جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئادەمنىڭ نامىزى چۈشۈرىلەمدۇ؟

45617

تارقاتقان ۋاقىت : 25-05-2012

كۆرگۈچىلەر : 4451

سۇئال

ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئادەمنىڭ نامىزى چۈشۈرىلەمدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش چوڭ گۇناھلارنىڭ جۈملىسىدىنبولۇپ، بۇنداق قىلغانلارنىڭ قاتتىق ئازابلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن ئايەت-ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇ كىشى ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، كىشىلەرئارىسىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلارنىڭ نامىزىنى ئوقۇشنىڭ دۇرۇسلۇقىنى بىلدۈرىدىغان بەزى ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، ئەمما بەزى ئىلىم-ئەھلى ۋە پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭباشقىلارنى بۇ قىلمىشتىن چەكلەش  ۋە توسۇش ئۈچۈن، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان كىشىلەرنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش ياكى چۈشۈرمەسلىك ھەققى بار.

جابىر ئىبنى سەمرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئوقيانىڭ ئۇچى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بىر كىشىنىڭ جەسىتى ئىلىپ كېلىنگەندە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بۇ كىشىنىڭ نامىزىنى ئوقۇمىغان.[مۇسلىم رىۋايىتى 978-نومۇرلۇق ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: ئالىملارنىڭ قارىشىچە: يۇقىرىدىكى ھەدىس ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشتىن چەكلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.خۇددى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەرزى بار كىشىنىڭ نامىزىنى ئۆزى ئوقۇماي، ساھابىلارنى ئوقۇشقا بۇيرىغىنىغا ئوخشاش قەرزدارچىلىقتىن قېچىشنى بىلدۈرىدۇ.

ئىمام مالىك شەرىئەت قانۇنى بىلەن جازا بىكىتىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى پىسق-پۇجۇر سەۋەبىدىن ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ نامىزىنى ئوقۇشنى ياقتۇرمايتتى، چۈنكى بۇ شۇ خىلدىكى كىشىلەرنى چەكلەش ئۈچۈندۇر.[شەرھى مۇسلىم 747].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەدىن: ئۆزىنىناھايىتى كاتتا بىلىدىغان ئىشان پىر ئۆز سورۇنىدا يىلاننى كۆرۈپ قالدى، ئۇنىڭ مۇرىتلىرىدىن بەزىسى يىلاننى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ تەمشەلگەندە، ئىشان ئۇلارنى يىلاننى ئۆلتۈرۈشتىن چەكلەپ، كارامەت كۆرسىتىش نىيىتى بىلەن يىلاننى قولى بىلەن تۇتىدۇ-دە، نەتىجىدە ئىشاننى يىلان چېقىپ ئۆلۈپ قالدى، بۇ كىشىنىڭ نامىزى چۈشۈرىلەمدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ئومۇمى خەلق نامىزىنى ئوقىسىمۇ ئەمما ئىلىم ئىگىلىرى ۋە دىنى زىيالىلار ئوقۇماسلىق كېرەك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان، غەنىيمەتكە خىيانەت قىلغان كىشىنىڭ نامىزىنى ئۆزى ئوقۇماستىن باشقىلارنى ئوقۇشقا بۇيرىغان، سەمرە ئىبنى جۇندۇپ رەزىيەللاھۇئەنھۇغا ئائىلىسىدىكىلەر: ئوغلۇڭ ئاخشام تاماقنى بەك كۆپ يەۋەتكەنلىكتىن كېچىچە ئۇخلىيالمىدى دېگەندە، ئۇ: ئەگەر ئوغلۇم شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ نامىزىنى ئوقۇمايمەن دېدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆلۈمى تاماقنى كۆپ يېگەنلىكتىن بولدى، خۇددى ئۇ ئىشانمۇ باشقىلارنى يىلاننى ئۆلتۈرۈشتىن چەكلەپ، قولىدا تۇتۇپ تۇردى، ھەتتا يىلان چىقىپ ئۆلۈپ كەتتى، ئىلىم ئىگىلىرى ۋە دىنى زىيالىلار بۇنداق كىشىنىڭ نامىزىنى ئوقۇماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانغا ئوخشاش. [پەتىۋا كۇبرا 3-توم 20-21- بەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە يەنە مۇنداق دەيدۇ:«غەنىمەتكە خىيانەت قىلغان، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ۋە قەرزدار كىشىنىڭ نامىزىغا قاتناشمىغان كىشى ياخشى ئىش قىلغان بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ شۇنداق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئەمما كۆرۈنۈشتە نامىزىنى ئوقۇماي، ئۇلارنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلسا ئىككى ياخشى ئىشنى بىر قىلغان بولىدۇ.بۇنداق قىلىش ئىككىنىڭ بىرىنى قىلمىغاندىن ياخشى. [ئىختىياراتۇل ئىلمىييە 52-بەت].

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھتىن: ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان كىشىنىڭ نامىزى ئوقۇلامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاب بەرگەن:ئۇلارنىڭ ھۆكمى باشقا چوڭ گۇناھ سادىر قىلغۇچىلارغا ئوخشاش بولۇپ، بەزى مۇسۇلمانلار نامىزىنى ئوقۇپ قويسا بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئەھلى-سۈننى ئالىملىرىنىڭ كۆز قارىشىدا ئىسلامدىن چىقىپ كەتمىگەن دەپ ھېسابلىنىدۇ.[ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى13- توم 162-بەت].

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھتىنيەنە: ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان كىشىنى يۇيۇپ، نامىزىنى ئوقۇپ دەپنە قىلىمىزمۇ دەپ سورالغاندا، مۇنداق دېگەن: ئۇلار يۇيۇپ، نامىزى ئوقۇلۇپ مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ، ئۇ كىشى ئاسىي بولسىمۇ لېكىن كاپىر ئەمەس، چۈنكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش كۇپۇرلۇق ئەمەس بەلكى چوڭ گۇناھلاردىندۇر.

ئىنسان ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالسىمۇ، يۇيۇپ، كېپەنلىنىپ، نامىزى ئوقۇلىدۇ، لېكىن باش ئىمام ياكى ئالاھىدە نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى ئىنكار قىلىپ نامىزىنى ئوقۇماسلىقىتەلەپ قىلىنىدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا، ئۇنىڭ ئۇ قىلمىشى خۇددى توغرا ئىشلاردەك تەسىر پەيدا قىلىپ قويىدۇ. باش ئىمام، ياكى پادىشاھ ياكى قازى ياكى شەھەر باشلىقى قاتارلىقلارنىڭ بۇنداق كىشىنىڭ نامىزىغا قاتناشمىغانلىقى، ئۇ كىشىنىڭ قىلمىشىنىڭ خاتالىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق قىلىش ياخشىدۇر.

[ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى 13-توم 122-بەت، پەتىۋا ئىسلامىيە 2-توم 62-بەت].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى