پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھەججىڭىز قانداق بولغاندا ئۆلچەملىك ھەج بولىدۇ؟

سۇئال

مۇسۇلمان ھەججىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا قوبۇل بولىشى ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قېلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ھەج ئىبادىتىنىڭ ئۆلچەملىك بولىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىش تەقەززا قېلىنىدۇ: ھەج ئىبادىتىنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلىپ ئادا قىلىش كېرەك . مانا بۇ ئىخلاسدۇر. ھەج پائالىيەتلىرىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئادا قىلىش كېرەك. مانا بۇ سۈننەتكە ئەگىشىش دېيىلىدۇ.

بارلىق ياخشى ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇ ئىككى شەرتنىڭ بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ . يەنى ئىخلاس ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن بولىشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّـهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاءَ وَيُقِيمُوا الصَّلَاةَ وَيُؤْتُوا الزَّكَاةَۚ وَذَٰلِكَ دِينُ الْقَيِّمَةِ تەرجىمىسى : ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە (بۇيرۇلدى)، ئەنە شۇلار (يەنى ئىبادەت، ئىخلاس ناماز، زاكاتلار) توغرا دىندۇر. [سۈرە بەييىنە 5-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق، ھەر بىر كىشى ئۈچۈن مەقسەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ . [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: ئەمەل-ئىبادەتتە بىز بۇيرۇمىغان ئىشلارنى قىلغان كىشىنىڭ ئەمىلى قوبۇل قىلىنمايدۇ . [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ھەج قىلغۇچىلار ھەج قىلىش جەريانىدا ھەجنى خالىس ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئاساسنى تۇتقا قىلىشى لازىم.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەج پائالىيىتى جەريانىدا ساھابىلارغا: ھەج ئىبادىتىنى مەندىن ئۆگىنىڭلار دېگەن. [نەسائىي رىۋايىتى].

ھەجنى ھالال مال بىلەن ئادا قىلىش كېرەك . ھارام مال بىلەن ھەج قىلىش دۇرۇس ئەمەس . بەلكى بەزى ئالىملار ھارام مال بىلەن قىلىنغان ھەجنى توغرا بولمايدۇ دەيدۇ.

يەنە بەزى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: ئەسلى ھارام بولغان مال بىلەن ھەج قىلغان كىشىنىڭ ھەججى ھەج بولمايدۇ ئەمما مىنگەن ئۇلىغى ھەج قىلغان بولىدۇ.

ھەج قىلغۈچى ھەج پائالىيىتى جەريانىدا ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش لازىم. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: الْحَجُّ أَشْهُرٌ مَّعْلُومَاتٌۚ فَمَن فَرَضَ فِيهِنَّ الْحَجَّ فَلَا رَفَثَ وَلَا فُسُوقَ وَلَا جِدَالَ فِي الْحَجِّ تەرجىمىسى: ھەج ۋاقتى مەلۇم بىرقانچە ئايدۇر (يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئون كۈنىدۇر). بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (يەنى ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. [سۈرە بەقەرە 197-ئايەت ].

ھەج پائالىيىتى جەريانىدا ئاللاھ تائالا چەكلىگەن پىسقى-پۇجۇر، ئاسىيلىق، يالغان سۆز، غەيۋەت-شىكايەت، تۆھمەت ۋە  ناخشا-مۇزىكا تىڭشاش قاتارلىق ئىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك.

ھاجىلار ئۈچۈن پائالىيەت جەريانىدا ئالاھىدە چەكلەنگەن، ئاياللارغا يېقىنچىلىق قىلىش، چېچىنى ئالدۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردىن ساقلىنىش شۇنىڭدەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چەكلىگەن ئېھرامدىكى ھالەتتە ھەزەر قىلىشقا ئالاقىدار بولغان بارلىق ئىشلارغا دىققەت قىلىش لازىم.

ھەج قىلغۇچى ئىقتىساد جەھەتتىن ۋە باشقا ئىش-ھەرىكەتلەردە بولسۇن سىلىق-سىپايە، مۇلايىم، چوڭ سۈپەت بولىشى لازىم. كۈچىنىڭ يېتىشچە باشقا ھەج قىلغۇچى قېرىنداشلىرىغا ياردەم بېرىشكە تىرىشىشى كېرەك. مۇقەددەس ئورۇنلاردا بولسۇن ياكى بازار قاتارلىق جايلاردا بولسۇن مۇسۇلمانلارغا ئازار يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشى لازىم. كەبىنى تاۋاپ قىلىش، ساپا-مەرۋە قىلىش ۋە شەيتانلارغا تاش ئېتىش قاتارلىق پائالىيەت جەريانىدا قىستاڭچىلىق قىلىش ۋە باشقىلارغا ئازار يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرى ھاجىلارنىڭ دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئىشلاردىندۇر. كۆڭۈلدىكىدەك ھەج قىلىش ئۈچۈن دىنى ئەھكاملارنى بولۇپمۇ ھەجگە دائىر ھۆكۈملەرنى ياخشى بىلىدىغان، بىلەلمىگەن مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان كىشىلەر بىلەن بىرگە ھەج قىلىش كېرەك . ئەگەر بۇنداق قىلالمىغاندا، مەزكۇر ئىبادەتنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولىشى ئۈچۈن، ھەجگە بېرىشتىن ئىلگىرى ئىشەنچىلىك ئالىملار تەرىپىدىن تەييارلانغان ھەج ئەھكاملىرى بايان قىلىنغان كىتابلارنى ئوقۇشى لازىم.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى