پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھەرقانداق مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلىش توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

ھەرقانداق مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلىش توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئېتىكاپ قىلىش توغرا بولىدىغان مەسچىتنىڭ سۈپىتى توغىرسىدا ئۆلىمالارنىڭ قارىشى بىردەك ئەمەس، بەزى ئۆلىمالار ئىتىكاپنى ھەرقانداق مەسچىتتە قىلسا توغرا بولىدۇ ھەتتا جامائەت بولۇپ بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇلمايدىغان مەسچىتتە قىلىسىمۇ توغرا بولىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر:  وَلا تُبَاشِرُوهُنَّ وَأَنْتُمْ عَاكِفُونَ فِي الْمَسَاجِدِ   تەرجىمىسى: سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا (كۈندۈز بولسۇن كېچە بولسۇن)، ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار. [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت].

    ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ: ئېتىكاپنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن جامائەت ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىت بولۇش كېرەك دېگەننى شەرت قىلىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى:

   1-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئېتىكاپ پەقەت جامائەت ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىتتە بولىدۇ. [بەيھەقى رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى "رامىزاندا قىيامدا تۇرۇش ناملىق رىسالىسىدا سەھىھ دېگەن].

   2-ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇلمايدىغان مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلىش توغرا بولمايدۇ. ["پىقھى توپلاملىرى"5-توم 212-بەت].

   3-ئەگەر جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇلمايدىغان مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلىش مۇنداق ئىككى ئىشنىڭ بىرىگە ئېلىپ بارىدۇ:

    بىرىنچى: جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشنى تەرك قىلىدۇ، ئەر كىشىنىڭ ئۈزۈرسىز جامائەت نامىزىنى تەرك قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

    ئىككىنچى: باشقا مەسچىتتە جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تولا سىرتقا چېقىش ئېتىكاپنىڭ پرىنسىپىغا زىت كېلىدۇ. ["ئەلمۇغنى" 4-توم 461-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "شەرھىل مۇمتىى" ناملىق ئەسەر 6-توم 312-بەتتە: ئېتىكاپ پەقەت جامائەت ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىتتە بولىدۇ" دېگەن.

    بۇنىڭدىن جۈمە نامىزى ئوقۇيدىغان مەسچىت مەقسەت قىلىنامدۇ ياكى جامائەت بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىت مەقسەت قىلىنامدۇ؟ دېيىلسە، بۇنىڭ جاۋابى: بۇنىڭدىن جامائەت بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىت مەقسەت قىلىنىدۇ، جۈمە ئوقۇيدىغان مەسچىت بولۇش شەرت قىلىنمايدۇ، جامائەت بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇمايدىغان ئورۇننى مەسچىت دېگىلى بولمايدۇ، جامائەت ناماز ئوقۇمايدىغان مەسچىت دېگەن: كىشىلەر كۆچۈپ كەتكەن ياكى تاشلىنىپ قالغان جايدىن ئىبارەتتۇر.

   ئېتىكاپ قىلىدىغان مەسچىتنىڭ جۈمە نامىزى ئوقۇيدىغان مەسچىت بولىشى شەرت ئېتىلمەيدۇ، چۈنكى جۈمە نامىزى ھەپتىدە بىر قېتىم بولغانلىقى ئۈچۈن تەكرار سىرتقا چېقىش كېرەك بولمايدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە بەش ۋاقىت ئوقۇيدىغان مەسچىت بولمىسا ئۇ ۋاقىتتا ھەر كۈنى بەش ۋاقىت نامازغا چېقىش ئۈچۈن سىرتقا تەكرار چېقىش كېرەك بولىدۇ.

    ئېتىكاپ قىلىدىغان مەسچىتنىڭ جامائەت بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىت بولۇشى كېرەك دېگەن شەرت ئەرلەرگە خاس بولىدۇ، ئەمما ئايال ئېتىكاپ قىلماقچى بولسا ئايالنىڭ جامائەتكە چېقىشى كېرەك بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەر قانداق مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلسا توغرا بولىدۇ".

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ"ئەلمۇغنى"دا ئىمام شاپىئىي رەھىمەھۇللاھ: "ئايال ھەرقانداق مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلسا توغرا بولىدۇ، جامائەت ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىت بولىشى شەرت ئەمەس، چۈنكى ئايالغا جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش كېرەك ئەمەس"دەيدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ:"شەرھىل مۇمتىئ" 6-توم 313-بەتتە: "ئەگەر ئايال جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇلمايدىغان مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلسا توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئايالغا جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش كېرەك بولمايدۇ" دەيدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى