پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى ۋە مەھرەمنىڭ شەرتلىرى توغرىدا

سۇئال

ئانام ئاللاھ خالىسا ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، لېكىن يولدىشى ۋە قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بېرىشكە قادىر بولالمايدۇ، تاغىسىنىڭ ئوغلى يولدىشىنىڭ ئىنىسى بولۇپ ئۇ يەنە سىڭلىسىنىڭ يولدىشى، تاغىسىنىڭ ئوغلى ئايالى بىلەن بىرگە ھەجگە بارماقچى، ئانام ئۇلار بىلەن بىرگە ئۆمرە قىلغىلى بارسا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىسلام دىنى ئايال كىشىنى مۇھاپىزەت قىلىپ، پەسكەش ۋە ئەخلاقسىز كىشىلەردىن ئۇنىڭ شەرىپى ۋە ئىززىتىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن سەپەرگە مەھرەم بىلەن بىرگە چىقىشنى بېكىتتى. مەھرەم بولغان كىشى ئازابنىڭ بىر پارچىسى بولغان سەپەر جەريانىدا ئايالنىڭ قىيىن ئىشلىرىغا ياردەمچى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرا بولمايدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەر قىلمىسۇن دېگەندە، بىر كىشى ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن ئۇرۇشقا چىقىش ئۈچۈن تىزىملاتقان ئىدىم، ئايالىم ھەج قىلغىلى ماڭغان ئىدى دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: سەن ئايالىڭ بىلەن بىرگە بېرىپ ھەج قىلغىن، دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى، پەتھۇلبارى 3006-نومۇرلۇق ھەدىس]. 

   يۇقىرىقى ھەدىستە مەزكۇر كىشى مەلۇم ئۇرۇشقا چېقىش ئۈچۈن تىزىملاتقان تۇرۇقلۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ كىشىنى جىھادنى تەرك قىلىپ ئايالى بىلەن بىرگە ھەجگە بېرىشقا بۇيرىدى، گەرچە بۇ ئايالنىڭ قىلغان سەپىرى سەيلە-ساياھەت بولماستىن بەلكى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان ھەجدىن ئىبارەت تائەت-ئىبادەت بولسىمۇ لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ كىشىنى ئايالى بىلەن بىرگە ھەجگە بېرىشقا بۇيرۇغانلىقى ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى  بىلدۈرىدۇ.

    ئۆلىمالار مەھرەم بولىدىغان كىشىدە بەش تۈرلۈك شەرتنىڭ تولۇق بولىشىنى شەرت قىلدى: ئەر كىشى بولۇش، مۇسۇلمان بولۇش، بالاغەتكە يەتكەن بولۇش، ئەقلى-ھوشى جايىدا بولۇش ۋە ئۇ ئايال بىلەن نىكاھلىنىشى ئەبەدىي چەكلەنگەن دادىسى، ئاكا-ئىنىلىرى، تاغىلىرى، يولدىشىنىڭ دادىسى، ئانىسىنىڭ يولدىشى، ئېمىلداش ئاكا-ئىنىلىرىگە ئوخشاش تۇغقانلاردىن بولىشى كېرەك، سىڭلىسىنىڭ ۋە ھاممىلىرىنىڭ يولدىشىغا ئوخشاش كىشىلەر مەھرەم بولالمايدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن، يولدىشىنىڭ ئىنىسى، شۇنىڭدەك تاغىسىنىڭ ۋە ھاممىسىنىڭ ئوغلى مەھرەم بولالمايدۇ. ئايالنىڭ ئۇلار بىلەن بىرگە سەپەر قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد