46209: زاكاتنى سەرپ قىلىدىغان ئورۇنلار توغرىسىدا


زاكاتنى سەرپ قىلىش پەرز بولغان ئورۇنلار قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Published Date: 2016-11-11

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    زاكات سەرپ قىلىنىدىغان ئورۇنلار سەككىز تۈرلۈك بولۇپ، بۇنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە تولۇق ۋە روشەن بايان قىلىپ، بۇنىڭ پەرز ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەرگەن. زاكاتنى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان ئورۇنلارغا سەرپ قىلىش ئاللاھ تەرىپىدىن ھىكمەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللَّـهِ وَابْنِ السَّبِيلِ فَرِيضَةً مِّنَ اللَّـهِ وَاللَّـهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ﴾ تەرجىمىسى:«زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبنى سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.» [تەۋبە سۈرىسى 60-ئايەت]. يۇقىرىقى ئايەتتە بايان قىلىنغان سەككىز تۈرلۈك كىشىلەر بولسا زاكات بېرىلىدىغان كىشىلەردۇر.

    بىرىنچى ۋە ئىككىنچىسى: پېقىر-مىسكىنلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشتىكى زۆرۈرىي ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا زاكات بېرىلىدۇ. پېقىر بىلەن مىسكىننىڭ ئارىسىدىكى پەرق: پېقىر بەك ھاجەتمەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يىرىم يىللىق تۇرمۇش خىراجىتىنى قامدايدىغان نەرسىمۇ تاپالمايدۇ. ئەمما مىسكىننىڭ ئەھۋالى پىقىرنىڭكىدىن ياخشى بولۇپ، ئۇلار يىلنىڭ كۆپ قىسمىدا ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان نەرسىنى تاپالايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە ئۇلارنىڭ ئىتىياجىغا كۆرە زاكاتتىن بېرىلىدۇ.

    لېكىن ئۇلارنىڭ ئىھتىياجى بارلىقىنى قانداق بېكىتىمىز؟ دېگەن مەسىلىدە، ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلارنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە بىر يىل يەتكۈدەك مىقداردا بىر نەرسە بېرىمىز، چۈنكى يىل ئۆرۈلسە مال-مۈلۈككە زاكات پەرز بولىدۇ، مال-مۈلۈككە زاكات بېرىشتە ۋاقىت يىل بىلەن ئۆلچىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن زاكات سەرپ قىلىنىدىغان پېقىر-مىسكىنلەرنىڭ ھاجىتىنى قامداش ئۈچۈن ئۇلارغا بېرىلىدىغان زاكاتنىڭ ۋاقتىنى يىل بىلەن ئۆلچەش كېرەك بولىدۇ. بۇ توغرا قاراشتۇر. يەنى پېقىر-مىسكىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ بىر يىللىق تۇرمۇشىغا يەتكۈدەك بىر نەرسە بېرىمىز. مەيلى ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك بېرەيلى، ئېھتىياجىغا كۆرە ئۆزلىرى بىرنەرسە سېتىۋېلىشى ئۈچۈن نەخ پۇل بېرەيلى ياكى ئۇلار ھۈنەرۋەن-كاسىپ بولسا، مەسىلەن: ماشىنىچى، ياغاچچى، تۆمۈرچى دېگەندەك ئۇلارنىڭ كەسپىگە مۇناسىپ كىلىدىغان ئەسۋاپ-سايمان بېرەيلى، مۇھىم بولغىنى ئۇلارنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ بىر يىللىق تۇرمۇشىغا يەتكۈدەك بىر نەرسە بىرىشىمىزدۇر.

    ئۈچىنچى: زاكات توپلاشقا مەسئۇل بولغان خادىملار: ئۇلار بولسا ھاكىمىيەت تەرىپىدىن زاكات يىغىشقا بۇيرۇلغان خىزمەتچى-خادىملاردىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا سۈرە تەۋبە 60-ئايەتتە: ﴿وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا﴾ تەرجىمىسى: «زاكات خادىملىرى» دەپ زىكىر قىلىدۇ. زاكات خادىملىرى زاكات ئېلىشقا تىگىشلىك بولغان كىشىلەردىن زاكاتنى ئالىدۇ، زاكات بېرىشقا تىگىشلىك بولغان كىشىلەرگە ئۇنى تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ ۋە زاكات ئالغان ۋاقىت، مال قاتارلىق خاتىرلەشكە تىگىشلىك بولغان نەرسىلەرنى يازىدۇ. ئۇلار زاكاتقا ئالاقىدار خىزمەت بىلەن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغىمۇ زاكات ماللىرىدىن بېرىلىدۇ.

    ئۇلارغا قانچىلىق مىقداردا بېرىلىدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە، ئۇلار زاكات خىزمىتى ئۈچۈن قانچىلىك خىزمەت قىلغان بولسا، ئۇلارغا قىلغان خىزمىتى بويىچە زاكات ماللىرىدىن بېرىلىدۇ، خىزمەتچى خادىملار باي بولسۇن ياكى كەمبەغەل بولسۇن ئوخشاشلا بېرىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان خىزمەتلىرى بويىچە تەمىناتقا ئېرىشىدۇ، ئەگەر كەمبەغەل بولسا، ئۇلارغا بىر يىلغا يەتكۈدەك تۇرمۇش خىراجىتى بېرىلىدۇ، چۈنكى ئۇلاردا زاكاتقا ھەقلىق بولىدىغان ئىككى تۈرلۈك سۈپەت تېپىلىدۇ، بىرى كەمبەغەللىك يەنە بىرى زاكات توپلاش خىزمىتىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارغا قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن بېرىلگەن ھەق يىللىق خىراجىتىگە يەتمىسە، ئۇلارغا يەنە يىل توشقىچە قوشۇمچە ياردەم ھەققى بېرىلىدۇ، بۇنىڭ مىسالى: بىز ئۇلارنىڭ بىرىگە يىللىق خىراجىتى ئۈچۈن ئون مىڭ يۈەن يېتەر دەپ پەرەز قىلىپ ئۇلارغا كەمبەغەل بولغانلىقى ئۈچۈن ئون مىڭ يۈئەننى بەرگەن بولساق، ئۇلار ئون مىڭ يۈئەننى ئالغان بولسا، ئۇلارنىڭ خىزمەت ھەققى ئىككى مىڭ يۈەن بولغان بولسا، بىز ئۇلار ئىككى مىڭ يۈەن خىزمەت ھەققى، سەككىز مىڭ يۈئەننى كەمبەغەل بولغانلىقى ئۈچۈن بەرگەن بولىمىز.

    تۆتىنچى: دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلار بولۇپ، ئۇلارغا كاپىر بولغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمان بولىشىنى ئارزۇ قىلىپ بېرىمىز. ئەگەر ئۇ مۇسۇلمان بولسىمۇ لېكىن ئىمانىنى كۇچلاندۇرۇش ئۈچۈن بېرىمىز ياكى ئۇنىڭدىن مۇسۇلمانلارغا يېتىدىغان يامانلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بېرىمىز، ئومۇمەن مۇسۇلمانلارغا پايدىسى بولىدىغان ئىشلارغا ئۇلارنى مايىل قىلىش ئۈچۈن بېرىمىز.

    لېكىن بىز زاكات ماللىرىدىن بېرىدىغان كىشى چوقۇم ئۆزنىڭ قوۋمى ئىتائەت قىلىدىغان يۇقىرى تەبىقىدىكى كىشىلەردىن بولىشى كېرەكمۇ؟. شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ ياكى ئۇ كىشىنىڭ دىلىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش ئۈچۈن زاكات مالدىن بىرىمىزمۇ؟،  يېڭىدىن ئىسلامغا كىرگەن كىشىگە زاكات مالدىن بېرىش ئارقىلىق ئىسلامغا تېخىمۇ مايىل قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئىمانىنىڭ كۈچلىنىشى كۆزدە تۇتۇلسا بولامدۇ؟.

     بۇ مەسىلىدە ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بولۇپ، مېنىڭ نەزىرىمدىكى كۈچلۈك قاراش: ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۇچلاندۇرۇش ۋە دىلىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش ئۈچۈن بەرسەك بولىدۇ، گەرچە ئۇ كىشى ئۆز قوۋمىنىڭ باشلىقى بولمىسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ﴾ تەرجىمىسى: «دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا» دېگەن ئايىتى ئومۇم  بولغاچقا ئۇلارغا بېرىمىز، چۈنكى كەمبەغەلگە ئۆزىنىڭ ماددى ۋە جىسمانىي ئىھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن بېرىش دۇرۇس بولغان يەردە، ئىمانىي ئاجىز بولغان كىشىنىڭ ئىمانىنى كۈچلاندۇرۇش ئۈچۈن بېرىشىمىز ئەلۋەتتە دۇرۇس بولىدۇ.  چۈنكى بىر ئىنساننىڭ ئىمانىنى كۇچلاندۇرىشى يىمەكلىك بىلەن جىسمىنى كۇچلاندۇرۇشتىن مۇھىمدۇر.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۆت تۈرلۈك كىشىلەرگە زاكات ماللىرىدىن مەلۇم مىقدارغا ئىگە قىلىنىدۇ. يەنى ئۇلار بېرىلگەن مالغا تولۇق ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. ھەتتا يىل ئارىسىدا ئۇلاردىكى زاكاتقا ھەقلىق بولۇشتىن ئىبارەت سۈپەت يوقالغان تەقدىردىمۇ ئۇلاردىن زاكات ئۈچۈن بېرىلگەن ماللار قايتۇرۇلمايدۇ، بەلكى ئۇلار ئۈچۈن ھالال ھالىتىدە قالىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ زاكات ماللىرىغا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىگىدارچىلىق قىلىشنى ئىپادىلەيدىغان "لام" ھەرىپى بىلەن ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ﴾ تەرجىمىسى: «زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا بېرىلىدۇ.» [سۈرە تەۋبە 60-ئايەت]. "لام" ھەرىپى بىلەن كەلتۈرۈشنىڭ پايدىسى: كەمبەغەل كىشى يىل ئارىسىدا ئىقتىسادقا ئىگە بولغان بولسا، ئۇنىڭغا بېرىلگەن زاكات ماللىرى قايتۇرۇپ ئېلىنمايدۇ، مەسىلەن: كەمبەغەلنىڭ بىر يىللىق تەمىناتى ئۈچۈن ئون مىڭ يۈەن بەرگەن بولساق ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى يىل ئارىسىدا ھۈنەر-كەسىپ قىلىش ياكى مىراس يوللىرى ئارقىلىق مالغا ئىگە قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ يىنىدىكى زاكاتتىن ئالغان مالنىڭ قالغان قىسمى قايتۇرۇپ ئېلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇ مال ئۇ كىشىنىڭ شەخسى ئىقتىسادى ھېسابلىنىدۇ. 

     زاكات سەرپ قىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ بەشىنچىسى: قۇللار، ئاللاھ تائالا قۇرئاندا: ﴿وَفِي الرِّقَابِ﴾ تەرجىمىسى: «قۇللارنى ئازاد قىلىشقا» دەپ كەلتۈردى، قۇل ئازاد قىلىش دېگەن بۇ سۆزنى ئۆلىمالار مۇنداق ئۈچ تۈر بويۇنچە چۈشەندۈردى:

    بىرىنچى: خوجايىنى بىلەن توختام قىلىشقان زىممىسىدە مەلۇم مىقداردا تۆلەيدىغان قەرزى بار قۇل بولۇپ، مەزكۇر قۇلغا خوجايىنىغا بولغان قەرزىگە يەتكۈدەك مىقداردا بىر نەرسە بېرىلىدۇ.

    ئىككىنچى: مۇتلەق قۇل بولۇپ، ئۇنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن زاكات ماللىرى سەرپ قېلىنىدۇ.

    ئۈچىنچى: كاپىرلارنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان مۇسۇلمان ئەسىرلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ياكى كاپىر گۆرۈگە ئېلىۋالغان ياكى مۇسۇلمان تۇرۇپ مۇسۇلمانلارنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان بولسا ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن زاكات ماللىرىدىن بەرسە بولىدۇ. چۈنكى بۇنىڭ ھەممىسىدىكى سەۋەپ بىر ئۇ بولسىمۇ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان مۇسۇلماننى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت، مۇسۇلماننى گۆرۈگە ئېلىۋالغان كىشىنى بويسۇندۇرۇپ مۇسۇلماننى قۇتقۇزۇش مۇمكىن بولمىغاندا مال بېرىپ قۇتقۇزىمىز.

    ئالتىنچى: قەرزدارلارغا ئالاقىدار بۇ مەسىلىنى، ئۆلىمالار باشقىلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن قەرزدار بولۇپ قالغان ۋە  تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن قەرزدار بولۇپ قالغان دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىغان، باشقىلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن قەرزدار بولۇپ قالغان كىشى: ئىككى قەبىلە ياكى ئىككى يۇرت ئارىسىدا ئۇرۇش-جېدەل بولۇپ، گېپى ئۆتىدىغان، يۈز-ئابرۇيلۇق، ياخشى ئىش قىلىدىغان بىر كىشى كېلىپ ئىككى قەبىلىنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا ئىقتىساد بېرىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولسا، بىز ئاشۇ ئىسلاھاتچى كىشىنىڭ مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىك، ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىكنى تۈگىتىش ۋە كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن قىلغان شەرەپلىك خىزمىتىنى مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن ئۇ كىشى ئۈستىگە ئالغان ئىقتىسادنى زاكات ماللىرىدىن قايتۇرىمىز، ئۇ ئىسلاھاتچى كىشى باي بولسۇن ياكى كەمبەغەل بولسۇن ئۇنىڭغا زاكات ماللىرىدىن بېرىمىز، بىز ئۇ كىشىگە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن بەرمەيمىز بەلكى ئۇ كىشىنىڭ ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن بېرىمىز.

    ئىككىنچىسى: ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن قەرزدار بولۇپ قالغان كىشى بولۇپ، ئۇ كىشى باشقىلاردىن بەزى نەرسىلەرنى سېتىۋالغان بولسىمۇ ئەمما ئۇ كىشىنىڭ قەرزنى ئادا قىلغۇدەك ئىقتىسادى يوق  بولغاچقا، ئۇنىڭغا قەرزىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن زاكات ماللىرىدىن بېرىلىدۇ.

    بۇ يەردە يەنە بىر مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ: بىز زاكاتنى قەرزدار ئادەمنىڭ قەرزنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن ئۆزىگە بېرىمىزمۇ ياكى قەرزنى تۆلەپ قويۇش ئۈچۈن قەرز ئىگىسىگە بېرىمىزمۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ، قەرزدار كىشى ئىشەنچىلىك، قەرزنى ئادا قىلىشقا ھېرىسمەن، ئالغان زاكاتنى قەرز ئېگىسىگە بېرىدىغان كىشى بولسا، ئۇ ۋاقىتتا زاكاتنى قەرزدار كىشىگە بېرىمىز، ئۇ كىشى قەرزنى ئۆزى ئادا قىلىدۇ. بۇنداق قىلىش ئۇ كىشىنى قەرز ئىگىلىرى ئالدىدا خىجىللىقتىن ساقلايدۇ.

    ئەمما قەرزدار كىشى ئىسراپخۇر، مال-مۈلۈكنى بۇزۇپ چاچىدىغان، قەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىقتىساد بەرسە ئۇنى زۆرۈر بولمىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلىپ قەرزنى ئادا قىلمايدىغان كىشى بولسا، بىز قەرز ئىگىسىنىڭ  يېنىغا بېرىپ: پالانىدا قەرزىڭىز بارمۇ؟ دەپ سوراپ ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشچە قەرزنىڭ ھەممىسىنى ياكى بەزىسىنى ئادا قىلىمىز.

    يەتتىنچى: ئاللاھنىڭ يولىغا سەرپ قىلىش بولۇپ، بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتۇر. بۇ يەردە بۇنىڭدىن باشقىسى مەقسەت قىلىنمايدۇ. ئاللاھ يولىدا دېگەن سۆزدىن بارلىق ياخشىلىق يوللىرى مەقسەت قىلىنمايدۇ. چۈنكى بۇنىڭدىن ياخشىلىق يوللىرىنىڭ ھەممىسى مەقسەت قىلىنسا ئۇ ۋاقىتتا ئايەتتىكى ھەسىرنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللَّـهِ وَابْنِ السَّبِيلِ فَرِيضَةً مِّنَ اللَّـهِ وَاللَّـهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ﴾ تەرجىمىسى: «زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبنى سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.» تەۋبە سۈرىسى 60-ئايەت.

    ئاللاھ يولىدا دېگەندىن مەقسەت پەقەت ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتۇر، ئاللاھ تائالانىڭ كەلىمىسىنى ئالى قىلىشنى مەقسەت قىلىپ جىھاد قىلىدىغان مۇجاھىدقا ئۆزىنىڭ ھاجىتى ۋە جەڭگە كېتەرلىك قۇرال-ياراققا يەتكۈدەك مىقداردا زاكات ماللىرىدىن بېرىلىدۇ، ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن زاكات ماللىرىغا قورال-ياراق سېتىۋالسا بولىدۇ، لېكىن ئۇرۇش چوقۇم ئاللاھ يولىدىكى ئۇرۇش بولىشى كېرەك. بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىر ئادەم ئۆز مىللىتىنى قوغداپ ئۇرۇش قىلىدۇ يەنە بىر كىشى باتۇرلىقىنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ يەنە بىرى ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قايسىسى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغان بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ يولىدىكى ئۇرۇشنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ كەلىمىسىنى ئالى قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدىكەن ئۇ كىشى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغان بولىدۇ». ئۆزىنىڭ ۋەتىنى، مىللىتى ۋە باشقا مەقسەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغان بولمايدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان مۇجاھىدلار ھەقلىق بولغان دۇنيا-ئاخىرەتلىك نەرسىگە ھەقلىق بولالمايدۇ، ئۆزىنىڭ باتۇرلىقىنى نامايەندە قىلىش ۋە باتۇر ئاتىلىشىنى ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن ياكى باشقا مەدھىيىلەرنى ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان كىشىلەرمۇ ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغان ھېسابلانمايدۇ، شۇنىڭدەك ئۆزىنى كۆرسىتىش، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغانلارمۇ ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغان ھېسابلانمايدۇ، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلمىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى زاكات ماللىرىدىن بىر نەرسىگە ھەقلىق بولالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئايەتتە: ﴿وَفِي سَبِيلِ اللَّهِ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ يولىدا» دېدى. ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان بولىدۇ.

    بەزى ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ يولىدا دېگەن ئۇقۇم، ئۆزىنى شەرئى ئىلىم ئۈگۈنۈشكە ئاتىغان كىشىنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ئۇ كىشىگىمۇ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ جاي، كىتاپ ۋە ماتىريال قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن زاكات ماللىرىدىن بېرىلىدۇ. چۈنكى شەرئى ئىلىم ئۈگۈنۈشمۇ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ساغلام نىيەت بىلەن ئىلىنغان ئىلىمغا بىر نەرسە باراۋەر كەلمەيدۇ".

    ئىلىم دېگەن شەرىئي پرىنسىپلارنىڭ ئاساسىدۇر. شەرئى قانۇن ئىلىم بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا كىشىلەرنىڭ ئادالەتنى بەرپا قىلىشى، قائىدە-تۈزۈملەرنى ئۆگىنىشى، ئەقىدىگە زۆرۈر بولغان ئاغزاكى ۋە ئەمەلى بىلىملەرنى ئۈگۈنۈشى ئۈچۈن كىتاب نازىل قىلدى.

    ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش بولسا ئەڭ شەرەپلىك ئەمەل بەلكى ئۇ ئىسلامنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر. ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىدە ھېچ كىشى شەك قىلمايدۇ. لېكىن شۇنى بىلىش كېرەككى، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش توغرىسىدا تولۇق بىلىمگە ئىگە بولۇپ ئۇنىڭدىن كىيىن ئاللاھ يولىدا جىھادغا ئاتلىنىشنىڭ پەزىلىتىنىڭ روشەن ئىكەنلىكىدە ھېچ شۈبھى يوقتۇر.

    سەككىزىنچى: ئىبنى سەبىل. ئۇ سەپەر جەريانىدا ئىقتىسادتىن ئايرىلىپ قالغان كىشى بولۇپ، گەرچە ئۆز يۇرتىدا ئىقتىسادى بولسىمۇ ئۇ كىشىگە سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆز يۇرتىغا كىتىۋېلىشى ئۈچۈن زاكات ماللىرىدىن بېرىلىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى سەپەر جەريانىدا مۇھتاج بولۇپ قالدى، بىز ئۇ كىشىگە ھازىر باشقىلاردىن قەرز ئىلىپ يۇرتىڭىزغا كىتىۋىلىپ ئاندىن قەرزنى قايتۇرۇڭ دېمەيمىز، ئەمما ئۇ كىشى زاكات ئېلىشنى رەت قىلىپ باشقىلاردىن قەرز ئالسا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى. مەسىلەن بىر كىشى مەدىنىدىن مەككىگە سەپەر قىلغان بولسا، سەپەر جەريانىدا پۇلىنى يوقۇتۇپ قويدى دېسەك، بىز ئۇ كىشىگە زاكاتتىن مەدىنىگە كىتىشكە يەتكۈدەك ئىقتىساد بېرىمىز، ئۇنىڭدىن ئارتۇق بەرمەيمىز. چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ ئىھتىياجى پەقەت ئۆز يۇرتىغا يىتىۋالغۇچى قەدەر.

    بىز زاكات سەرپ قىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ تۈرلىرىنى بىلگەندىن كېيىن زاكاتنى ئۇلاردىن باشقا ئومۇمغا ياكى شەخسلەرگە مەنپەئەتى يېتىدىغان ئورۇنلارغا بەرمەيمىز. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن مەسچىت قۇرۇلىشى، يول ياساش، مەكتەپ-مەدرىسە سېلىش ئىشلىرىغا زاكات ماللىرىدىن بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا زاكات سەرپ قىلىنىدىغان ئورۇنلارنى بايان قىلىپ ﴿فَرِيضَةً مِّنَ اللَّـهِ وَاللَّـهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ﴾ تەرجىمىسى: «بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.» [سۈرە تەۋبە 60-ئايەت]. بۇ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن تەقسىمات  بولۇپ ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، زاكات سەرپ قىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە زاكاتتى بېرىش كېرەكمۇ؟، يۇقىرىقى ئايەتتە بايان قىلىنغان "ۋاۋ" كۆپلۈكنى تەقەززا قىلامدۇ؟.

    بۇنىڭ جاۋابى: زاكاتنى سەككىز تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە بېرىش كېرەك ئەمەس، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتكەندە ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ ماللىرىدا زاكاتنى پەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگىن، زاكات ماللىرى ئۇلارنىڭ بايلىرىدىن ئېلىنىپ كەمبەغەللىرىگە بېرىلىدۇ.» پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە زاكات بېرىلىدىغان كىشىلەردىن پەقەت بىر تۈرنىلا بايان قىلغان، بۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ تائالا ئايەتتە زاكاتقا ھەقلىق بولىدىغان كىشىلەرنىڭ تۈرىنىلا بايان قىلىپ بەردى، بۇنىڭدىن ئايەتتە بايان قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىش كېرەك دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ. بەلكى شۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجىغا قاراپ بېرىلىدۇ.

    ئەگەر زاكاتنى بۇ سەككىز تۈرلۈك كىشىلەردىن قايسىسىغا بېرىش ياخشى دەپ سورالسا؟، بىز دەيمىزكى: قايسى تۈردىكى كىشىلەر بەك ئېھتىياجلىق بولسا شۇنىڭغا بېرىمىز، چۈنكى سەككىز تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ ھەممىسى زاكات ئېلىشقا ھەقلىق، ئۇلارنىڭ قايسىسى بەك ئېھتىياجلىق بولسا شۇنىڭغا بېرىش ياخشى بولىدۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا پېقىر-مىسكىنلەر ئېھتىياجلىقراق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا زاكات ئايىتىنى پېقىر-مىسكىنلەردىن باشلاپ مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللَّـهِ وَابْنِ السَّبِيلِ فَرِيضَةً مِّنَ اللَّـهِ وَاللَّـهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ﴾ تەرجىمىسى: «زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبنى سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.» تەۋبە سۈرىسى 60-ئايەت.

   [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالىرى مەجمۇئەسى 18- توم 331-339-بەتلەرگە قارالسۇن].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاب تورى
Create Comments