پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئۆيدە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

ئۆيدە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش توغرا بولامدۇ؟، ئېرى ئىمام بولۇپ ئايالى قاتارلىقلار جامائەت بولسا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تەراۋىھ نامىزى تەكىتلەنگەن سۈننەت بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: رامزاندا ئاللاھقا ئىشىنىپ، ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغان كىشىنىڭ ئىلگىركى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 37-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى759-ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلار بىلەن بىر قانچە كېچە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغان، كېيىن تەراۋىھ نامىزىنىڭ ئۈممەتكە پەرز بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقمىغان، ئاندىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە ئۇلارنى بىر ئىمام ئارقىسىدا تەراۋىھ ئوقۇشقا توپلىغان، شۇنىڭدىن ئىتىبارەن تەراۋىھ نامىزى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر جامائەت بولۇپ ئوقۇلىۋاتىدۇ.

    ئىسمائىل ئىبنى زەيياد مۇنداق دەيدۇ، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رامزاندا كېچىلىرى چىراق يورۇتۇلغان مەسچىتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ مۇنداق دېدى: "ئاللاھ تائالا بىزگە مەسچىتلىرىمىزنى نۇرلاندۇرغاندەك، ئۆمەرنىڭ قەبرىسىنى نۇرلاندۇرسۇن!". [ئەسرەم رىۋايىتى. ئەلمۇغنى ناملىق ئەسەرنىڭ 1-توم 457-بىتىدە نەقىل قىلىنغان].

    بەھۇتىي "دەقائىق ئۇلىننۇھا"1-توم 2245-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇغاندىن مەسچىتتە ئوقۇغان ياخشى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەر بىلەن ئارقىمۇ-ئارقا ئۈچ كۈن تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغان بۇنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان".

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىمام بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇپ قايتقان كىشىگە بىر كېچە قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدۇ.

     ئىمام شەۋكانىي رەھىمەھۇللاھ "نەيلىل ئەۋتار" ناملىق ئەسىرى 3 -توم 62-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ: ئۆلىمالار تەراۋىھ نامىزىنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن دەپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە يالغۇز ئوقۇش ياخشىمۇ ياكى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇش ياخشىمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپلاشتى، ئىمام شافىئى ۋە ئۇنىڭ كۆپچىلىك ھەمراھلىرى، ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام ئەھمەد، بەزى مالىكى ئۆلىمالىرى ۋە باشقا ئالىملار: تەراۋىھ نامىزىنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ساھابىلارنىڭ قىلغىنىدەك ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگىنى بويىچە ئوقۇش ياخشى، چۈنكى بۇ ئىسلامنىڭ ئاشكارا شۇئارلىرىدىن دەپ قارىغان".

    تەراۋىھ نامىزىنى مەسچىتنىڭ جامائىتى بىلەن ئوقۇش ياخشى، لېكىن ئىنسان ئۆيىدە يالغۇز ياكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جامائەت بولۇپ ئوقۇسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ.

    ئىمام نەۋەۋىي "ئەلمەجمۇئ" 3-توم 526-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "تەراۋىھ نامىزى بارلىق ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى بىلەن سۈننەت بولۇپ، يالغۇز ئوقۇسىمۇ ياكى جامائەت بىلەن ئوقۇسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما ئۆيدە يالغۇز ئوقۇغان ياخشىمۇ ياكى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇغان ياخشىمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە، مەشھۇر ئىككى خىل قاراش بولۇپ، توغرىسى شافىئى مەزھەپ ئۆلىمالىرىنىڭ بىرلىكى بىلەن جامائەت بىلەن ئوقۇش ياخشىدۇر.

     ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى