چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

يىلنى ئىستىغفار ۋە روزا تۇتۇش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش تەۋسىيە قىلىنامدۇ؟

سۇئال

ھىجىرىيە يىلى ئاخىرلىشىش ئالدىدا ئەمەللەر سەھىپىلىرىنىڭ يىل ئاخىرلىشىشى بىلەن يېپىلىدىغانلىقىغا تىلىفۇن ئۇچۇرلىرى تارقىلىپ، يىلنى ئىستىغپار ۋە روزا تۇتۇش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشقا قىزىقتۇرىدۇ، بۇ تۈردىكى ئۇچۇرلارنىڭ ھۆكمى نېمە؟، يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى دۈشەنبە ياكى پەيشەنبە كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسا، ئۇ كۈندە روزا تۇتۇش بىدئەت بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئاللاھ تائالاغا توغرىلىنىشى ئۈچۈن ھەر كۈنى كېچىدە ۋە كۈندۈزدە ئىككى قېتىم تەرتىپ بىلەن كۆتىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئارىمىزدا تۇرۇپ بەش تۈرلۈك سۆزنى قىلدى: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇخلىمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئۇخلاش لايىق بولمايدۇ، ئاللاھ تارازىنى پەسلىتىدۇ ۋە كۆتىرىدۇ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا كېچىنىڭ ئەمەللىرى كۈندۈزنىڭ ئەمەللىرىدىن ئىلگىرى، كۈندۈزنىڭ ئەمەللىرى كېچىنىڭ ئەمەللىرىدىن ئىلگىرى كۆتۈرۈلىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 179-ھەدىس].

نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېدى: "ساقلىغۇچى پەرىشتىلەر كىچە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدە كېچىنىڭ ئەمەللىرى بىلەن ئۆرلەيدۇ، كۈندۈز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە كۈندۈزنىڭ ئەمەللىرى بىلەن ئۆرلەيدۇ".

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى: ئاراڭلاردا كېچىنىڭ پەرىشتىلىرى بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرىشتىلىرى نۆۋەتلىشىدۇ، ئۇلار بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىدا يىغىلىدۇ، ئاندىن كىچىدە ئاراڭلاردا بولغان پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا ئۆرلەيدۇ، ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىپ تۇرۇپ، پەرىشتىلەردىن: بەندىلىرىمنى قانداق ھالەتتە قويۇپ كەلدىڭلار؟ دەپ سورايدۇ، پەرىشتىلەر: بىز ئۇلارنىڭ يېنىغا بارغاندىمۇ ناماز ئوقۇۋىتىپتىكەن، يەنە ناماز ئوقۇغان ھالەتتە قويۇپ كەلدۇق،- دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 555- مۇسلىم رىۋايىتى 632-ھەدىس].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېدى: "ھەقىقەتەن ئەمەللەر كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدا كۆتۈرۈلىدۇ، شۇ ۋاقىتتا تائەت-ئىبادەتتە بولغان كىشىنىڭ رىزقى ۋە قىلغان ئەمەللىرىگە بەرىكەت بېرىلىدۇ، ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئاللاھ ياخشى بىلگۈچىدۇر. بۇنىڭدا يەنە بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا بولغان ھېكمەت بايان قىلىنىدۇ".

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى يەنە ئەمەللەرنىڭ ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئاللاھ تائالاغا توغرىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى: كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرى ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى توغرىلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا بارلىق مۇئمىنلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، پەقەت قېرىندىشى بىلەن ئارىسىدا ئاداۋەت بولغان كىشىگە: بۇ ئىككىسىنى ياخشىلاشقىچە قويۇپ قويۇڭلار،- دېيىلىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 2565-ھەدىس].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى يەنە يىللىق ئەمەللەرنىڭ شەبان ئېيىدا بىراقلا ئاللاھ تائالاغا توغرىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: مەن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن سىلىنىڭ باشقا ئايلاردا شەبان ئېيىدا روزا تۇتقاندەك روزا تۇتقانلىرىنى كۆرمىدىمغۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بۇ رامىزان بىلەن رەجەپ ئارىسىدىكى كىشىلەر غاپىل قالىدىغان ئاي، بۇ ئەمەللەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا كۆتىرىلىنىدىغان ئاي، مەن روزا تۇتقان ھالىتىمدە ئەمىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن. [نەسائى رىۋايىتى 2357-ھەدىس. بۇ ھەدىسكە ئەلبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا ھەسەن دەپ باھا بەرگەن].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەردىن بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئۈچ تۈرلۈك توغرىلىنىدىغانلىقى خۇلاسىلىنىدۇ:

1- كۈندىلىك توغرىلىنىش: بىر كۈندە ئىككى قېتىم بولىدۇ.

2- ھەپتىلىك توغرىلىنىش: بۇمۇ دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىدە ئىككى قېتىم بولىدۇ.

3- يىللىق توغرىلىنىش: شەبان ئېيىدا بىر قېتىم بولىدۇ.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: راست سۆزلىگۈچى، سۆزى تەستىقلانغۇچى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك يىللىق ئەمەللەر شەبان ئېيىدا كۆتۈرۈلىدۇ، ھەپتىلىك ئەمەللەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى توغرىلىنىدۇ، كۈندىلىك ئەمەللەر كىچە بولۇشتىن ئىلگىرى كۈندۈزنىڭ ئەمەللىرى ۋە كۈندۈز بولۇشتىن ئىلگىرى كېچىلىك ئەمەللەر كۆتۈرۈلىدۇ، كىچە-كۈندۈزنىڭ ئەمەللىرىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى يىللىق ئەمەللەرنىڭ كۆتۈرۈلۈشىدىن خاسراق بولىدۇ، ئۆمۈر ئاخىرلاشقاندا، ئۆمۈرلۈك ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى كۆتۈرۈلۈپ، ئەمەل سەھىپىسى يېپىلىدۇ. "سۈنەن ئەبۇ داۋۇتنىڭ ھاشىيەسى"دىن ئېلىندى.

ئەمەللەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا توغرىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ھەدىسلەر توغرىلىنىش ۋاقىتلىرىدا خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەبان روزىسى توغرىسىدا: مەن روزا تۇتقان ھالەتتە ئەمىلىمنىڭ ئاللاھ تائالاغا توغرىلىنىشىنى ياخشى كۆرىمەن دېگىنىدەك، تائەت-ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىندى: ئەمەللەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى توغرىلىنىدۇ، مەن روزا تۇتقان ھالەتتە ئەمىلىمنىڭ توغرىلىنىشىنى ياخشى كۆرىمەن. [تىرمىزى رىۋايىتى 747-ھەدىس. بۇ ھەدىسكە ئەلبانى "ئىرۋائۇل غەلىيل" ناملىق ئەسەر 949- نومۇرلۇق ھەدىستە سەھىھ دەپ باھا بەرگەن].

تابىئىنلاردىن بىرسى پەيشەنبە كۈنىدە ئايالىغا قاراپ، ئايالى ئۇ كىشىگە قاراپ يىغلىشىپ: "بۈگۈن بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئاللاھ تائالاغا توغرىلىنىدۇ" دەيدىكەن. (بۇنى ئىبنى رەجەپ "لەتائىپۇل مەئارىپ"تا زىكىر قىلغان).

بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان دەلىللەرنىڭ ھېچ بىرىدە يىل ئاخىرلاشقاندا ياكى يېڭى يىل كىرگەندە سەھىپىلەر قاتلىنىدىغانلىقى ۋە ئەمەللەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا توغرىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان سۆز يوق، ھەدىسلەر بىز كۆرسۈتۈپ ئۆتكەن ئەمەللەرنىڭ توغرىلىنىش تۈرلىرىگە باشقا ۋاقىتلارنى بەلگىلىدى ۋە بۇ ۋاقىتلاردا تائەت-ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىشتىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى ئۇقتۇردى.

شەيخ سالىھ فەۋزان يىل ئاخىرلاشقاندا ئاخىرلاشقانلىقىنى ئەسلىتىش توغرىسىدا مۇنداق دېدى: بۇنىڭ شەرىئەتتە ئاساسى يوق، يىلنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا روزا تۇتۇشقا ئوخشاش مەلۇم بىر ئىبادەتنى خاس قىلىۋېلىشئىنكار قىلىنىدىغان بىدئەتدۇر.

ئەمما دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇش بىر كىشىنىڭ ئادىتى بولسا، ياكى ئاشۇ ئىككى كۈندە روزا تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن ھەدىسلەر بولغانلىقى ئۈچۈن روزا تۇتقان بولسا، ئۇ روزا يىلنىڭ ئاخىرلاشقان ياكى باشلانغان كۈنىگە مۇۋاپىق كېلىپ قالسا، مۇشۇ ۋاقىتنى ئۇدۇللاپ روزا تۇتمىغان ۋە مۇشۇ مۇناسىۋەتتە تۇتقان روزىنىڭ خاس پەزىلىتى بار دەپ ئويلىمىغان بولۇش شەرتى بىلەن، روزا تۇتۇشى چەكلەنمەيدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى