جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

تەراۋىھ نامىزىدا ھەر ئىككى رەكەتتىن كېيىن دۇئا قىلىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغىرسىدا

سۇئال

تەراۋىھ نامىزىدا ھەر سالام بىلەن يەنە بىر سالام ئارىسىدا: پەرۋەردىگارىمىز! سەن پاكتۇرسەن، سېنى مەدھىيلەيمىز، ئى پەرۋەردىگارىم! بىزنى كەچۈرۈم قىلغىن دەپ دۇئا قىلىش توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   تەراۋىھ نامىزىدا ھەر سالام بىلەن يەنە بىر سالام ئارىسىدا: پەرۋەردىگارىمىز! سەن پاكتۇرسەن، سېنى مەدھىيلەيمىز، ئى پەرۋەردىگارىم! بىزنى كەچۈرۈم قىلغىن دېگەن بۇ سۆز بىلەن دۇئا قىلىشنىڭ ھەدىستە ئەسلى يوق، ئىمامنىڭ ياكى ئىمامغا ئەگەشكۈچىنىڭ بۇ دۇئانى داۋاملاشتۇرىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئىبادەت دېگەن ھۆكۈمگە توختىلىدۇ. ئىبادەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يولغا قويغان شەكىلدە بولىدۇ، دەلىل-ئىسپاتسىز مەلۇم ۋاقىتتا مەلۇم ئىبادەتنى ئادا قىلىشنى لازىم تۇتۇش يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەتنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ.

    ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىز بۇيرۇمىغان ئىشنى قىلغان كىشىنىڭ ئىشى رەت قېلىنىدۇ. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

   پەرۋەردىگارىمىز! سەن پاكتۇرسەن، سېنى مەدھىيلەيمىز، ئى پەرۋەردىگارىم! بىزنى كەچۈرۈم قىلغىن دېگەن بۇ كاتتا زىكىر بولۇپ بۇ زىكىرنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇ ۋە سەجدىدە دەيتتى.

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازدا رۇكۇ-سەجدىلەردە: پەرۋەردىگارىمىز! سەن پاكتۇرسەن، سېنى مەدھىيلەيمىز، ئى پەرۋەردىگارىم! بىزنى كەچۈرۈم قىلغىن دېگەن دۇئانى كۆپ ئوقۇش بىلەن قۇرئاندا بۇيرۇلغان ئىشنى قىلاتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 784-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 484-ھەدىس].

   ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلغاندىن كېيىن:  إِذَا جَاءَ نَصْرُ اللَّهِ وَالْفَتْحُ * وَرَأَيْتَ النَّاسَ يَدْخُلُونَ فِي دِينِ اللَّهِ أَفْوَاجًا * فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَاسْتَغْفِرْهُ إِنَّهُ كَانَ تَوَّابًا  تەرجىمىسى: ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا كىشىلەرنىڭ توپ ـ توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگىنىڭدە، رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر. [سۈرە نەسىر].  رەسۇلۇللاھ ئايەتتە بۇيرۇلغاننى ئىجرا قىلاتتى.

    كىشىلەرنىڭ سۈننەتنى تەرك قىلىپ بىدئەتكە ئېسىلغانلىقىغا قارىمامسەن!. تەراۋىھ نامىزىدا قىلىنىدىغان بىدئەتلەردىن: كىشىلەرنىڭ: كېچىلىك نامازدا! ئاللاھ سىلەرگە ساۋاپ بەرسۇن دېگەن سۆزى، ئۇلارنىڭ يەنە ھەر ئىككى رەكەت ئارىسىدا: ئۈنلۈك ئاۋازدا ئاللاھۇممە سەللى ۋەسەللىم، ئەلا سەيدىنا مۇھەممەد دەپ توۋلىشى، ھەر ئىككى رەكەتنىڭ ئارىسىدا ئۇلارنىڭ ئىخلاس ۋە مۇئەۋۋەزەتەين سۈرىسىنى ئوقۇشى ياكى ئىمامنىڭ: سۈبھانەللاھ دېيىشى، جامائەتلەرنىڭ: سۈبھانەللاھى ۋەبى ھەمدىھى سۇبھانەللاھىل ئەزىم دېگەن سۆزنى تەكرار ئېيتىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن دەلىل بايان قىلىنمىغان ئىشلاردىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرى بۇنى يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن دەپ پەتىۋا بەرگەن". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 208-215-بەت].

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى