پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھۇشىنى يوقىتىپ قويغان كىشىنىڭ روزىسى توغرىسىدا

سۇئال

 قىسقا مۇددەت ھۇشىنى يوقىتىپ قويۇش كېسىلىگە دۇچكەلگەن كىشىگە روزا تۇتۇش ۋاجىپ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شۇنداق، رامزاندا ھۇشىنى يوقۇتۇش كېسىلىگە دۇچار بولغان كىشىگە روزا تۇتۇش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ زىممىسىدىن روزا ساقىت بولمايدۇ.

   شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن:  بىر قانچە سائەت ھۇشىنى يوقىتىپ قويغان كىشىگە روزا تۇتۇش كېرەك بولامدۇ؟دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " ئۇ كىشىنىڭ ھۇشى -ئىدراكى بىر قانچە سائەت يوقالغان بولسا، ئۇ كىشىگە روزا تۇتۇش كېرەك بولىدۇ، بۇ بەزى كۈندۈزدە ياكى كېچىدە بىر قانچە سائەت ئۇخلاپ ئۇنىڭدىن ھۇشى-ئىدراكى يوقالغان كىشىگە ئوخشايدۇ، بۇ ئىش ئۇ كىشىگە روزىنىڭ ۋاجىپ بولىشىنى چەكلىمەيدۇ. "[شەيخ بىن باز پەتىۋالىرى"  15 -توم 210 -بەت.]

    لېكىن ھوشسىزلىق ۋاقتى ئۇزۇراپ پۈتۈن بىر كۈن بولۇپ قالسا، تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن پاتقۇچە، ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولمايدۇ، ئۇ كىشىگە شۇ كۈننىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر كۈندۈزدە ھۇشىغا كېلىپ قالسا، ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ.   9245 -12425 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى