سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

مۇھەررەمنىڭ ئونىنچى (ئاشۇرا) كۈنىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ۋە ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا

سۇئال

كىشىلەرنىڭ ئاشۇرا كۈنىدە قىلىۋاتقان، سۈرمە تارتىش، يۇيۇنۇش، خېنە قويۇش، ئۆزئارا كۆرۈشۈش، دانلارنى پۇشۇرۇپ خۇرسەنلىكنى ئىزھار قىلىش قاتارلىق ئىشلار قانداق بولىدۇ؟ بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنغانمۇ ياكى قىلىنمىغانمۇ؟ ئەگەر سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان بولسا، ئۇ ئىشلارنى قىلىش بىدئەت بولامدۇ، بولمامدۇ؟ يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، قايغۇرۇش، ئۇسسۇزلۇق، ياقىلىرىنى يىرتىش ۋە ئۈن سېلىپ يىغلاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشىنىڭ بىرەر ئاساسى بارمۇ ياكى يوقمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
   ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىرەر سەھىھ ھەدىس ياكى ساھابىلاردىن بىرەر ئەسەر كەلمىدى، شۇنداقلا تۆت مەزھەب ئىماملىرى بولسۇن ياكى باشقا ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ھېچ بىرىدىن بۇنداق قىلىش ياخشى دەيدىغانلىق توغرىسىدا بىرەر سۆز نەقل قىلىنمىغان. ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان كىتابلارنىڭ ھېچ بىرىدىمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ياكى ساھابىلاردىن ياكى تابىئىنلاردىن سەھىھ بولسۇن ياكى زەئىپ بولسۇن، سەھىھ كىتابلاردا بولسۇن ياكى سۈننەت-مۇسنەد كىتابلىرىدا بولسۇن بىر نەرسە بايان قىلىنمىغان، شۇنداقلا ئالتۇن دەۋىر بولغان ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ئەسىرلىرىدە بۇنداق مەزمۇندىكى ھەدىسلەر مەيدانغا چىقمىغان، لېكىن كېيىنكى ئۆلىمالارنىڭ بەزىسى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەزى ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغان: "ئاشۇرا كۈنىدە سۈرمە تارتقان كىشىنىڭ شۇ يىلى كۆز ئاغرىمايدۇ"، "ئاشۇرا كۈنى يۇيۇنغان كىشى  شۇ يىلى كېسەل بولمايدۇ" دېگەندەك ئەسلى يوق رىۋايەتلەر. ئۇلار يەنە: "ئاشۇرا كۈنىدە ناماز ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى"، "ئاشۇرا كۈنىدە ئادەم ئەلەيھىسسالام تەۋبە قىلغان، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى جۇدىي تېغىدا توختىغان، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامغا قايتۇرغان، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوتتىن قۇتقۇزغان، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىغا قوچقار پىدىيە بېرىلگەن" دېگەندەك توقۇلمىلار ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىلگەن: ئاشۇرا كۈنىدە ئائىلىسىگە كەڭرى خىراجەت قىلىپ بەرگەن كىشىگە ئاللاھ تائالا يىلنىڭ باشقا كۈنلىرىدە كەڭرىچىلىك بېرىدۇ دېگەندەك توقۇلما ھەدىسلەر. 
   ئاندىن شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ئىراقنىڭ كۇپە شەھىرىدە ئاشۇرا كۈنىنى ئۆزىنىڭ بىدئەت پائالىيەتلىرى ئۈچۈن بايرام قىلىۋالغان ئازغۇن ئىككى تائىپەنى بايان قىلىدى: راپىيزىلار تائىپىسى ئەھلى بەيتنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاشكارا قىلىدۇ، ئۇلار ئەمىلىيەتتە دىندىن چىققان زىندىيق ياكى نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىدىغان جاھىللار. ناسىبىيە تائىپىسى بولسا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى ئۆزئارا يۈزبەرگەن ئۇرۇش ۋە پىتنىلەر سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆچ كۆرىدۇ. ئىمام مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: يېقىندا سەقىپ قەبىلىسىدىن پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغۇچى كاززاب ۋە زالىم ئوتتۇرغا چىقىدۇ. ئۇ: مۇختار ئىبنى ئەبۇ ئۇبەيد سەقەپىي، ئۇ ئەھلى بەيتكە بولغان ياخشى كۆرۈشىنى ئاشكارا قىلاتتى ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرەتتى. مۇختار ھۈسەين ئىبنى ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يوشۇرۇن قوشۇن تەشكىللەپ ئۆلتۈرگەن ئىراقنىڭ ئەمىرى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى زەيادنى ئۆلتۈردى، ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلاپ، پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىپ، جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە ۋەھىي ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى، ھەتتا كىشىلەر بۇ سۆزنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسقا يەتكۈزدى، ئۇلار بۇ ئىككى ساھابىنىڭ بىرىگە: "مۇختار ئىبنى ئەبى ئۇبەيد ئۆزىگە ۋەھيى چۈشىدىغانلىقىنى دەيدۇ، دېگەندە، ئۇلاردىن بىرى: راست دەپتۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: هَلْ أُنَبِّئُكُمْ عَلَى مَنْ تَنَزَّلُ الشَّيَاطِينُ تَنَزَّلُ عَلَى كُلِّ أَفَّاكٍ أَثِيمٍ تەرجىمىسى: (ئى مۇھەممەد! مەككە كۇففارلىرىغا ئېيتقىنكى)سىلەرگە مەن شەيتانلارنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ئۇلار ھەربىر ئىغۋا توقۇغۇچى، گۇناھكارغا چۈشىدۇ. [سۈرە شۇئەرا 221-222-ئايەتلەر]. 
    ئۇلار ئىككى ساھابىنىڭ يەنە بىرىگە: مۇختار ئىبنى ئەبۇ ئۇبەيد ئۆزىگە ۋەھيى قېلىنىدۇ دەپ قارايدىكەن دېگەندە، ئۇ ساھابە: راست دەپتۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِنَّ الشَّيَاطِينَ لَيُوحُونَ إلَى أَوْلِيَائِهِمْ لِيُجَادِلُوكُمْ تەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، شەيتانلار ئۆز دوستلىرىنى (يەنى مۇشرىكلارنى) سىلەر بىلەن دەتالاش قىلىشقا ۋەسۋەسە قىلىدۇ. [ئەنئام سۈرىسى 121-ئايەت]. 
    ئەمما زالىم بولسا ئۇ: ھەججاج ئىبنى يۈسۈپ سەقەپىيدۇر، ئۇ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى توغرىسىدا توغرا يولدىن چېقىپ كەتكەن. بۇ ئەھلى بەيتنى ئۆچ كۆرۈدىغان ناسىبىيەلەردىن ئىدى، مۇختار بولسا راپىزىيلاردىن بولۇپ، ئۇ دىندا يالغان، توقۇلمىلارنى ۋە كۇپىرنى پەيدا قىلغان ۋە پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغان بولۇپ بۇنىڭ جىنايىتى كاتتىدۇر. 
     كۇپەدە بۇ ئىككى پىرقە ئارىسىدا پىتنە ۋە ئۇرۇشلار بولۇپ تۇراتتى، ھۈسەين ئىبنى ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاشۇرا كۈنىدە ھەددىدىن ئاشقۇچى، زالىم گورۇھلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقىتتا، ئاللاھ تائالا ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى ھەمزە، جەپەر ۋە دادىسى ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىقلارنى شاھادەت مەرتىۋېىسى بىلەن ئېززەتلىگەندەك ئۇنىڭغىمۇ شاھادەت مەرتىۋىسى ئاتا قىلدى، شېھىتلىك مەرتىۋىسى بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلدى، مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلدى، ئۇ ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جەننەت ياشلىرىنىڭ خوجىسى بولدى، بۇنداق يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە ئېغىر بالا-مۇسىيبەتلەر بىلەن سىنالغاندا يەتكىلى بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئىنسانلارنىڭ قايسىسى ئەڭ قاتتىق سىنىلىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: پەيغەمبەرلەر، ئاندىن سالىھ-ياخشى كىشىلەر، ئاندىن ئۇلارغا يېقىن بولغانلىرى، ئاندىن ئۇلارغا يېقىن بولغانلىرى، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ دىنى-ئىمانى بويىچە سىنىلىدۇ، ئەگەر دىندا مۇستەھكەم بولسا، ئۇنىڭ بالا-مۇسىيبىتى زىيادە بولىدۇ، ئەگەر دىندا بوش-ئاجىز بولسا ئۇنىڭ مۇسىيبىتى يەڭگىل بولىدۇ، مۆئمىن ھەمىشە بالا-مۇسىبەت بىلەن سىنىلىپ ھەتتا زېمىننىڭ ئۈستىدە گۇناھتىن خالى، يەنى خاتالىقى بولمىغان ھالەتتە يۈرۈيدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى].
    ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ئۈچۈن ئاللاھ تەرەپتىن ئىلگىرى بېكىتىلگەن يۇقىرى مەرتىۋىلەر بولدى، بۇ ئىككەيلەن ئۈچۈن بۇلارنىڭ خانىدانىدىكى ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلەرگە يەتكەن ئەزىيەت، بالا-مۇسىيبەتلەر يەتمىگەن، چۈنكى بۇ ئىككەيلەن ئىسلامنىڭ ئىززىتى ۋە شان شەرىپىدە ئۆسۈپ يېتىلدى، مۇسۇلمانلار بۇ ئىككىيلەننى ئىززەتلەيتتى ۋە ھۆرمەت قىلاتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا، بۇ ئىككەيلەن بالاغەت يېشىغا يەتمىگەن، ئاللاھ تائالا بۇ ئىككىيلەنگە نېئمەت ئاتا قىلىپ، بۇلارنى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە قېتىش ئۈچۈن ئۇلاردىن بۇرۇنقى ئېسىل كىشىلەرنى سىنىغاندەك ئۇلارنى بالا-مۇسىيبەتكە مۇپتىلا قىلدى، دادىسى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئىككىيلەندىن پەزىلەتلىك ئىدى، ئۇ كىشى شېھىت قىلىندى، خۇددى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئىنسانلار ئارىسىدا چوڭ پىتنىگە سەۋەپ بولغىنىدەك، ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىمۇ  ئۈممەتنىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە بۆلۈنۈشىگە سەۋەپ بولدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە مۇنداق دېگەن: كىمكى ئۈچ تۈرلۈك پىتنىدىن نىجات تاپسا نىجاتلىققا ئېرىشكەن بولىدۇ: مېنىڭ ۋاپاتىم، سەۋىرچان خەلىپىنىڭ ئۆلتۈرلىشى ۋە دەججالدىن ئىبارەت
    ئاندىن شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سىيرەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئادىللىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: "ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولۇپ ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە ئىززىتىگە ئېرىشتى، بىر گورۇھ كىشىلەر ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مەخپى خەت يېزىپ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغانلىقى ۋە ئىشنى باشلىسا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ۋەدىگە ۋاپا قىلىدىغان كىشىلەر ئەمەس ئىدى، ئۇلارغا تاغىسىنىڭ ئوغلىنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەندە، ئۇلار ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەھدىسىنى بۇزدى، ئۇنىڭ قارشىسىدا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغان ۋە بىرگە ئۇرۇش قىلىدىغان كىشىلەرگە قارشى تۇردى، ئىبنى ئابباس ۋە ئىبنى ئۆمەرگە ئوخشاش ھۈسەيننى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا توغرا يول كۆرسىتىدىغان كىشىلەر ئۇنى كۇپە شەھىرىگە بېرىشتىن توستى، ھۈسەين ئۇلارنىڭ مەسلەھەتىنى قوبۇل قىلمىدى، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ھۈسەيننىڭ ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىشى ياخشىلىق ئەمەس ۋە بۇنىڭ ئاقىۋېتى كىشىنى خۇرسەن قىلمايدۇ دەپ قارايتتى، ئىش ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك بولدى، ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان ئىشى بولدى. ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ چىققاندا ئىشنىڭ تامامەن ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆردى، ئۇلاردىن قايتىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلىشنى ياكى بەزى چېگرا تەرەپكە كېتىشنى ياكى تاغىسىنىڭ ئوغلى بولغان يەزىدنىڭ يېنىغا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار ھۈسەيننى ھەممىدىن چەكلىدى ھەتتا ئۇنى ئەسىر ئالماقچى بولدى، ھۈسەين ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشتى ئۇلارمۇ ئۇرۇشتى ۋە ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان كىشىلەرنى زۇلۇم قىلىپ شېھىت قىلدى، ئاللاھ تائالا ئۇنى شېھىتلىك مەرتىۋىسى بىلەن ئىززەتلەپ ئۇنى ئۆزىنىڭ پاك ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرگە جەم قىلدى، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلغان ۋە دۈشمەنلىك قىلغانلارنى خار قىلدى، بۇ كىشىلەر ئارىسىدىكى يامانلىققا سەۋەپ قىلدى، ئۇلاردىن جاھىل، زالىم بىر گورۇھ كىشىلەر ياكى دىنسىز مۇناپىق بولدى ياكى بەك ئازغۇنلاردىن بولدى، ئۇلار ئۆزىلىرىنىڭ ھۈسەينگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بولغان دوستلۇقىنى ئىزھار قىلىپ ئاشۇرا كۈنىنى يىغلايدىغان، توۋلايدىغان قايغۇرىدىغان ماتەم كۈنى قىلدى، ئۇلار ئۇ كۈندە ئۆزىنى كاچاتلاش، كىيىمىنىڭ ياقىلىرىنى يىرتىش قاتارلىق ئىشلارنى ئاشكارا قىلىش بىلەن جاھىلىيەتنىڭ تەزىيەسىنى قىلىدۇ. يېڭىدىن مۇسىبەت يەتكەندە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە سەۋىر قىلىش، ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىش، ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىستىرجا دۇئاسى ئوقۇشتۇر، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَبَشِّرْ الصَّابِرِينَ الَّذِينَ إذَا أَصَابَتْهُمْ مُصِيبَةٌ قَالُوا إنَّا لِلَّهِ وَإِنَّا إلَيْهِ رَاجِعُونَ أُولَئِكَ عَلَيْهِمْ صَلَوَاتٌ مِنْ رَبِّهِمْ وَرَحْمَةٌ وَأُولَئِكَ هُمْ الْمُهْتَدُونَ  تەرجىمىسى: «سەۋر قىلغۇچىلارغا(جەننەت بىلەن)خۇشخەۋەر بەرگىن، ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز(ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز دەيدۇ ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر.» [سۈرە بەقەرە 155-156-ئايەتلەر]. 
   سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: يۈزىنى كاچاتلىغان، ياقىسىنى يېرتقان ۋە جاھىلىيەت چاقىرىقى بىلەن نالە قىلغان كىشىلەر بىزدىن ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: مۇسىبەت يەتكەندە دات-پەريات قىلغان، چېچىنى ئالدۇرۇۋەتكەن ۋە ياقىسىنى يېرتىپ يىغلىغانلاردىن مەن ئادا-جۇدادۇرمەن
    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: مېيىتقا ھازا ئېچىپ يىغلۇغۇچى ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلمىسا قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ تۆمۈردىن كۆينەك، قوغۇشۇندىن لېچەك قىلىنىدۇ. مۇسنەدتە، پاتىمە بىنتى ھۈسەين ئۆزىنىڭ دادىسىدىن، ھۈسەين پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىستە: ئىلگىرى بىر كىشىگە مۇسىبەت يەتكەن بولسا، ئۇ كىشىگە مۇسىيبەت ئەسلىتىلگەندە، ئىستىرجا ئېيتقان بولسا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە مۇسىبەت يەتكەن كۈنىدىكىگە ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپ بېرىدۇ دېيىلگەن. بۇ ئاللاھنىڭ مۆمىنگە قىلغان ئىكرامىدۇر، ھۈسەين ۋە باشقا كىشىلەرگە يەتكەن مۇسىيبەتكە ئۇزۇن زامان بولغان بولسىمۇ، لېكىن مۆمىن كىشى ھەر قېتىمدا ئاللاھ  ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بۇيرىغاندەك ئىستىرجا ئېيتسا ئۇ كىشىگە ھۈسەين مۇسىيبەتكە ئۇچرىغان كۈندىكىگە ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ، ئاللاھ تائالا يېڭىدىن مۇسىبەت يەتكەندە سەۋىر قىلىپ، ساۋاپ ئۈمىت قىلىشقا بۇيرىغان تۇرسا، قانداقمۇ ئۇزۇن زامانلاردىن كېيىن دات-پەريات قىلىدۇ؟.
ئاشۇرا كۈنى ماتەم تۇتۇش، داد-پەريات قىلىش، مۇڭ-قايغۇنى ئىپادىلەيدىغان غەزەللەرنى ئوقۇش، يالغان توقۇلما تارىخلارنى ئويدۇرۇپ رىۋايەت قىلىش، بۇنىڭغا ئىشەنگەندە، پەقەت قايغۇ يېڭىلىنىدۇ، تەرەپبازلىق كۈچىيدۇ، دۈشمەنلىك ۋە ئۇرۇش ئوتلىرى تارايدۇ، ئىسلام ئەھلىنىڭ ئارىسىغا پىتنە تاشلايدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى شەيتان ئازغۇن، گۇمراھ كىشىلەرگە چىرايلىق كۆرسەتكەن ئىش بولۇپ، بۇ ئىش ئىلگىرى كىلەرنى تىللاشقا سەۋەپ بولىدۇ، دۇنيادا پىتنە ۋە يالغانچىلىق كۆپ بولىدۇ، مۇشۇ ئازغۇن، گۇمراھ تائىپىدىنمۇ بەكرەك يالغانچى، پىتنىخور ۋە ئىسلام ئەھلىگە قارشى كاپىرلارغا يانتاياق بولىدىغان باشقا بىر تائىپە تونۇلمىدى. ھەقىقەتتە ئۇلار دىندىن چىققۇچى خاۋارىجلاردىنمۇ ئەسكىدۇر، ئۇلار توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۇلار ئىسلام ئەھلىنى ئۆلتۈرىدۇ، بۇت پەرەسلەرنى تەرك قىلىدۇ
    ئۇلار خۇددى باغدادتا خەلىپىنى يوقۇتۇش، ئۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبەر ئائىلىسى، رىسالەت كانى بولغان ئابباسنىڭ پەرزەنتىنى ئۇلاردىن باشقا مۆئمىنلەرنى ئۆلتۈرۈش، ئەسىر ئېلىش ۋە ئىسلام دىيارىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن  تاتار ۋە تۈرك مۇشرىكلىرىغا ياردەم بەرگەندەك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە مۆمىنلەرگە قارشى يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە مۇشرىكلارغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىسلام ئەھلىگە قىلغان يامانلىقى ۋە زەرەرىنى راۋان سۆزلەيدىغان كىشى ساناپ بولالمايدۇ.
    ئاشۇلارغا يەنە بىر قەۋم قارشى چىقتى، ئۇلار ھۈسەين ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە دۈشمەنلىك قىلغۇچى ناسىبىيلەر ياكى بۇزۇقچىلىققا بۇزۇقچىلىق بىلەن، يالغانغا يالغان بىلەن، يامانلىققا يامانلىق بىلەن، بىدئەتكە بىدئەت بىلەن تاقابىل تۇرىدىغان نادان-جاھىللاردۇر، ئۇلار ئاشۇرا كۈنىدە خۇرسەنلىك، خوشاللىق شۇئارلىرىنى ئىپادىلەش، سۈرمە تارتىش، چاچ بوياش، ئائىلىسىگە كەڭرى خىراجەت قىلىپ بېرىش، ئادەتتىن تاشقىرى تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنى تەييار قىلىش قاتارلىق بايرام-مۇراسىملاردا قىلىدىغان ئىشلارنى ئىپادىلەيدىغان توقۇلما ئەسەرلەرنى تاراتتى، ئۇلار ئاشۇرا كۈنىنى بايرام، خۇرسەنلىك كۈنى قىلدى، ئاۋۇ راپىزىلار بولسا ئاشۇرا كۈنىنى قايغۇ-ھەسرەتنى ئىپادىلەيدىغان ماتەم كۈنى قىلدى، ھەر ئىككى پىرقە خاتالاشقان ۋە سۈننەتنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتكەنلەردۇر، گەرچە راپىزىلارنىڭ نىيىتى يامان، نادانلىقى كۆپ ۋە زۇلمى ئاشكارا بولسىمۇ لېكىن ئاللاھ تائالا ئادىللىق قېلىش ۋە ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن مەن دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئىچىڭلاردىكىلاردىن ياشىغانلار نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ۋە مەندىن كېيىن توغرا يول تۇتقان خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار، ئۇنى مۇستەھكەم تۇتۇڭلار، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن ساقلىنىڭلار، ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر
    پەيغەمبەرئەيھىسسالام ۋە توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەر ئاشۇرا كۈنىدە غەم-قايغۇنى ئىپادىلەيدىغان ياكى خۇرسەنلىكنى ئىپادىلەيدىغان ئىشلارنى يولغا قويمىدى، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەن ۋاقىتتا، يەھۇدىيلارنىڭ ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتىدىغانلىقىنى كۆردى، ئۇلاردىن: بۇ كۈندە نېمە ئۈچۈن روزا تۇتىسىلەر؟دەپ سورىغاندا، ئۇلار: بۇ كۈندە ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى غەرق بولۇشتىن قۇتقازدى، بىز شۇنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتىمىز دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: مۇساغا سىلەردىن بىز ھەقلىق دەپ، ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتتى ۋە روزا تۇتۇشقا بۇيرىدى
    قۇرەيشلەرمۇ جاھىلىيەت دەۋرىدە بۇ كۈننى ئۇلۇغلايتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى پەقەت بىر كۈن روزا تۇتۇشقا بۇيرىغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىدا مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلدى، يەنە بىر يىلى ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتتى ۋە ساھابىلارنى روزا تۇتۇشقا بۇيرىدى، ئاندىن شۇ يىلى رامىزان روزىسى پەرىز قىلىندى، ئاشۇرا روزىسىنىڭ ۋاجىپلىقى ئەمەلدىن قالدى. 
    ئۆلىمالار: رامىزاندىن بۇرۇن ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇش ۋاجىپ بولغانمۇ ياكى مۇستەھەبمۇ؟دېگەن مەسىلىدە تالاش-تارتىش قىلدى، مەشھۇر ئىككى تۈرلۈك قاراشنىڭ توغرا بولغىنىدا ۋاجىپ دېيىلگەن، رامىزان روزىسى پەرز قىلنغاندىن كېيىن ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇش مۇستەھەب بولغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامىزان روزىسى پەرز بولغاندىن كېيىن ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇشقا بۇيرىمىغان، بەلكى: بۇ ئاشۇرا كۈنى، مەن بۇ كۈندە روزا تۇتىمەن، خالىغان كىشىلەر روزا تۇتسۇندېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە: ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىسى بىر يىللىق گۇناھقا كاپارەت بولىدۇ، ئەرەپات كۈنىنىڭ روزىسى ئىككى يىللىق گۇناھقا كاپارەت بولىدۇ، دېدى
   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرقى ھاياتىدا، يەھۇدىيلارنىڭ ئاشۇرا كۈنىدە بايرام قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەتكۈزۈلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەھۇدىيلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىش، بۇ كۈننى بايرام قىلىشتا يەھۇدىيلارغا ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن: ئەگەر كىلەر يىلغىچە ياشىسام، توققۇزىنچى كۈنىدىمۇ روزا تۇتىمەن دېگەن
     ساھابىلاردىن بەزىسى ۋە بىر قىسىم ئۆلىمالار بۇ كۈندە روزا تۇتمايتتى ۋە بۇ كۈندە روزا تۇتۇشنى مۇستەھەب دەپمۇ قارىمايتتى، بەلكى بۇ كۈندە يالغۇز روزا تۇتۇشنى مەكرۇھ دەپ قارايتتى، كۇپەلىك بىر قىسىم ئۆلىمالاردىن بۇ قاراش نەقل قېلىنغان، بىر قىسىم ئۆلىمالار بۇ كۈندە روزا تۇتۇشنى مۇستەھەب دەپ قارايتتى. 
    توغرىسى، بۇ كۈندە توقۇزىنچى كۈنى بىلەن بىللە روزا تۇتۇش مۇستەھەب بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: ئەگەر كىلەر يىلغىچە ياشىسام، توققۇزىنچى كۈنىدىمۇ روزا تۇتىمەن سۆزىدۇر. باشقا ئىسناد بىلەن كەلگەن بەزى ھەدىسلەرنى بۇنى چۈشەندۈرگەن. 
    مانا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشۇرا كۈنى توغرىسىدىكى كۆرسەتمىسى. ئەمما ئۇ كۈندە ئادەتتىن تاشقىرى دانلىق، دانسىز تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنى تەييار قىلىش، يېڭى كىيىملەرنى كىيىش، ئائىلىسىگە كەڭرى خىراجەت قىلىپ بېرىش، شۇ كۈندە بىر يىللىق ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى سېتىۋېلىش ياكى ئۇ كۈندە ئايرىم ئىبادەت قىلىش، شۇ كۈندە ئايرىم ناماز ئوقۇش، ياكى قۇربانلىق قېلىش، ياكى شۇ كۈندە پۇشۇرۇپ يېيىش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغان گۆشلەرنى ساقلاپ قويۇش، چوڭ مەسچىتلەر، مەشھۇر مازارلارنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق ئىشلار بولسا چەكلەنگەن بىدئەت ئىشلاردىن بولۇپ بۇ ئىشلارنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياكى توغرا يول تۇتقۇچى ئىز باسار خەلىپىلەردىن بىرى يولغا قويمىغان، ياكى مەشھۇر ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن: ئىمام مالىك، سۇپيان سەۋرىي، لەيس ئىبنى سەئەد، ئەبۇ ھەنىپە، ئەۋزائىي، شاپىئىي، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي قاتارلىق ئۇممەتنىڭ يول باشچىلىرى ۋە ياكى مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى ياخشى دەپ قارىمىغان.. 
    ئىسلام دىنى ئىككى ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ: بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ بىرىگە ئىبادەت قىلماسلىق، يولغا قويۇلغان دائىرىدە ئىبادەت قىلىش، بىدئەت-خۇراپات بىلەن ئىبادەت قىلماسلىقتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَمَنْ كَانَ يَرْجُو لِقَاءَ رَبِّهِ فَلْيَعْمَلْ عَمَلا صَالِحًا وَلا يُشْرِكْ بِعِبَادَةِ رَبِّهِ أَحَدًا تەرجىمىسى: كىمكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن (ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدىكەن)،ياخشى ئىش قىلسۇن. پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇنكەھەپ سۈرىسى 110-ئايەت. 
    ياخشى ئىش دېگەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ياخشى كۆرىدىغان ئىشتۇر، بۇ يولغا قويۇلغان ۋە سۈننەت دەپ ئاتالغان ئىشلاردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ دۇئاسىدا: "ئى ئاللاھ! مېنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمنىڭ ھەممىسىنى ياخشى قىلغىن ۋە خالىس سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن قىلغىن، مېنىڭ ئەمەلىمدە ھېچ كىشىگە بىر نەرسىنى شېرىك قىلمىغىن"دەيتتى. 
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ "چوڭ پەتىۋالار" 5-تومدىن قىسقارتىپ ئېلىندى. ئاللاھ توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر. 

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد