پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

نېمە ئۈچۈن ئىمام ھېيت نامىزىدا تەكبىر ئېيتىدۇ؟

سۇئال

نېمە ئۈچۈن ئىككى ھېيت نامىزىدا پاتىھە سۈرىسى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئون ئىككى تەكبىر ئېيتىش سۈننەت قىلىندى؟ بۇنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ نېمە ئۈچۈن بۇ تەكبىرنى كۈندىلىك بەش ۋاقىت نامازدا ئېيتمايمىز؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەسلى ئىبادەت دېگەن بېكىتىلگەن بولىدۇ، بىز ئىبادەتنى ئۇنىڭدىكى ھېكمەتنى بىلەيلى ياكى بىلمەيلى ئۇنى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇيرىغان بويىچە ئادا قىلىمىز، بولۇپمۇ ناماز، روزا ۋە ھەجپائالىيەتلىرىدە شۇنداق بولىدۇ، بۇنى ئەقىل بىلەن بىلىشنىڭ ئورنى يوق، شۇنىڭ جۈملىسىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە بەش ۋاقىت نامىزىدىن باشقا ئىككى ھېيت نامىزىدا بىرنچى رەكئەتتە ناماز باشلاش تەكبىرىدىن كېيىن پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئالتە ياكى يەتتە تەكبىر ئېيتىشقا، ئىككىنچى رەكئەتتە پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى بەش تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرىغانلىقىدۇر.

بىز پەقەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ يولغا قويغىنىغا ئېشىنىمىز، ئۇنىڭغا بويسۇنىمىز، ئاڭلايمىز، ئىتائەت قىلىمىز، چۈنكى ئىبادەتنىڭ ماھىيىتى ئىللەت-سەۋەبىنى سورىماستىنلا ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئىنساننىڭ ئىبادەت، ئۇنىڭ تۈرى ۋە كەيپىياتى قاتارلىق ئاللاھنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ ۋە بۇنى نېمە ئۈچۈن يولغا قويدى ۋە نېمە ئۈچۈن تەرك قىلدى دەپ سورىشىمۇ توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇ كىشىگە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى يولغا قويغان نەرسىنى بىلىش ۋە ئەمەل قىلىش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر ئۇ ئىبادەتنىڭ ھېكمىتىنى بىلسە ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىشى، بىلمىسە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئىتائەت قىلىشى، ئاللاھنىڭ بۇ ئىشنى ھېكمەت بىلەن ۋە بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يولغا قويغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا بەنىدلەرنىڭ سۆزلىرىنى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بىلگۈچىدۇر. ئۆزى تەقدىر قىلغان ۋە يولغا قويغان ئىشلارنى ھېكمەت بىلەن قىلغۇچىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٌ تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. [سۈرە ئەنئام 83-ئايەت].

بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان سۆزلەرنىڭ دەلىلى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَّقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّـهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ تەرجىمىسى: سىلەرگە -ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە- رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر. [سۈرە ئەھزاپ 21-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ناماز ئوقۇغۇنۇمنى كۆرگەندەك ناماز ئوقۇڭلار.» [بۇخارى رىۋايىتى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ھەج پائالىيەتلىرىڭلارنى مەن قىلغاندەك قىلىڭلار. [مۇسلىم رىۋايىتى. 378-ھەدىس].

ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

مەنبە: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋلار توپلىمى 8-توم 299-بەت