سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

قۇربانلىقنى بوغۇزلايدىغان ۋاقىتتا دەيدىغان سۆزلەر توغرىسىدا

سۇئال

قۇربانلىقنى بوغۇزلىغان ۋاقتىمدا ئوقۇيدىغان مەلۇم دۇئا بارمۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

سۈننەت بويىچە قۇربانلىقنى بوغۇزلىماقچى بولغان كىشى بوغۇزلىغان ۋاقىتتا مۇنداق دەيدۇ: بىسمىللا، ئاللاھۇئەكبەر، ئى ئاللاھ! بۇ سەندىن ۋە سەن ئۈچۈندۇر، بۇ مەندىن(ئەگەر قۇربانلىقنى باشقىلار ئۈچۈن قىلغان بولسا، بۇ پالانىدىن دەيدۇ)، ئى ئاللاھ! پالانىدىن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن قوبۇل قىلغىن! (ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاتايدۇ).

بۇ دۇئانىڭ ئارىسىدا "بىسمىللا" دېيىش ۋاجىپ، قالغان دۇئالار ۋاجىپ ئەمەس بەلكى ياخشى.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاق-قارا ئارىلاش، مۈڭگۈزلۈك ئىككى قوچقارنى ئۆز قولى بىلەن قۇربانلىق قىلدى ۋە "بىسمىللا" دېدى، تەكبىر ئېيتتى، پۇتىنى قوينىڭ يان تەرىپىگە قويدى. [بۇخارى رىۋايىتى 5565-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1966-ھەدىس].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربانلىق قېلىش ئۈچۈن مۈڭگۈزلۈك قوچقار كەلتۈرۈشكە بۇيرىدى، قوي كەلتۈرۈلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: پىچاق ئېلىپ كېلىپ، تاش بىلەن بىلەڭ! دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇنداق قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پىچاقنى ئېلىپ قوينى تۇتۇپ ياتقۇزغاندىن كېيىن: بىسمىللاھ، ئى ئاللاھ! مۇھەممەددىن، مۇھەممەدنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ۋە مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتىدىن قوبۇل قىلغىن!، دەپقۇربانلىق قىلدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 1967-ھەدىس].

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇربان ھېيت كۈنى ناماز ئوقۇيدىغان جايغا كەلدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇتبىنى تۈگىتىپ مۇنبەردىن چۈشكەن ۋاقىتتا، بىر قوچقار كەلتۈرۈلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قوچقارنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلاپ: بىسمىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر، بۇ مەندىن ۋە مېنىڭ ئۈممىتىمدىن قۇربانلىق قىلالمىغان كىشىلەردىن دېدى. [تىرمىزى رىۋايىتى 1521-ھەدىس. ئەلبانى تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا بۇ ھەدىسكە سەھىھ دەپ باھا بەرگەن].

بەزى رىۋايەتلەردە: ئى ئاللاھ! بۇ سەندىن ۋە سەن ئۈچۈن دېگەن سۆز زىيادە كەلگەن. ئىرۋائۇل غەلىيل 1138- ۋە 1152-نومۇرلۇق ھەدىسكە قارالسۇن.

ئى ئاللاھ! بۇ سەندىن ۋە سەن ئۈچۈن بۇ قۇربانلىق سەندىن ماڭا يىتىپ كەلگەن رىزىق ۋە سوۋغا، بۇ خالىس سەن ئۈچۈندۇر. ["شەرھىل مۇمتىئ" 7-توم، 492-بەتكە قارالسۇن].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى