پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

سەھۋەنلىك سەجدىسى ۋە ئۇ ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا نېمە دەيدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   سەۋەنلىك سەجدىسى ۋە ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا نېمە ديمىز؟ پەرز نامازدا ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا دېگەن دۇئالارنى دېسەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، سەۋەنلىك سەجدىسى ئارىسىدا ئوقۇلىدىغان مۇئەييەن دۇئا خاس قىلىنمىدى، شۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇنىڭ ھۆكمىمۇ نامازنىڭ سەجدىسىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. ئۇنىڭدىمۇ «سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا»نى دېسەك ۋە باشقا دۇئا قىلساق بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بەندىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقتى سەجدىدىكى ھالىتىدۇر، ئۇ ھالەتتە دۇئانى كۆپ قىلىڭلار» دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 482-ھەدىس].

   سەھۋەنلىك سەجدىسىنىڭ ئارىسىدا نامازنىڭ سەجدىسىنىڭ ئارىسىدا «رەببىم مېنى مەغپىرەت قىلغىن» دېگەندەك دۇئا-زىكىرلەرنى ئېيتساق بولىدۇ. بۇ ھەقتە 13340- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلمەجمۇ" 4-توم 72-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: «سەھۋەنلىك سەجدىسى ئىككى سەجدە بولۇپ ئۇ ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرىدۇ، ئۇنىڭدا ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ سول پۇتىنى يېيىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرۇش سۈننەت بولىدۇ، سەھۋەنلىك سەجدىسىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن سالام بېرىپ بولغۇچە ئىككى پۇتىنى بىر تەرەپتىن چىقىرىپ ئولتۇرىدۇ، سەھۋەنلىك ئىككى سەجدىسى ھەيئەتتە، زىكىردا ۋە سۈپەتتە پەرز نامازنىڭ سەجدىسىگە ئوخشايدۇ". ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلىدۇ.

    "شەرھىل كەبىير" 4-توم 96-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "سەھۋەنلىك سەجدىسىدە نامازنىڭ سەجدىسىدە دېگەن زىكىر-دۇئالارنى دەيدۇ، بۇ نامازدىكى سەجدىگە سېلىشتۇرۇلىدۇ".  

    "ئەسنەل مەتالىب" 1-توم 195-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "سەھۋەنلىك سەجدىسى ئىككى سەجدە بولىدۇ، ئۇنىڭ قانداقلىقى نامازنىڭ سەجدىسىگە ئوخشايدۇ، ئۇ ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ، سول پۇتىنى يېيىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرىدۇ، نامازدىكى سەجدىدە ئوقۇيدىغان زىكىر-دۇئالارنى ئوقۇيدۇ".

    "مۇغنىل مۇھتاج" 1-توم 439-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "سەھۋەنلىك سەجدىسى قانداق سەجدە قىلىش، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا قانداق ئولتۇرۇش سەجدە قىلغان قايسى زىكىر-دۇئالارنى ئوقۇش قاتارلىق ئىشلاردا نامازنىڭ سەجدىسىگە ئوخشايدۇ.  ئەزرەئىي: سەھۋەنلىك سەجدىسى ئارىسىدا جىم تۇرىدۇ دەيدۇ.

   بۇنىڭ ئېنىق ئىپادىسى: ئۇ ھەر تەرەپتىن نامازدىكى سەجدىگە ئوخشايدۇ.

    دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسىدا مۇنداق كەلگەن: "سەھۋەنلىك سەجدىسى ۋە تىلاۋەت سەجدىسىدە سەجدە قىلغۇچى نامازنىڭ سەجدىسىدە دېگەن زىكىر-دۇئالارنى دەيدۇ، بىر قېتىم "سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا" دېيىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەڭ ئاز بولغاندا ئۈچ قېتىم دېيىش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا شەرىئەتتە مۇھىم بولغان ۋە ئاللاھ ئاسان قىلغان دۇئالارنى قىلىش مۇستەھەپ بولىدۇ". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 6-توم 443-بەت].

    بەزى ئالىملار سەھۋەنلىك سەجدىسىدە: "سەھۋەنلىك سادىر بولمايدىغان ۋە ئۇخلاپ قالمايدىغان ئاللاھ ھەممىدىن پاكتۇر" دېيىش مۇستەھەپ بولىدۇ دېگەن.

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر "ئەتتەلخىس" 2-توم 12-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭ ئەسلى بارلىقىنى بىلمەيمەن".

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى