جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

چاچنى ئالدۇرۇش ۋە قىسقارتىش جەريانىدا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار

سۇئال

ھەجدە چاچ ئالدۇرۇش ۋە قىسقارتىش جەريانىدا ھاجىلاردىن يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار نېمىلەردىن ئىبارەت؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

چاچنى ئالدۇرۇش ۋە قىسقارتىش جەريانىدا يۈز بېرىدىغان بەزى خاتالىقلار:

بىرىنچى: بەزى ھاجىلار چېچىنىڭ بەزىسىنى ئۈستىرىدە تولۇق ئالدۇرۇپ بەزى يەرلىرىنى قويۇپ قويىدۇ، بۇنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. بىر كىشىنىڭ ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ كىشى چېچىنىڭ يېرىمىنى تولۇق ئالدۇرۇپتۇ، يېرىمىنى قويۇپ قويۇپتۇ، مەن ئۇ كىشىنىڭ قولىنى تۇتۇپ: نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىڭىز؟ دېسەم، ئۇ كىشى: مەن ئىككى قېتىم ئۆمرە قىلماقچى ئىدىم، چېچىمنىڭ يېرىمىنى بىرىنچى قېتىملىق ئۆمرىدە ئالدۇردۇم، يېرىمىنى بۇ قېتىملىق ئۆمرىگە قويۇپ قويدۇم دەيدۇ. بۇ ھېچبىر ئىلىم ئىگىلىرى دەپ باقمىغان بىلىمسىزلىك ۋە ئازغۇنلۇقتۇر.

ئىككىنچى: بەزى ھاجىلار ئۆمرە قىلىپ ئېھرامدىن چېقىدىغان ۋاقىتتا چېچىنىڭ بىر تەرىپىدىن بىرقانچە تالنى قىسقارتىپلا ئېھرامدىن چىقىدىكەن، بۇنداق قىلىش ئايەتنىڭ يۈزەكى مەناسىغىمۇ زېت كېلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مُحَلِّقِينَ رُءُوسَكُمْ وَمُقَصِّرِينَتەرجىمىسى: باشلىرىڭلارنى چۈشۈرگەن ۋە (بەزىلىرىڭلار) قىسقارتقان ھالدا. [سۈرە پەتھى 27-ئايەتنىڭ بىرقىسمى.

چاچنى قىسقارتىش باشنىڭ ھەممە يېرىدىن بولىشى كېرەك، بىر-ئىككى تال چاچنى قىسقارتقاننىڭ ھېچنېمىگە پايدىسى بولمايدۇ، ئۆمرە قىلغۇچى ئۈچۈنمۇ چېچىنى قىسقارتقانلىقى ئوچۇق بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئايەتنىڭ سىرتقى ماناسىغا زېت بولىدۇ. بۇ خاتالىقلارنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن چېچىنى ئالدۇرىدىغان ۋاقىتتا ھەممىنى ئالدۇرۇش، قىسقارتىدىغان ۋاقىتتا ھەممە يېرىنى قىسقارتىش، بىر-ئىككى تال چاچنى قىسقارتىش بىلەن چەكلەنمەسلىك كېرەك.

ئۈچىنچى: بەزى كىشىلەر سەئيى قىلىپ بىكار بولغاندا، چېچىنى ئالدۇرىدىغان ياكى قىسقارتىدىغان ئادەم تاپالمىسا، ئۆيىگە بېرىپ ئېھرامدىن چېقىپ، كىيىمىنى كېيىپ، ئاندىن چېچىنى ئالدۇرىدۇ ياكى قىسقارتىدۇ. بۇ زور خاتالىق، چۈنكى چېچىنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىش بىلەن ئۆمرە پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزى ھەج قىلغان يىلى ساھابىلاردىن ھەدىيە ئېلىپ كەلمىگەنلەرنى ئېھرامىنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: «چاچنى قىسقارتىپ ئېھرامدىن چىقىڭلار.» [بۇخارى رېۋايىتى 1691-ھەدىس. مۇسلىم رېۋايىتى 1229-ھەدىس.

يۇقىرىقى ھەدىس بولسا، ئۆمرە قىلغۇچىلارنىڭ چاچنى قىسقارتقاندىن كىيىن ئېھرامدىن چىقسا دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ ھەدىسكە ئاساسەن، سەئيى قىلىپ بولغان كىشى چاچنى ئالدۇرىدىغان ياكى قىسقارتىپ قويىدىغان ئادەم تاپالمىسا، چېچىنى تولۇق ئالدۇرۇپ ياكى قىسقارتىپ بولغىچە ئېھراملىق ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئېھرامدىن چېقىپ كېتىش توغرا بولمايدۇ. مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن، بىر كىشى بىلمەستىن دۇرۇس بولىدۇ دەپ چېچىنى ئالدۇرماي ياكى قىسقارتماي، ئېھرامدىن چېقىپ كەتكەن بولسا، بۇ كىشىنىڭ بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن بىلگەن ۋاقىتتا دەرھال كىيىمىنى يېشىپ ئېھرام كىيىمىنى كېيىۋىلىشى كېرەك. چۈنكى ئۆزىنىڭ ئېھرامدىن تولۇق چېقىپ بولمىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، گەدەنكەشلىك قىلىپ تۇرىۋېلىش توغرا بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن چېچىنى ئالدۇرۇپ ياكى قىسقارتىپ ئېھرامدىن تولۇق چىقىدۇ.

مەنبە: [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ "ھەج-ئۆمرە قىلغۇچىلاردىن يۈز بېرىدىغان خاتالىقلارنى تۈزۈتۈش" ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى]