شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەج قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىشى ھەج قىلغان ھېسابلىنامدۇ؟

41849

تارقاتقان ۋاقىت : 04-10-2014

كۆرگۈچىلەر : 3698

سۇئال

بىر كىشى پەرز ھەج قىلىش ئۈچۈن ھەممە نەرسىلىرىنى سېتىپ ھەرەمگە يولغا چىققان بولۇپ، سەپەر جەريانىدا ئەجەل يىتىپ ۋاپات بولسا، بۇ قانداق بولىدۇ؟ ئۇ كىشى ھەج قىلغان ھېسابلىنامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئىنسان ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلىپ يولغا چىققاندىن كىيىن ۋاپات بولغان بولسا: ئۇ كىشى ئېھرام كىيگەندىن كىيىن ياكى ئېھرام كىيىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولۇشتىن خالى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى ئېھرام كىيىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولغان بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ نىيەت-مەقسىتىگە ئاساسەن ساۋاپ بېرىدۇ، لېكىن ئۇ كىشىنىڭ ئۈستىدىن پەرز ھەج ساقىت بولمايدۇ.

ئەمما ئېھرامغا كىرگەندىن كىيىن ۋاپات بولغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ھەج قىلغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ، بەلكى ئۇ كىشى قىيامەت كۈنى لەببەيكە دەپ تەلبىيە ئېيتقان ھالەتتە قەبىردىن قوزغىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشى ئۈچۈن قايتا ھەج قىلىپ قويۇش كېرەك بولمايدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: ھەج قىلىش ئۈچۈن مال توپلاپ ھەج قىلىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولغان كىشى توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ھەجنى مەقسەت قىلىپ، ھەج قىلىش ئۈچۈن ھەممە نەرسىسىنى سېتىپ يولغا چىقىپ ھەج قىلىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولغان كىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن ئۇ كىشىگە ھەج قىلغاننىڭ ساۋابىنى بېرىشنى ئۈمىت قىلىمىز. چۈنكى ئۇ كىشى ياخشى ئەمەلنى مەقسەت قىلىپ كۈچىنىڭ يېتىشچە ئۇنىڭ تەييارلىقىنى قىلغان، مادامىكى ياخشى ئەمەلنى مەقسەت قىلىپ ئۇنىڭ تەييارلىقىنى قىلغان كىشى ئۈچۈن ئۇ ئەمەلنىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَن يُهَاجِرْ فِي سَبِيلِ اللَّـهِ يَجِدْ فِي الْأَرْضِ مُرَاغَمًا كَثِيرًا وَسَعَةً ۚ وَمَن يَخْرُجْ مِن بَيْتِهِ مُهَاجِرًا إِلَى اللَّـهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ يُدْرِكْهُ الْمَوْتُ فَقَدْ وَقَعَ أَجْرُهُ عَلَى اللَّـهِ ۗ وَكَانَ اللَّـهُ غَفُورًا رَّحِيمًا تەرجىمىسى: كىمكى ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىدىكەن، ئۇ زېمىندا چىقىش يولى ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ. كىمكى ئۆيىدىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ تەرىپىگە ھىجرەت قىلىپ چىقسا، ئاندىن يولدا ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى چوقۇم ئاللاھ بېرىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە نىسا 100-ئايەت].

ئۇ كىشى ھەج قىلىش ئۈچۈن ھەممە نەرسىسىنى سېتىپ تەييارلىق قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئۇ كىشىنىڭ ھەجگە تەييارلىغان ئىقتىسادى بىلەن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ياكى باشقا بىر كىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەج قىلىدۇ، چۈنكى ھەج ئىسلامدىكى بەش ئاساسنىڭ بىرىدۇر.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، بىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئانام ھەج قىلىش ئۈچۈن ئاللاھقا ئەھدە (نەزىر) قىلغان ئىدى، ئەمما ئۇ ھەج قىلىپ ھەج قىلىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولدى، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەج قىلىمەنمۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەئە، دېگەن. بۇ ۋىدالىشىش ھەججىدە بولغان. تۈگىدى". [ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 21-توم 232-بەت].

يەنە بىر سوئالدا: بىر كىشى ھەجنى مەقسەت قىلىپ يولغا چىقىپ، ھەرەمگە كېلىشتىن ئىلگىرى ئايرۇپىلان ھادىسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغان بولسا، ئۇ كىشى ھەج قىلغان ھېسابلىنامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ھەجنى مەقسەت قىلىپ يولغا چىقىپ ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇ كىشى ھەج قىلغان ھېسابلانمايدۇ، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ئەمىلى ۋە نىيىتىگە مۇۋاپىق ساۋاپ بېرىدۇ. ئەمما ھەج ئۈچۈن ئېھرامغا كىرىپ، ھەج پائالىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولغان بولسا، ئۇ كىشى ھەج قىلغان ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەجگە ئېھرام كىيىپ ئەرەپاتتا تۇرغاندا تۆگىدىن چۈشۈپ كېتىپ ۋاپات بولغان كىشى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: ئۇ كىشىنى سۇ ۋە سىدىر بىلەن يۇيۇڭلار، ئىككى پارچە رەخت بىلەن كېپەنلەڭلار، كېپەنگە خۇشبۇي نەرسە ئىشلەتمەڭلەر، بىشىنى يۆگىمەڭلار چۈنكى ئۇ كىشى قىيامەت كۈنى ھەجگە تەلبىيە ئېيتقان ھالەتتە قەبرىدىن قوزغىتىلىدۇ. تۈگىدى.["ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى" (21-توم 252-بەت].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى