شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

مايلىنىش ۋە سۈرمە تارتىش روزىنى بۇزمايدۇ

سۇئال

  مايلىنىش ۋە سۈرمە تارتىش روزىنى بۇزامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    روزىدار كىشى رامزاننىڭ كۈندۈزدە سۈرمە تارتسا بۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ، لېكىن بۇنىڭ تەسىرى كانىيىغا كېلىپ قالسا، ئېھتىياتەن شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، روزىدار ھالىتىدە كۈندۈزدە سۈرمە تارتمايدۇ.

    روزىدار ھالەتتە رامزاننىڭ كۈندۈزدە مايلانسا بۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ. ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن.

مەنبە: ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى 10-توم 253-بەت