چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

قەسەمنىڭ كاپارىتى قانداق بولىدۇ؟

سۇئال

قەسەمنىڭ كاپارىتىنى تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قەسەمنىڭ كاپارىتىنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: لَا يُؤَاخِذُكُمُ اللَّهُ بِاللَّغْوِ فِي أَيْمَانِكُمْ وَلَكِنْ يُؤَاخِذُكُمْ بِمَا عَقَّدْتُمُ الْأَيْمَانَ فَكَفَّارَتُهُ إِطْعَامُ عَشَرَةِ مَسَاكِينَ مِنْ أَوْسَطِ مَا تُطْعِمُونَ أَهْلِيكُمْ أَوْ كِسْوَتُهُمْ أَوْ تَحْرِيرُ رَقَبَةٍ فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ ذَلِكَ كَفَّارَةُ أَيْمَانِكُمْ إِذَا حَلَفْتُمْ وَاحْفَظُوا أَيْمَانَكُمْ كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ تەرجىمىسى: ئاللاھ سىلەرنى سەۋەنلىك بىلەن قىلغان  قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن سىلەرنى قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋاپكارلىققا تارتىدۇ. (مۇنداق قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار) ئۇنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلارغا بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىننى بىر ۋاخ غىزالاندۇرۇشتۇر ياكى ئۇلارغا (يەنى ئون مىسكىنگە بەدىنىنى يېپىپ تۇرىدىغان) بىر قۇر كىيىم بېرىشتۇر ياكى بىر قۇل ياكى بىر چۆرىنى ئازاد قىلىشتۇر. كىمكى بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئەنە شۇ ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزغانلىقىڭلارنىڭ كەففارىتىدۇر، قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار (يەنى قەستىن قىلغان قەسىمىڭلارنى ئورۇنداڭلار ياكى كەففارىتىنى ئادا قىلىڭلار). سىلەرنىڭ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. [سۈرە مائىدە 89-ئايەت].

    ئىنسان تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ئىشنىڭ بىرىنى تاللايدۇ:

1-ئەھلىگە يېمەك قىلىپ بېرىدىغان ئوتتۇراھال يېمەكلىكتىن ئون مىسكىنگە يېمەك بېرىش، ئۆز يۇرتىدا كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان  گۈرۈچ قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن بىر يىرىم كىلۇگىرام ئەتراپىدا بىر نەرسە بېرىدۇ، گۈرۈچنى شورپا بىلەن يېيىش ئادەت بولغان يۇرتتا بولسا، گۈرۈچ بىلەن شورپا ياكى گۆشنى بىرگە بېرىدۇ، ئەگەر ئون مىسكىننى چۈشلۈك ياكى كەچلىك يېمەككە چاقىرىپ بىرلا بەرسىمۇ بولىدۇ.

2-ئون مىسكىنگە كىيىم بېرىش. ھەر بىر مىسكىنگە ناماز ئوقۇشقا يارىغۇدەك بىر قۇردىن كىيىم بەرسە بولىدۇ، ئەرلەر ئۈچۈن كۆينەك ياكى ئىشتان-چاپان، ئاياللار ئۈچۈن ئۇزۇن كۆينەك ۋە ياغلىق بېرىدۇ.

3-مۆمىن قۇلدىن بىرنى ئازاد قىلىش.

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كاپارەتلەرنىڭ تۈرلىرىدىن ھېچبىرىگە قۇربى يەتمىگەن كىشى ئۈچ كۈن ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتىدۇ.

    كۆپچىلىك ئۆلىمالار قەسەمنىڭ كاپارىتىگە نەخ پۇل بەرسە دۇرۇس بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: قەسەمنىڭ كاپارىتىدە يېمەكنىڭ ياكى كىيىمنىڭ پۇلىنى بەرسە توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا يېمەك بېرىشنى زىكىر قىلدى، يېمەكتىن باشقا نەرسە بىلەن كاپارەت ھاسىل بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۈچ تۈرلۈك نەرسىنىڭ بىرىنى تاللاشنى ئىختىيار قىلدى، ئەگەر پۇلىنى بېرىش كېرەك بولغان بولسا ئەلۋەتتە ئىختىيارلىق پەقەت بۇ ئۈچ تۈرلۈك نەرسە بىلەنلا چەكلەنمەيتتى". [ئىبنى قۇدامىنىڭ"ئەلمۇغنى" ناملىق ئەسىرى 11-توم 256-بەت].

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قەسەمنىڭ كاپارىتى نەخ پۇل بولماستىن بەلكى يېمەك بولىدۇ، چۈنكى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفتا يېمەك دەپ بايان قىلىنغان. يەنى ھەر يۇرتنىڭ يېمەكلىكىدىن: خورمىدىن، بۇغدايدىن ۋە گۈرۈچتىن بىر يېرىم كىلۇگىرام ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەگەر ئۇلارغا چۈشلۈك ياكى كەچلىك بىر ۋاخ يېمەك بەرسىمۇ ياكى نامازغا يارايدىغان بىر قۇر كىيىم بەرسىمۇ بولىدۇ، ئۇ كۆينەك ياكى ئىشتان-چاپاندىن ئىبارەتتۇر". ["ئىسلام پەتىۋالىرى"3-توم 481-بەتتىن نەقىل قىلىندى].

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسان كاپارەت ئۈچۈن قۇل ياكى كىيىم ياكى يېمەك تاپالمىسا ئۇلاپ ئۈچ كۈن روزا تۇتىدۇ. ["ئىسلام نۇرى پەتىۋاسى"3 -توم 667-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى