جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

تەشرىق كۈنلىرى توغرىسىدا

سۇئال

تەشرىق كۈنلىرى قايسى؟، بۇ كۈنلەرنىڭ باشقا كۈنلەرگە كۆرە قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تەشرىق كۈنلىرى دېگەن: زۇلھەججىنىڭ ئون بىرىنچى، ئون ئىككىنچى ۋە ئون ئۈچىنچى كۈنلىرىدىن ئىبارەت، بۇ كۈنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقى توغرىسىدا ئايەت-ھەدىسلەر بايان قىلىنغان:

    1-ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاذْكُرُوا اللَّـهَ فِي أَيَّامٍ مَّعْدُودَاتٍ تەرجىمىسى: ساناقلىق كۈنلەردە (تەشرىق كۈنلىرى يەنى قۇربان ھېيتنىڭ 1 – 2 – 3 كۈنلىرىدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار (نامازلىرىڭلارنىڭ ئاخىرىدا تەكبىر ئېيتىڭلار). [سۈرە بەقەرە سۈرىسى 203-ئايەت].

    ئىبنى ئۆمەر ۋە كۆپچىلىك ئۆلىمالار ساناقلىق كۈنلەر دېگەن تەشرىق كۈنلىرى دېگەن قاراشنى تاللىغان.

   2-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەشرىق كۈنلىرى توغىرسىدا: تەشرىق كۈنلىرى يېمەك-ئىچمەك ۋە ئاللاھنى زىكىر قىلىش كۈنلىرى دېگەن. تەشرىق كۈنلىرىدە ئاللاھنى ياد ئېتىش ئۈچۈن بۇيرۇلغان زىكىرلەر بىرقانچە تۈرلۈك بولىدۇ:

    ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: ھەر بىر پەرز نامازدىن كېيىن ئاللاھنى زىكىر قىلىش بولۇپ، بۇنداق قىلىش كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا تەشرىق كۈنلىرىنىڭ ئاخىرغىچە يولغا قويۇلغان.

   -قۇربانلىق ياكى ھەدىيە ماللىرىنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ، تەكبىر ئېيتىش، قۇربانلىق ۋە ھەدىيەلەرنى بوغۇزلاشنىڭ ۋاختى تەشرىقنىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن پاتقىچە بولىدۇ.

   -يېمەك-ئىچمەكنى باشلىغاندا ئاللاھنى زىكىر قىلىش، يېمەك-ئېچمەكنىڭ ئاۋۋىلىسىدا ئاللاھنى زىكىر قىلىش ئاخىرىدا ھەمدە ئېيتىش يولغا قويۇلغان، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا يېمەك-ئېچمەكتىن كېيىن ئۆزىگە ھەمدە ئېيتقان بەندىسىنى ياخشى كۆرىدۇ، دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى2734-ھەدىس].

-تەشرىق كۈنلىرى شەيتانلارغا تاش ئاتقاندا تەكبىر ئېيتىش بىلەن ئاللاھنى ياد قىلىش، بۇ ھاجىلارغا خاس بولىدۇ.

    -ئاللاھ تائالانى مۇتلەق زىكىر قىلىش: تەشرىق كۈنلىرىدە ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىش ياخشى بولىدۇ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مىنادا ئۆز چېدىرىدا ئولتۇرۇپ تەكبىر ئېيتاتتى، بۇنىڭ ئاڭلىغان كىشىلەرمۇ تەكبىر ئېيتاتتى، تەكبىر ساداسىدىن مىنا تەۋرىنىپ كېتەتتى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَإِذَا قَضَيْتُم مَّنَاسِكَكُمْ فَاذْكُرُوا اللَّـهَ كَذِكْرِكُمْ آبَاءَكُمْ أَوْ أَشَدَّ ذِكْرًا فَمِنَ النَّاسِ مَن يَقُولُ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا وَمَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِنْ خَلَاقٍ  تەرجىمىسى: «سىلەر ھەجگە ئائىت ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھنى ئاتا ـ بوۋاڭلارنى ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياد ئېتىڭلار. بەزى كىشىلەر: ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە (نېسىۋىمىزنى) بۇ دۇنيادىلا بەرگىن دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ياخشىلىقتىن) ھېچ نېسىۋە يوقتۇر، بەزى كىشىلەر: پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن دەيدۇ. [بەقەرە سۈرىسى 200-201-ئايەت].

    سەلەپ ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى تەشرىق كۈنلىرىدە دۇئانى كۆپ قىلىش ياخشى دېگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە: تەشرىق كۈنلىرى يېمەك-ئېچمەك ۋە ئاللاھنى زىكىر قىلىش كۈنلىرى دېگەن بولۇپ، بۇ ھېيت كۈنلىرىدىكى يېمەك-ئېچمەك بىلەن ئاللاھنى ياد قىلىش-زىكىر ئېيتىش، تائەت-ئىبادەت قىلىشقا يۈزلىنىدۇ، مانا بۇ بېرىلگەن نېمەت بىلەن تائەت –ئىبادەت قىلىش نېمەتكە تولۇق شۈكۈر ئېيتىش ھېسابلىنىدۇ.

    ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پاكىزە نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىپ ئۆزىگە شۈكۈر ئېيتىشقا بۇيرىدى، ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشقا ئىستىمال قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ نېمىتىگە تۇزكورلۇق قىلغان ۋە نېمەتنى كۇپىرغا ئالماشتۇرغان بولىدۇ، ئۇنىڭداق كىشىگە بېرىلگەن نېمەت قايتۇرۋېلىشقا لايىق بولىدۇ، ھۆكۈمالار مۇنداق دەيدۇ: سەن ئالى نېمەتتە بولساڭ گۇناھ-مەسىيەت ئۇ نېمەتنى يوق قىلىدۇ، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىش نېمەتنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە بالانى يوق قىلىدۇ.

   3-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلەپ: بۇ كۈنلەردە روزا تۇتماڭلار، بۇ يېمەك-ئېچمەك ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىش كۈنلىرىدۇر، دېگەن. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 10286-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 3573-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن. ئىبنى رەجەپنىڭ "لەتائىپۇل مەئارىپ" 500-بەتكە قارالسۇن].

    ئەي ئاللاھ! بىزنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، سەكراتتا مۇستەھكەم قىلغىن، ياخشىلىق، ئاتا-ئېھسانلىرى كۆپ بولغان ئاللاھ! بىزگە ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن رەھمەت قىلغىن. بارلىق گۈزەل ماختاشلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى