پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تەرجىمىسى بار مۇسھەف(قۇرئاننىڭ يېزىلمىسى )نىڭ بىر نۇسخىسىنى كاپىرغا بىرىشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

دەۋەت مەقسىتىدە غەيرى مۇسۇلمانلارغا ئەسلىدىكى ئەرەپچە تېكىستى بار قۇرئان مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى بىرىشكە بولامدۇ ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
پەزىلەتلىك پېشىۋا مۇھەممەت بىن سالىھ ئۇسەيمىينگە تۆۋەندىكى سۇئالنى سۇنغانىدۇق :
ئەرەپچە تېكىستنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمدە تەرجىمە ۋە يەشمە ئۇنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدىغان قۇرئاننىڭ بىر نۇسخىسىنى كاپىرغا بىرىشنىڭ ھۆكمى نىمە ؟
ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەردى (ئاللاھ ئۇنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن) :
ئالىملار ئارىسىدا ھەممىگە مەلۇم نەرسە شۇكى ، كاپىرنى قۇرئانغا ئىگە قىلىشقا بولمايدۇ ، لىكىن كاپىر قۇرئان ھەققىدە كۆپرەك بىلىش ئارزۇسىدا سەمىمىي بولسا ، بىر ئادەم ئۇنى ئاممىۋى كۈتۈپخانىغا ياكى ئۆزىنىڭ شەخسى كۈتۈپخانىسىغا كىلىشكە تەكلىپ قىلسا ، ھەمدە ئۇ يەردە ئۇنىڭغا قۇرئاننى كۆرسەتسە بولىدۇ .
ئەگەر سىز ئەرەپچە تېكىستى يوق قۇرئان مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى تاپسىڭىز ، ئاندىن ئۇنى كاپىرغا بەرسىڭىز ئۇنىڭدا چاتاق يوق . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
پېشىۋا مۇھەممەت بىن سالىھ ئۇسەيمىين
 

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۈسەيمىن رەھىمەھۇللاھ.