سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

دۇئانىڭ ئەدەپلىرى توغرىسىدا

سۇئال

دۇئانىڭ ئەدەپلىرى قايسى؟ دۇئانى قانداق قىلىش كېرەك؟، دۇئانىڭ پەرز-سۈننەتلىرى قايسى؟، دۇئانى قانداق باشلاپ قانداق ئاخىرلاشتۇرىمەن؟. دۇئادا ئاخىرەتلىك ئىشلارنى سوراشتىن بۇرۇن دۇنيالىق ئىشلارنى سورىساق بولامدۇ؟، دۇئادا قول كۆتۈرۈش توغرا بولامدۇ؟ ئەگەر توغرا بولسا قولنى قانداق شەكىلدە كۆتۈرىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئاللاھ تائالا بىر نەرسە سورىغان بەندىسىنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەممە نەرسىنى سوراشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. بىر نەرسە سورىمىغان كىشىدىن رەنجىپ، بەندىلىرىنى ئۆزىدىن ھاجەتلىرىنى سوراشقا دەۋەت قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ. غاپىر سۈرىسى 60-ئايەت.

دىندا دۇئانىڭ ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: دۇئانىڭ ئۆزى ئىبادەتدېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى 3372-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1479-ھەدىس، ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3828-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 2590-نۇمۇردا كەلتۈرگەن].

ئىككىنچىسى: دۇئانىڭ ئەدەپلىرى:

1-دۇئا قىلغۇچىنىڭ قەلبى تەۋھىدكە تولغان، ئاللاھ تائالانى ئىلاھلىق، پەرۋەردىگارلىق ۋە ئىسىم-سۈپەتلەردە يەككە-يىگانە دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولىشى كېرەك. ئاللاھ تائالانىڭ دۇئانى ئىجابەت قىلىشىنىڭ شەرتى: دۇئا قىلغۇچى پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىگە تولۇق بويسۇنۇپ، تائەت-ئىبادەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، گۇناھ-مەسىيەتنى تەرك قىلىشى كېرەك، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌأُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِ إِذَا دَعَانِفَلْيَسْتَجِيبُوا لِي وَلْيُؤْمِنُوا بِي لَعَلَّهُمْ يَرْشُدُونَتەرجىمىسى: مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن). [سۈرە بەقەرە 186-ئايەت].

2-دۇئانى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىش كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّـهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَتەرجىمىسى: ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. [سۈرە بەييىنە 5-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە بايان قىلغاندەك: دۇئانىڭ ئۆزى ئىبادەتتۇر، ئىخلاس دۇئانىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ شەرتىدۇر.

3-ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرىنى تىلغا ئىلىپ دۇئا قىلىش كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلِلَّـهِ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ فَادْعُوهُ بِهَاوَذَرُوا الَّذِينَ يُلْحِدُونَ فِي أَسْمَائِهِسَيُجْزَوْنَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ﴾تەرجىمىسى: ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئاللاھنى شۇ گۈزەل ئىسىملىرى بىلەن ئاتاڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە - كەلمەس قوللىنىدىغانلارنى تەرك ئېتىڭلار، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. [سۈرە ئەئراپ 180-ئايەت].

4-دۇئانى باشلاشتىن ئىلگىرى ئاللاھ تائالانى ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە مەدھىيىلەش كېرەك. فەزالەتە ئىبنى ئۇبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىز بىلەن بىللە ئولتۇراتتى، تۇيۇقسىز بىر ئادەم كىرىپ ناماز ئوقۇپ مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھ مېنى كەچۈرگىن ۋە رەھمەت قىلغىن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى ناماز ئوقۇغۇچى سىز ئالدىراپ قالدىڭىز، نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن، ئولتۇرۇپ، ئاللاھ تائالانى ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە مەدھىيىلەپ، ماڭا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن ھاجەتلىرىڭنى سورىغىن، دېدى.[تىرمىزى رىۋايىتى 3476-نومۇرلۇق ھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ناماز ئوقۇغاندا، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سەنا ئېيتىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاپ ئاندىن ئۆزىنىڭ خالىغان تىلەكلىرىنى تىلىسۇن. راۋى مۇنداق دەيدۇ: بىر ئازدىن كېيىن يەنە بىر كىشى كىرىپ ناماز ئوقۇدى، ئاللاھ تائالانى ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە مەدھىيىلىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە:ئەي ناماز ئوقۇغۇچى! دۇئا قىلغىن ئىجابەت قىلىنىدۇ، دېدى. [ تىرمىزى رىۋايىتى 3477-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى توپلىمىدا 2765- ۋە 2767 – نۇمۇرلۇق ھەدىسلەردە كەلتۈرگەن].

5-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام ئېيتىلمىغان ھەرقانداق دۇئا توسۇلۇپ قالىدۇ. [تەبرانى "ئەل ئەۋسەت" 1-توم 220-بەتتە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "سەھىھۇل جامىئ" ناملىق ئەسەردە 4399-نۇمۇردا كەلتۈرگەن].

6-قىبلىگە يۈزلىنىپ دۇئا قىلىش. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بەدىر ئۇرىشى بولغان كۈنىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارغا قارىدى، ئۇلارنىڭ سانى مىڭدىن كۆپ ئىدى، ساھابىلارغا قارىدى، ئۇلار ئارانلا ئۈچ يۈز ئون توققۇز كىشى ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىبلىگە يۈزلىنىپ، ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاللاھ تائالاغا: ئى ئاللاھ! ماڭا قىلغان ۋەدەڭنى روياپقا چىقارغىن، ماڭا ۋەدە قىلغان ياردەمنى بەرگىن، ئىسلام ئەھلىدىن بولغان بۇ جامائەت ھالاك بولۇپ كەتسە، زېمىندا ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان كىشى قالمايدۇ، دەپ قىبلىگە قاراپ ئىككى قولىنى سوزۇپ دولىسىدىن رىداسى چۈشۈپ كەتكەنگە قەدەر ئىلتىجا قىلدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 1763-نومۇرلۇق ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس دۇئا قىلغاندا قىبلىگە يۈزلىنىپ، ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ".

7-دۇئادا قول كۆتۈرۈش. سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ھايالىق، ئېسىلدۇر، بەندە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسا، ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ قولىنى قورۇق قايتۇرۇشتىن ھايا قىلىدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1488- ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1320-نۇمۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

دۇئادا ئىككى قولىنىڭ ئالقىنى ئاسمانغا قىلىپ، خۇددى بىر نەرسە بېرىلىشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان كەمبەغەل بىچارىنىڭ ھالىتىدە بولىدۇ. مالىك ئىبنى يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھتائالادىن بىر نەرسە سورىساڭلار، ئالقىنىڭلارنىڭ دۈمبىسى بىلەن ئەمەس بەلكى ئالقىنىڭلارنىڭ ئېچى بىلەن سوراڭلار. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان 1486-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1318-نۇمۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن.

دۇئا قىلغۇچى دۇئادا ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن ۋاقىتتا ئىككى قولىنى بىر-بىرىگە تەككۈزۈپ ھىم تۇتامدۇ ياكى ئارىسىنى ئايرىپ تۇرامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە، شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ "شەرھىل مۇمتىئ" ناملىق ئەسەر 4 -توم 25-بەتتە مۇنداق بايان قىلغان: "ئىككى قولىنى ھىم تۇتىدۇ، ئەمما ئىككى قولىنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ، يىراق تۇتۇش توغرىسىدا ھەدىستىن ياكى ئالىملارنىڭ قاراشلىرىدىن دەلىل بارلىقىنى بىلمەيمەن.

8-چىن قەلبى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ دۇئانى ئىجابەت قىلىدىغانلىقغا ئىشەنچ قىلىش كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەر دۇئا قىلغاندا ئاللاھ تائالانىڭ دۇئانى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىڭلار، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئاللاھ تائالا غاپىل قەلىبتىن دۇئانى ئىجابەت قىلمايدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى 3479-نومۇرلۇق ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

9-ھەرقانداق ھاجەتنى ئاللاھتىن سوراش. بەندە ئۆز پەرۋەردىگارىدىن دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى سورايدۇ. ئاللاھقا يالۋۇرىدۇ، دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا ئالدىرمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بەندە ئالدىرىمىسا، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۈزۈش ۋە گۇناھ بولىدىغان ئىشلارنى تىلىمىسە ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ دېگەندە، ساھابىلاردىن بىرى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئالدىراش دېگەن نېمە؟ دەپ سورىغانتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ كىشى دۇئا قىلدىم، دۇئا قىلدىم، دۇئايىمنىڭ ئىجابەت بولغانلىقىنى كۆرمىدىم دەيدۇ، ئاندىن ھەسرەت چېكىپ دۇئا قىلىشنى تەرك قىلىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 6340-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2735- ھەدىس].

10-دۇئانى كەسكىن قىلىش. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار دۇئا قىلغاندا: ئى ئاللاھ! خالىساڭ مېنى كەچۈرۈم قىلغىن، خالىساڭ ماڭا رەھمەت قىلغىن دېمىسۇن، ھاجىتىنى كەسكىن سورىسۇن. چۈنكى ئاللاھ تائالانى مەجبۇرلىغۇچى يوقتۇر. [بۇخارى رىۋايىتى 6339-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2679- ھەدىس].

11-دۇئانى ئۆتۈنۈپ، باش ئېگىپ، رىغبەتلىنىپ قورقۇپقىلىش كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ادْعُوا رَبَّكُمْ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةًتەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىڭلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن يوشۇرۇن دۇئا قىلىڭلار. [ئەئراف سۈرىسى 55-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: إِنَّهُمْ كَانُوا يُسَارِعُونَ فِي الْخَيْرَاتِ وَيَدْعُونَنَا رَغَبًا وَرَهَبًاوَكَانُوا لَنَا خَاشِعِينَتەرجىمىسى: ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، رەھمىتىمىزنى ئۈمىد قىلىپ، ئازابىمىزدىن قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى، بىزگە كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى. [سۈرە ئەنبىيا 90-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاذْكُر رَّبَّكَ فِي نَفْسِكَ تَضَرُّعًا وَخِيفَةً وَدُونَ الْجَهْرِ مِنَ الْقَوْلِ بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ وَلَا تَكُن مِّنَ الْغَافِلِينَ تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە - ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن. [سۈرە ئەئراپ 205-ئايەت].

12-دۇئانى تەكرار ئۈچ قېتىم قىلىش كېرەك. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كەبىنىڭ يېنىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا، ئەبۇ جەھىل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كەبىنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراتتى، بىر كۈن بۇرۇن بىر تۆگە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى، ئەبۇ جەھىل مۇنداق دېدى: قايسىڭلار پالانىنىڭ بالىلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ تۈنۈگۈن ئۆلتۈرگەن تۆگىنىڭ قېرىنىنى ئىلىپ كېلىپ مۇھەممەد سەجدە قىلغاندا ئۇنىڭ دۈمبىسىگە ئارتىپ قويىدۇ؟ دېدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ بەختسىز بىرسى بېرىپ تۆگىنىڭ قېرىنىنى ئىلىپ كېلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەجدە قىلغاندا دۈمبىسىگە ئارتىپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ ئىككى تەرەپكە ئىغاڭلاپ كېتىشتى، مەن قاراپ تۇراتتىم، ئەگەر مېنى قوغدايدىغان بىرسى بولغان بولسا ئەلۋەتتە مەن قېرىننى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دۈمبىسىدىن ئىلىپ تاشلىۋېتەتتىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇ ھالەتتە سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرمەي تۇردى، ھەتتا بىر كىشى بېرىپ پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا خەۋەر قىلدى، پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا كەلدى، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كېچىك قىز ئېدى، ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دۈمبىسىدىن قېرىننى ئېلىۋېتىپ، ئەبۇ جەھىل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا يۈزلىنىپ ئۇلارنى تىللىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۈنلۈك ئاۋازدا ئۇلارنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇئا قىلسا ئۈچ قېتىم تەكرار دۇئا قىلاتتى، بىر نەرسە سورىسا ئۈچ قېتىم تەكرار سورايتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلدى: ئى ئاللاھ! قۇرەيشنى جازالىغىن دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى، كەبىنىڭ ئەتراپىدىكى قۇرەيشلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ كۈلكىلىرى يوقۇلۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى ئاللاھ! ئەبۇ جەھىل ئىبنى ھىشامنى، ئۆتۈبە ئىبنى رەبىيئەنى، شەيبە ئىبنى رەبىيئەنى، ۋەلىيد ئىبنى ئۇقبەنى، ئۇمەييە ئىبنى خەلەپنى، ئۇقبە ئىبنى ئەبى مۇئىيتنى جازالىغىن دېدى-يەنە بىر كىشىنىڭ ئىسمىنى ئاتىدى لېكىن مەن ئېسىمدە تۇتالمىدىم-مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى، يۇقىرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىسمىنى ئاتىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى بەدىر ئۇرۇشى بولغان كۈنىدە ئۆلۈك ھالەتتە كۆردۈم، ئۇلارنىڭ ئۆلۈكلىرى سۆرۈلۈپ بەدىردىكى قۇدۇققا تاشلاندى.[بۇخارى رىۋايىتى 240-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1794- ھەدىس].

13-يېمەك-ئېچمىكىنى پاكىزلاش. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئىنسانلار! ئاللاھ پاكتۇر، پاك نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگە پەيغەمبەرلەرگە بۇيرىغان نەرسىنى بۇيرىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الرُّسُلُ كُلُوا مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَاعْمَلُوا صَالِحًا إِنِّي بِمَا تَعْمَلُونَ عَلِيمٌتەرجىمىسى: ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال نەرسىلەرنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن. [سۈرە مۆمىنۇن 51-ئايەت. يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُلُوا مِن طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ وَاشْكُرُوا لِلَّـهِ إِن كُنتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھغىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ ھەددى- ھېسابسىز نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار. [سۈرە بەقەرە 172-ئايەت]. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇزۇن سەپەر قىلغان، چاچلىرى توپىغا مىلەنگەن، ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراپ: ئى رەببىم، ئى رەببىم دەپ نىدا قىلغان بىر كىشىنى بايان قىلىپ: ئۇ كىشىنىڭ يېمەكلىكى ھارامدىن، ئىچىملىكى ھارامدىن، كىيىم-كېچەك، غىزالىرى ھارامدىن تۇرسا ئۇنىڭ دۇئاسى قانداقمۇ ئىجابەت قىلىنسۇن!، دېدى.» [مۇسلىم رىۋايىتى 1015-نومۇرلۇق ھەدىس].

ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەكنى پاكىزە-ھالالدىن قىلىش دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىدىكىئاساسلىق سەۋەبتۇر".

14-دۇئانى ئۈنلۈك –ئاشكارا قىلماستىن مەخپى قىلىش كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ادْعُوا رَبَّكُمْ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةًتەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىڭلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن يوشۇرۇن دۇئا قىلىڭلار. [ئەئراف سۈرىسى 55-ئايەت].

ئاللاھ تائالا زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنى مەدھىيىلەپ مۇنداق دەيدۇ: إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ نِدَاءً خَفِيًّاتەرجىمىسى: ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلدى. [سۈرە مەريەم 3-ئايەت].

يۇقىرىدا دۇئا، دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىشىغا ياردەم بولىدىغان سەۋەبلەر، دۇئانى ئىشەنچ بىلەن قىلىش قاتارلىق دۇئا قىلىشتىكى ئەدەبلەر قىسقىچە بايان قىلىندى. دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىت ۋە ئورۇن، دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىنى چەكلەيدىغان ئامىللار ۋە ئىجابەت بولۇشنىڭ تۈرلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 5113- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى