پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھېيت كېچىسى ۋە كۈندۈزىدە ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

ئىككى ھېيت كېچىسى ۋە كۈندۈزىدە ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، مەن بەزى دوستلىرىمدىن بۇنداق قىلسا بولمايدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سىزنىڭ بەزى دوستلىرىڭىزدىن ئاڭلىغىنىڭىز توغرا ئەمەس، چۈنكى ھېيت كېچىسى ياكى كۈندۈزىدە جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش دۇرۇس بولىدۇ، پەقەت رامىزاننىڭ كۈندۈزدە، ھەج-ئۆمرە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندە، ئاياللار ھەيزدار ۋە نىپاسدار بولغان ھالەتتە جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش چەكلىنىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى