سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

دۇئا قىلغاندا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك توغرىسىدا

سۇئال

    بەزى قىرىنداشلىرىمىز دۇئانى بەك تەپسىلى قىلىپ: "ئى رەببىم! ماڭا رەڭلىك تىلۋىزۇر ئاتا قىلغىن، گۈزەل ھەممە نەرسىسى تولۇق بولغان بىر يۈرۈش ئۆي ئاتا قىلغىن دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىدۇ، مەن بۇ سۆزلەرنىڭ دۇئادا ھەددىدىن ئېشىپ كېتىش بولۇپ قىلىشىدىن بەك ئەنسىرەيمەن، دۇئا قىلغۇچى رامىزان ئايلىرىدا مەككىدە ھەرەمدە تۇرۇپ ھەدىستە كەلگەن دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى تىلىمەي مۇشۇنداق دۇئا قىلسا توغرا بولامدۇ؟ سىلەرنىڭ تور بەتتىن دۇئادا ھەددىدىن ئېشىش توغرىسىدا يېزىلغان ماتىرياللارنى ئىزدىگەن بولساممۇ ئەمما بۇ توغرىدا تەپسىلى جاۋاپ تاپالمىدىم، بۇ سوئالغا تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟ ئاللاھ كۆپ ئەجىر بەرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     سوئال سورىغۇچى ھەمشىرەم! شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئاللاھ تائالا بىزنى ۋە سىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلسۇن، دۇئا بولسا كۆپچىلىك ئىنسانلار ئىشلىتىشنى بىلمەي سەلقارالغان قورالدۇر، دۇئا بولسا ئىبادەتنىڭ جەۋھىرىدۇر.

    نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دۇئا ئىبادەتتۇر» ئاندىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇغان:  وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ  تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ:ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن(دۇئايىڭلارنى)قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ.» [سۈرە غاپىر 60-ئايەت. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن. سەھىھ سۈنەن تىرمىزى 2684 نومۇرغا قارالسۇن].

     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ غا دۇئادىنمۇ ئېسىل بىر نەرسە يوق» شەيخ ئەلبانى ھەسەن دېگەن، سەھىھ سۈنەن تىرمىزى 2654 نومۇرغا قارالسۇن].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھدىن بىر نەرسە سورىمايدىكەن ئاللاھ ئۇ كىشىگە غەزەپ قىلىدۇ»، [شەيخ ئەلبانى ھەسەن دېگەن، سەھىھ سۈنەن تىرمىزى 2686 نومۇرغا قارالسۇن].

    سىز بۇنى بىلگەندىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا كۆپ دۇئا قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇڭ. 

ئىككىنچى: ھەقىقەتەن دۇئا قىلىشنىڭ ئەدەپلىرى ۋە بەزى چەكلىمىلىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بەزىسىنى بايان قىلىمىز:

1-دۇئا قىلغۇچى ئالدى بىلەن ئۆزىگە دۇئا قىلىشى كېرەك.

2-دۇئا قىلغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش ياخشى بولىدۇ.

3-دۇئانى تولۇق تاھارەت بىلەن قىلىش ياخشىدۇر.

4- دۇئا قىلغاندا قىبلىگە يۈزلىنىش كېرەك.

5-ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاددى، ئەرزىمەس بىر بەندە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش كېرەك، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ادْعُوا رَبَّكُمْ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن يوشۇرۇن دۇئا قىلىڭلار» [سۈرە ئەئراپ 55-ئايەت].

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "بەدائىئىل پەۋائىد"دېگەن ئەسىرىدە دۇئادا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتماسلىقىنى دۇئادا ھەددىدىن ئېشىشنىڭ قاتارىدىن زىكىر قىلغان. ["بەدائىئىل پەۋائىد"3-توم 12-بەت].

6-دۇئادا ئاللاھ تائالاغا بەك يالۋۇرۇشى كېرەك.

7-دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا بەك ئالدىراپ كەتمەسلىكى كېرەك. بۇ توغرىدا بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار: مەن دۇئا قىلدىم قىلغان دۇئايىم ھېچ ئىجابەت بولمىدى دەپ  ئالدىراپ كەتمىگەندە قىلغان دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 6340-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2735-ھەدىس].

    مۇسۇلمان رەببىگە دۇئا قىلغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە بايان قىلغان مۇنۇ ئۈچ تۈرلۈك ھالەتتىن خالى بولالمايدۇ: «ھەر قانداق مۇسۇلمان ئاللاھ تائالاغا خاتالىق سادىر بولمىغان ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۆزمەيدىغان بىر دۇئا بىلەن دۇئا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ئىشنىڭ بىرىنى بېرىدۇ: ياكى ئۇ كىشىنىڭ دۇئاسىنى شۇ ۋاقىتتا ئىجابەت قىلىدۇ ياكى ئۇنى ئاخىرەتكە قالدۇرىدۇ ياكى ئۇ كىشىدىن دۇئادا تىلىگەن نەرسىنىڭ ئوخشىشىدا بىر يامانلىقنى يوق قىلىدۇ دېگەندە، ساھابىلار: ئۇنداق بولسا بىز ئاللاھ تائالاغا كۆپ دۇئا قىلىمىز دېۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئاتا قىلغۇچى دېدى». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 10749-ھەدىس. تىرمىزىي رىۋايىتى 3573-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ  "مىشكاتىل مەسابىھتا"  2199 –ھەدىستە كەلتۈرگەن].

 8 -دۇئا قىلغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلاردىن: دۇئانى ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سەنا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش بىلەن باشلاش كېرەك، بۇ توغرىدا پۇزالە بىن ئۇبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازدا بىر كىشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىمىغىنىنى ئاڭلاپ قىلىپ: «بۇ كىشى ئالدىراپ قالدى» دېدى ۋە ئۇ كىشىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا ۋە باشقىلارغا: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ناماز ئادا قىلغان ۋاقىتتا، نامازنى ئاللاھ تائالاغا ھەمدە-سەنا ئېيتىش بىلەن باشلىسۇن ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىسۇن، ئۇنىڭدىن كېيىن خالىغان دۇئالارنى قىلسۇن» دېگەن. [شەيخ ئەلبانى سەھىھ ھەدىس دېگەن.  سەھىھ سۈنەن تىرمىزى 2765 نومۇرغا قارالسۇن].

   ئۈچىنچى: دۇئادا ھەددىدىن ئېشىش تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بىلەنمۇ بولىدۇ:

1 -سوئالدا بايان قىلىنغاندەك بەك تەپسىلى دۇئا قىلىش: خۇددى: ئى ئاللاھ! ماڭا ياسىداق ئۆي، رەڭ تىلۋىزۇر قاتارلىقلار نەرسىلەرنى سوراشمۇ دۇئادا ھەددىدىن ئېشىشتىن ئىبارەتتۇر، ھەقىقەتەن دۇئانى لەپزى قىسقا مول مەزمۇنلۇق سۆزلەر بىلەن قىلىش يولغا قويۇلغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق قىلاتتى. ئاللاھ تائالادىن دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى سورايتتى. بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ بىن مۇغەپپەل رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ئەسەردە، ئۇ كىشى ئوغلىنىڭ: "ئى ئاللاھ! مەن جەننەتكە كىرگەندە جەننەتنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن بىر ئاق ساراي تىلەيمەن" دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئوغلىغا: "ئى ئوغلۇم! ئاللاھدىن جەننەتنى سورىغىن، دوزاختىن پاناھلىق تىلىگىن، ھەقىقەتەن مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەقىقەتەن يېقىندا مۇشۇ ئۇممەتتە دۇئادا ۋە تاھارەتتە ھەددىدىن ئاشىدىغان كىشىلەر بولىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 960-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

2- دۇئا قىلغاندا ئاللاھ تائالادىن چەكلەنگەن ياكى چەكلەنگەن-ھارام ئىشلارغا ۋاستە بولىدىغان نەرسىلەرنى سورىماسلىق كېرەك، چۈنكى ۋاستىغا مەقسەتنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ، بۇ مەسىلىنى ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ"بەدائىئىل پەۋائىد" 3-توم 12-بەتتە زىكىر قىلغان. ھارامغا ئىلىپ بارىدىغان ۋاستە ھارام بولىدۇ.

تىلۋىزۇر ئىشلىتىدىغان كىشىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۇنى ھارام-چەكلەنگەن نەرسىلەرنى كۆرۈش ۋە ئاڭلاشقا ئىشلىتىدۇ، ئەگەر دۇئا قىلغۇچى ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولسا، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىمۇ بۇ سەۋەپ بىلەن دۇئادا ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئاللاھ تائالادىن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىدىغان نەرسىنى رىزىق قىلىپ بېرىشنى سورىدى.

     بۇنىڭ دۇئادا ھەددىدىن ئېشىشنىڭ ئىككى تەرەپتىن بولىدىغانلىقى ئوچۇق بولىدۇ:

    بىرىنچى: دۇئانىڭ بەك تەپسىلى بولغانلىقىدىن.

ئىككىنچى: سورىغان نەرسىسىنىڭ ھارامغا ۋاستە بولغانلىقىدىن، ۋاستىغا مەقسەتنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ.

    بۇنداق بولىشى زور كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ تىلۋىزۇرنى ھارامغا ئىشلىتىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ كىشىمۇ تىلۋىزۇرنى ھارامغا ئىشلىتىدىغان كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى