سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاياللارنىڭ تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

ئاياللارنىڭ تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشى كېرەك بولامدۇ؟ئۇلارنىڭ تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيىدە ئوقۇشى ياخشىمۇ ياكى مەسچىتكە بېرىشى ياخشىمۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تەراۋىھ نامىزى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن سۈننەت بولۇپ، ئاياللار ئۈچۈن ئۆيدە ئادا قىلىش ياخشى بولىدۇ. چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاياللارنى مەسچىتكە بېرىشتىن چەكلىمەڭلار، ئۇلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ياخشىدۇر. [بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد رەھىمەھۇللاھ "ئاياللارنىڭ مەسچىتكە بېرىشى ۋە بۇنىڭدىكى كەسكىنلىك" دېگەن بابتا كەلتۈرگەن. "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 7458- نۇمۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرۈلگەن].

    بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ خاس ئورۇنلىرىدا ئادا قىلىشى بەك ياخشى بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئايالنىڭ دالاندا ئوقۇغان نامىزى ھويلىدا ئوقۇغان نامىزىدىن ياخشى، خاس ھوجىرسىدا ئوقۇغان نامىزى چوڭ ئۆيدە ئوقۇغان نامىزىدىن ياخشىدۇر. [بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد نامازنىڭ بارىسىدا ئاياللارنىڭ مەسچىتكە چېقىشى توغرىسىدىكى بابتا كەلتۈرگەن. سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 3833- نۇمۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرۈلگەن].

     ئەبۇ ھۇمەيد سائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى ئۇممۇ ھۈمەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلىگە ئەگىشىپ ناماز ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: مەن سىزنىڭ ماڭا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلدىم، سىزنىڭ خاس ئۆيىڭىزدە ئوقۇغان نامىزىڭىز دالاندا ئوقۇغان نامىزىڭىزدىن ياخشى، دالاندا ئوقۇغان نامىزىڭىز ھويلىدا ئوقۇغان نامىزىڭىزدىن ياخشى، ھۆيلىڭىزدا ئوقۇغان نامىزىڭىز مەھەللىدىكى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامىزىڭىزدىن ياخشى، مەھەللىڭىزدىكى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامىزىڭىز مېنىڭ مەسچىتىمدە ئوقۇغان نامىزىڭىزدىن ياخشى دېدى، ئۈممۇ ھۈمەيدكە ئۆيىنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭىغا ئايرىم ناماز ئوقۇيدىغان جاي ھازىرلىدى، ئاللاھ تائالاغا ئۇچراشقانغا قەدەر شۇ جايدا ناماز ئوقۇدى. بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ئىسنادى ئىشەنچىلىك بولغان راۋىلاردىن كەلتۈرگەن.

    ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغاندەك، گەرچە ئاياللارنىڭ نامازنى ئۆيدە ئادا قىلىشى ياخشى بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ مەسچىتكە بېرىشى چەكلەنمەيدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: ئاياللار سىلەردىن مەسچىتكە بېرىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىسا ئۇلارنى مەسچىتكە بېرىشتىن چەكلىمەڭلار، شۇ ۋاقىتتا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئوغلى بىلال ئىبنى ئابدۇللاھ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇلارنى مەسچىتكە بېرىشتىن چەكلەيمەن دېۋىدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئوغلىغا قاراپ ئىلگىرى ھېچ ئاڭلاپ باقمىغان سۆزلەر بىلەن ئاھانەت قىلدى ۋە مەن ساڭا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن خەۋەر بەرسەم، سەن ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن چەكلەيمەن دەمسەن دېدى.» [مۇسلىم رىۋايىتى 667-ھەدىس].

    لېكىن ئاياللارنىڭ مەسچىتكە بېرىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەر بىكىتىلىنىدۇ:

1-تولۇق ئورۇنۇپ بېرىش.

2-خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتمەسلىك.

3-  يولدىشىنىڭ رۇخسىتى بىلەن چېقىش.

   شۇنىڭدەك مەسچىتنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسا ئۆزى يالغۇز بولسا مەھرەم بولمىسا، ماشىنىدا يات شوپۇر بىلەن بىرگە بېرىشى چەكلىنىدۇ.

    ئەگەر ئايال كىشى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرتلەرنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلسا يولدىشىنىڭ ياكى ۋەلىلىرىنىڭ ئۇ ئايالنى مەسچىتكە بېرىشتىن چەكلىشى توغرا بولىدۇ.

   بىز ئۇستاز ئابدۇلئەزىز ئالى شەيختىن تەراۋىھ نامىزى توغرىسىدا، ئايالنىڭمۇ مەسچىتكە بېرىشى ياخشى بولامدۇ؟ دەپ سورىساق، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: ئاياللارنىڭ ئۆيىدە ئوقۇغان نامىزى ياخشى بولىدۇ دېگەن مەنىسى ئومۇم بولۇپ، تەراۋىھ نامىزى ۋە باشقا نامازلارمۇ شۇنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ، دېدى.

    ئاللاھ تائالادىن بىزگە ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئىخلاس بىلەن ئەمەل قىلىشنى، قىلغان ئەمەللىرىمىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەردىن قىلىشنى سورايمىز. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئالايھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد