47425: ناماز تاشلىغۇچىنى دەۋەت قىلىش ۋە بىدئەتچىگە مۇئامىلە قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى يول قايسى؟


ناماز تاشلىغۇچىنى دەۋەت قىلىش ۋە بىدئەتچىگە مۇئامىلە قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى يول قايسى؟.

Published Date: 2017-09-06

   جاۋاپ:

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەردە دەۋەت قىلىنغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا قاراش كېرەك. قىزىقتۇرۇش ۋە قورقۇتۇش گەرچە شەرىئەتتە بىرلىكتە ئىلىپ بېرىلىدىغان ئومومى ئاساس بولسىمۇ، ئىككىسىدىن ئۇنىڭ تەبىئىتىگە مۇۋاپىق كىلىدىغىنىغا رېئايە قىلىش لازىم. دەۋەت قىلىنغۇچىنىڭ دەۋەتكە يۈزلىنىش ياكى باش تارتىش، ۋەز-نەسىھەتتىن تەسىر ئېلىش ياكى يۈز ئۆرۈش قاتارلىق  دەۋەت جەريانىدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇش ئىنتايىن مۇھىم.

ئىككىنچى: نامازنى تەرك قىلغۇچىنى دەۋەت قىلىشتىكى ياخشى يول مۇنداق ئىخچاملاشتۇرىلىدۇ:

    1-نامازنىڭ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىدىن كىيىنكى ئىسلام ئاساسىنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئىكەنلىكى ۋە مۇسۇلمانلارغا پەرز ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىش.

    2-نامازنىڭ پەزىلەتلىرىنىڭ بەزىسىنى بىلدۈرۈش، نامازنىڭ ئاللاھ بەندىلىرىگە پەرىز قىلغان ئەمەللەرنىڭ ياخشىسى ۋە بەندىنى ئاللاھ تەرەپكە يېقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى ئەمەل ئىكەنلىكى، دىن ئىشلىرىدا ئىنساندىن تۇنجى قېتىم نامازدىن ھېساب ئېلىنىدىغانلىقى، بەش ۋاقىت نامازنىڭ چوڭ گۇناھ سادىر قىلمىغاندا، ئارىلىقتىكى كېچىك گۇناھلىرىغا كاپارەت بولىدىغانلىقى، ھەر بىر سەجدە بىلەن ئىنساننىڭ بىر دەرىجىسى ئۈستۈن بولىدىغانلىقى، بىر خاتالىقى ئۆچۈرىلىدىغانلىقى قاتارلىق نامازنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەرنى بايان قىلىپ بېرىش، نامازنىڭ ئىنسان كۆڭلىنى كەڭرى قىلىدىغانلىقى، تولۇق ئادا قىلغۇچىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلغاندەك خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىش كېرەك.

   3-نامازنى تاشلىغۇچى توغرىسىدا كەلگەن قاتتىق ئازاپنى، ئۆلىمالارنىڭ ئۇنى كاپىر ۋە مۇرتەد دەپ ھۆكۈم بېرىشتىكى قاراشلىرىنى بىلدۈرۈش كېرەك، ئىسلام نامازنى تەرك قىلغۇچىغا كىشىلەر ئارىسىدا خاتىرجەم ياشاش پۇرسىتى بەرمەيدۇ، ئۇنىڭ تىزدىن ناماز ئوقۇشقا قايتىشى ۋاجىپ، ئەگەر نامازنى تاشلاشنى داۋاملاشتۇرسا ئىمام ئەھمەد ۋە سەلەپلەردىن بۇ قاراشقا مۇۋاپىق كەلگەنلەرنىڭ مەزھىبىدە مۇرتەد دەپ ئۆلتۈرىلىدۇ، ياكى ئىمام مالىك ۋە شاپىئىنىڭ مەزھىبىدە جازالاپ ئۆلتۈرىلىدۇ، ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ مەزھىبىدە تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. ئۆلىمالارنىڭ ھېچ بىرى نامازنى تەرك قىلغۇچىنى ئەركىن قويىۋىتىپ: "ئۆلىمالارنىڭ مۇشۇ ئېشىڭ توغرىسىدا كاپىر دېيىش ياكى ئۆلتۈرۈش ياكى تۈرمىگە تاشلاش توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشىغا رازى بولامسەن؟ " دەپ باقمىغان.

   4-ئاللاھقا ئۇچرىشىشنى، ئۆلۈمنى، قەبرىنى ۋە نامازنى تاشلىغۇچى ئۇچرايدىغان يامان ئاقىۋەت ۋە قەبىر ئازابىنى ئەسلىتىش كېرەك.

   5-نامازنى ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ ئوقۇشنىڭ چوڭ گۇناھلاردىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىش كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَخَلَفَ مِنْ بَعْدِهِمْ خَلْفٌ أَضَاعُوا الصَّلاةَ وَاتَّبَعُوا الشَّهَوَاتِ فَسَوْفَ يَلْقَوْنَ غَيّاً﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار كەتكەندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ) ئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلمىدى، نەپسى - خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار(قىيامەتتە) گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.» [سۈرە مەريەم 59-ئايەت].

    ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايەتتىكى: «غەييا» دېگەن سۆزنى ئىزاھلاپ: ئۇ جەھەننەمدىكى ئۆزى چوڭقۇر بەتبۇي جىلغا دېگەن.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَوَيْلٌ لِلْمُصَلِّينَ الَّذِينَ هُمْ عَنْ صَلاتِهِمْ سَاهُونَ﴾ تەرجىمىسى: «شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازلىرىدىن غەپلەتتىدۇر.» [سۈرە مائۇن 4 -5- ئايەتلەر].

    6-نامازنى تەرك قىلغۇچىنى كاپىر دېيىلگەندىن كىيىن يۈز بېرىلىدىغان ئىشلارنىڭ چوڭلىقىنى، نىكاھىنىڭ باتىل بولىدىغانلىقى، ئەر- ئاياللارنىڭ بىرگە ياشىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى، ئۆلۈپ كەتسە يۇيۇلمايدىغانلىقى، جىنازە نامىزى ئوقۇلمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىش كېرەك. نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىدۇر: «مۇسۇلمان بىلەن مۇشرىك-كاپىرنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىشتۇر.» [مۇسلىم رىۋايىتى82-ھەدىس].

    يەنە بىر ھەدىستە: «ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ۋەدە نامازدۇر، كىمكى نامازنى تەرك قىلىدىكەن كاپىر بولىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى 2621-ھەدىس. نەسائى رىۋايىتى463-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى1079-ھەدىس].

   7-ناماز تېمىسى ئاساس قىلىنغان، نامازغا سەل قارىغۇچى ۋە تاشلىغۇچىنىڭ جازاسى بايان قىلىنغان كىتاپچە، لىنتىلارنى سوۋغا قىلىش.

    8-نامازنى تەرك قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈش ۋە تەرك قىلىش.

   ئەمما بىدئەتچىگە كەلسەك، ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىش پەيدا قىلغان بىدئىتى ۋە دەرىجىسىگە قاراپ بولىدۇ. ئۇنى ئاللاھ تەرەپگە دەۋەت قىلىپ نەسىھەت قىلىش، قىلمىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە دەلىل تۇرغۇزۇش، شەك-شۈبھىلىرىنى يوق قىلىش زۆرۈر. ئەگەر بىدئەتتە چىڭ تۇرسا،  تاشلىۋىتىش ئۇنىڭغا پايدىلىق دەپ قارالسا تاشلىۋىتىلىپ، قىلمىشى چەكلىنىدۇ، بىر ئادەمنى بىدئەتچى دەپ ھۆكۈم بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىدئىتىنى ئىسپاتلاشتا ئۆلىمالارغا مۇراجىئەت قىلىنىدۇ، بىدئەت بىلەن بىدئەت ساھىبىنىڭ ئارىسىنى ئايرىش بەزىدە بىلمەسلىك ۋە خاتا چۈشۈنۈش سەۋەبىدىن تەس بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ تەپسىلاتىغا قاراش ئۈچۈن  شەيخ سەئىيد بىن ناسىر ئەل غامىدىينىڭ «بىدئەتنىڭ ھەقىقىتى ۋە ھۆكمى» ناملىق ئەسىرىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى
Create Comments