شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

رامىزان ئېيىدا ياخشىلىق ۋە يامانلىق زىيادە بولامدۇ؟

سۇئال

   رامىزان ئېيىدا ياخشىلىق زىيادە بولغانغا ئوخشاش يامانلىقمۇ زىيادە بولىدۇ دېگەن توغرا سۆزمۇ؟ بۇنىڭ دەلىلى بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   شۇنداق، ياخشىلىق ۋە يامانلىق مۇقەددەس ئورۇنلاردا ۋە پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردا زىيادە بولىدۇ، لېكىن بۇ يەردە ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ زىيادە بولىشىنىڭ ئارىسىدا پەرق بار، ياخشىلىقنىڭ زىيادە بولىشى سانىنىڭ كۆپ بولىشى يەنى بىر ياخشىلىق ئۆزىدىن ئون، يۈز ۋە ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋابنىڭ كاتتا بولىشىدۇر، يامانلىقنىڭ زىيادە بولىشى بولسا، ئۇنىڭ جىنايىتىنىڭ كاتتا بولىشى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازا-ئازابنىڭ قاتتىق بولىشىدىن ئىبارەتتۇر. سان جەھەتتە يامانلىقنىڭ سانى زىيادە قىلىنمايدۇ، بىر يامانلىق ئوخشاشلا بىر يامانلىق ھېسابلىنىدۇ.

    "مۇتالىب ئۇلىن نۇھا"2-توم 385-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ياخشىلىق ۋە يامانلىق مەككە، مەدىنە، بەيتىل مەقدىس ۋە مەسچىت قاتارلىق مۇقەددەس ئورۇنلاردا  ۋە جۈمە كۈنى، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار ۋە رامىزان ئېيى قاتارلىق پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردا زىيادە بولىدۇ. ياخشىلىقنىڭ زىيادە بولىشىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، ئەمما يامانلىقنىڭ زىيادە بولىشى توغرىسىدا: ئىبنى ئابباس ۋە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارغا ئەگەشكەن بىر قىسىم ئالىملار  زىيادە بولىدۇ دېگەن. ئىبنى ئابباس ۋە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يامانلىقنىڭ زىيادە بولىشى توغرىسىدىكى سۆزىنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىملار بولسا:" ئۇلار يامانلىقنىڭ زىيادە بولىشىدا ئۇنىڭ سانىدا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ زىيادە بولىدىغانلىقىنى مەقسەت قىلدى دەيدۇ".

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: مۇسۇلمان روزا تۇتۇش بىلەن چوڭ-كېچىك گۇناھلىرىغا كاپارەت بولۇش ھاسىل بولامدۇ؟ رامزاندا سادىر قىلغان گۇناھنىڭ جازاسى زىيادە بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "شەرىئەتتە يولغا قويۇلغىنى: مۇسۇلمان رامزاندا بولسۇن ياكى باشقا ۋاقىتلاردا بولسۇن نەپسىنى ياخشىلىققا بۇيرۇش بىلەن خاتىرجەم بولىدىغان ۋە ئۇنىڭغا رىغبەتلىنىدىغان بولغانغا قەدەر ئۇنىڭغا قارشى تىرىشچانلىقىنى بوشاشتۇرماسلىق، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بولغان ئىبلىسنىڭ ۋەسۋەسىسى ۋە ئازدۇرۇشىدىن سالامەت قالغانغا قەدەر تىرىشچانلىق قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ.  مۇسۇلمان دۇنيادا ئۆزىنىڭ نەپسىگە، ھاۋايى ھەۋىسىگە ۋە شەيتانغا قارشى چوڭ جىھادنى داۋاملاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تۆۋە-ئىستىغپارنى كۆپ ئېيتىپ تۇرۇشى كېرەك، لېكىن ۋاقىتلارنىڭ بەزىسى بەزىلىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ، رامىزان ئېيى بولسا يىل ئېچىدىكى ئايلارنىڭ ئەۋزىلىدۇر. ئۇ رەھمەت، مەغپىرەت ۋە دوزاختىن ئازات قىلىنىدىغان ئايدۇر. ئاي ۋە ئورۇن پەزىلەتلىك بولىدىكەن، ئۇنىڭدا قىلىغان ياخشىلىق ھەسسىلەپ زىيادە بولىدۇ، يامانلىقنىڭ جازاسىمۇ كاتتا بولىدۇ، رامزاندا سادىر قىلغان يامانلىقنىڭ جازاسى باشقا ئايلارغا قارىغاندا ئېغىر بولىدۇ، خۇددى رامزاندا قىلىنغان تائەت-ئىبادەتنىڭ ئەجىر-ساۋابى باشقا ئايلارغا قارىغاندا ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا كاتتا ۋە كۆپ بولغانغا ئوخشاش.

    رامزاننىڭ دەرىجىسى-مەرتىۋىسى شۇنداق ئۇلۇغ، كاتتا بولىدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا قىلىنغان تائەت-ئىبادەتلەرنىڭ دەرىجىسى كاتتا ۋە ساۋابى كۆپ بولىدۇ. رامزاندا قىلىنغان گۇناھ-مەسىيەتنىڭ جىنايىتى ۋە جازاسىمۇ باشقا ئايلاردا قىلىنغاندىن چوڭ ۋە قاتتىق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان بۇ مۇبارەك ئاينى تائەت-ئىبادەت، ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش، گۇناھ-مەسىيەتلەردىن قول ئۈزۈش بىلەن بۇ ئاينى غەنىمەت بىلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا شۇنداق قىلغان كىشنىڭ ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇشقا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، لېكىن يامانلىق رامزاندا بولسۇن ياكى باشقا ۋاقىتلاردا بولسۇن دائىم ئوخشاش بولىدۇ، سان جەھەتتە زىيادە بولمايدۇ. ئەمما ياخشىلىق بولسا ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىگىچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ زىيادە بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  مَنْ جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ عَشْرُ أَمْثَالِهَا وَمَنْ جَاءَ بِالسَّيِّئَةِ فَلا يُجْزَى إِلا مِثْلَهَا وَهُمْ لا يُظْلَمُونَ  تەرجىمىسى: «بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بولىدۇ، بىرەر يامانلىق قىلغان ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەر جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ». [سۈرە ئەنئام 160-ئايەت].   بۇ ھەقتە ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپ.

    شۇنىڭدەك ئىككى ھەرەمگە ئوخشاش مۇقەددەس ئورۇنلاردا ياخشىلىق سان ۋە دەرىجە جەھەتتە ھەسسىلەپ زىيادە بولىدۇ، ئەمما يامانلىق بولسا يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك مۇقەددەس ئورۇن ۋە پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردا ساندا زىيادە بولمايدۇ لېكىن جىنايىتى ئېغىر ۋە جازاسى قاتتىق بولىدۇ. ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر". ["تۈرلۈك ماقالىلەر ۋە پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 15-توم 446-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "شەرھىل مۇمتىئ" 7-توم 262-بەتتە مۇنداق دېگەن: "ياخشىلىق ۋە يامانلىق مۇقەددەس ئورۇن ۋە پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردا زىيادە بولىدۇ".

    ياخشىلىق سانى ۋە دەرىجىسى بىلەن زىيادە بولىدۇ، يامانلىق بولسا ئۇنىڭ جىنايىتى زىيادە بولىدۇ سانى زىيادە بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مەككىدە نازىل بولغان ئەنئام سۈرىسىدە مۇنداق دېگەن: مَنْ جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ عَشْرُ أَمْثَالِهَا وَمَنْ جَاءَ بِالسَّيِّئَةِ فَلا يُجْزَى إِلا مِثْلَهَا وَهُمْ لا يُظْلَمُونَ تەرجىمىسى: «بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بولىدۇ، بىرەر يامانلىق قىلغان ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەر جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.»

     ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: وَمَنْ يُرِدْ فِيهِ بِإِلْحَادٍ بِظُلْمٍ نُذِقْهُ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ تەرجىمىسى: «كىمكى مەسجىدى ھەرەمدە زۇلۇم بىلەن گۇناھ قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز» [سۈرە ھەج 25-ئايەت]. ئاللاھ تائالا : ئۇنىڭ يامانلىقىنى زىيادە قىلىمىز دېمەستىن بەلكى ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز دېدى، مەككە ياكى مەدىنىدە يامانلىقنىڭ جازاسى قاتتىق ۋە دەرتلىك بولىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز دېدى".

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى