جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

روزىدار كىشىدىن قان چىقسا، ئۇ سەۋەبلىك روزىسى بۇزۇلامدۇ؟

سۇئال

  روزىداردىن ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن قان ئېلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. قان ئالدۇرغانلىق سەۋەبلىك روزا بۇزۇلامدۇ ياكى بۇزۇلمامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلانى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئادەتتە ئۇ كىشىدىن ئاز مىقداردا قان ئېلىنغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، ئۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، ئەگەر ئۇ كىشىدىن ئادەتتىكىدىن كۆپ مىقداردا قان ئېلىنغان بولسا، ئۇ كىشى ئىختىلاپتىن چىقىش، ئېھتىياتنى تۇتۇش ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مەنبە: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋالىرى 10-توم 263-بەت.