49014: ھېيتنىڭ ئەھكاملىرى ۋە ئۇ كۈندىكى سۈننەتلەر توغرىسىدا


ھېيت كۈنىدە قىلىنىدىغان بەزى سۈننەت ئەمەللەر ۋە ھۆكۈملەرنى بىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلىمەن.

Published Date: 2017-08-28

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

ئاللاھ تائالا ھېيت كۈنىدە بىرقانچە ھۆكۈملەرنى يولغا قويدى:

بىرىنچى: ھېيت كېچىسى يەنى رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن ئولتۇرغاندىن باشلاپ، ھېيت كۈنى ئىمام نامازغا كەلگەنگە قەدەر تەكبىر ئېيتىش مۇستەھەپ بولىدۇ. تەكبىرنىڭ شەكلى: ئاللاھۇئەكبەر، ئاللاھۇئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھ، ئاللاھۇئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋە لىللاھىلھەمدۇ. ياكى تەكبىرنى ئۈچ قېتىم ئېيتسىمۇ بولىدۇ: ئاللاھۇئەكبەر، ئاللاھۇئەكبەر، ئاللاھۇئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھ، ئاللاھۇئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋە لىللاھىلھەمدۇ. بۇنىڭ ھەر بىرى توغرا.

ئەرلەر بازارلاردا، مەسچىتلەردە ۋە ئۆيلەردە بۇ تەكبىرلەرنى ئۈنلۈك ئېيتىشى كېرەك، ئاياللار ئاۋازىنى كۆتۈرمەي، پەس ئاۋازدا ئېيتىدۇ.

ئىككىنچى: روزا ھېيت نامىزىغا چېقىشتىن ئىلگىرى بىر قانچە تال تاق خورما يەيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا ھېيت كۈنى بىر قانچە تال تاق خورما يەۋېتىپ ھېيت نامىزىغا چىقاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغاندەك تاق خورمىدىلا توختايدۇ.

ئۈچىنچى: ئەرلەر چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىدۇ، ئاياللار ھېيت نامىزىغا چىققان ۋاقىتتا ياسىنىپ چىقمايدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاياللار ئادەتتىكى كىيىملىرىنى كىيىپ چىقىدۇ». ئۇلارنىڭ خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ، ياسىنىپ چىقىشى چەكلىنىدۇ.

تۆتىنچى: بەزى ئۆلىمالار ئىلگىرىكىلەرنىڭ بەزىسىدىن رىۋايەت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ھېيت  نامىزىغا يۇيۇنۇپ چىقىشنى ياخشى دەپ قارىغان. كىشىلەر يىغىلىدىغانلىقى ئۈچۈن جۈمە كۈنىدە يۇيۇنۇش يولغا قويۇلغاندەك، ھېيت نامىزىغا يۇيۇنۇپ چىقىش مۇستەھەپ. كىشىلەر يۇيۇنغان بولسا ياخشى بولاتتى.

بەشىنچى: ھېيت نامىزى. بارلىق مۇسۇلمانلار ھېيت نامىزىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن، ھېيت نامىزى ئوقۇشنى بەزى ئۆلىمالار سۈننەت دېگەن. بەزىلەر پەرز كۇپايە دېگەن. يەنە بەزىلەر: ئۇ پەرز ئەين، ھېيت نامىزى ئوقۇشنى تەرك قىلغان كىشى گۇناھكار بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەتتا ياش چوكانلار، كىچىك قىزلار ۋە ئادەتتە چىقمايدىغانلارنىمۇ ھېيت نامىزىغا كىلىشكە بۇيرىغان، ھەيىزدار ئاياللار ناماز ئوقۇيدىغان جايدىن يىراق تۇرىدۇ، چۈنكى ھەيىزدار ئايالنىڭ مەسچىتتىن ئۆتىشى توغرا بولسىمۇ ئەمما مەسچىتتە تۇرۇشى توغرا بولمايدۇ،-دېگەن.

يۇقىرىقى دەلىللەردىن مېنىڭ قارىشىمدا ھېيت نامىزى ئوقۇش پەرز ئەيىن دېگەن ھۆكۈم كۈچلۈكرەك تۇرىدۇ، چۈنكى ھېيت نامىزىغا ئۆزرىسى بولمىغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ كىلىشى زۆرۈر. بۇ ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدۇر.

ھېيت نامىزىدا ئىمام بىرىنچى رەكەتتە "سەببەھىسمە رەببىكەل ئەئلا" نى ئىككىنچى رەكەتتە "ھەل ئەتاكە ھەدىيسۇل غاشىيە" نى، ياكى بىرىنچى رەكەتتە "قاف" سۈرىسىنى، ئىككىنچى رەكەتتە "قەمەر" سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ، ئىككىلىسىنى ئوقۇغانلىق توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سەھى ھەدىس بايان قىلىنغان.

ئالتىنچى: جۈمە كۈنى بىلەن ھېيت كۈنى بىر كۈندە كەلسە، ھېيت نامىزىمۇ ۋە جۈمە نامىزىمۇ ئوقۇلىدۇ، ئىمام مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھى كىتابىدا نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن  رىۋايەت قىلغان ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بۇنى ئىپادىلەيدۇ، لېكىن ئىمام بىلەن ھېيت نامىزى ئوقۇغان كىشى خالىسا جۈمە نامىزى ئوقۇيدۇ، خالىسا پىشىن نامىزى ئوقۇيدۇ.

يەتتىنچى: ھېيت نامىزىنىڭ بەزى ھۆكۈملىرى: كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا، ئىمام كىلىشتىن ئىلگىرى ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان جايغا كەلگەن كىشى ناماز ئوقۇمايلا ئولتۇرىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېيت نامىزىنى ئىككى رەكەت ئوقۇغان، ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن ياكى كېيىن ھېچ قانداق ناماز ئوقۇمىغان.

بەزى ئۆلىمالار: ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان جايغا كەلگەن كىشى ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ ئولتۇرىدۇ، چۈنكى ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان جاي دېگەن مەسچىتنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، ھەيز كۆرۈپ قالغان ئاياللارنىڭ ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان جايدىن چەكلەنگەنلىكى بۇنىڭ دەلىلى، ئۇ يەرگىمۇ مەسچىتنىڭ ھۆكمى بېرىلگەندىن كېيىن ئۇ يەرمۇ مەسچىتكە ئوخشاش بولدى، بۇ جايمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىرىڭلار مەسچىتكە كىرسە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇماي ئولتۇرمىسۇن» دېگەن ئومۇمى ھۆكمىنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن ياكى كېيىن ناماز ئوقۇمىغانلىقى بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپلا ھېيت نامىزىنى باشلىغانلىقى ئۈچۈن،- دەپ قارىغان.

شۇڭا ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان جايدىمۇ باشقا مەسچىتلەردە ئوقۇغاندەك مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى ئوقۇسا بولىدۇ، چۈنكى بىز ھەدىستىن ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان جايدا مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى ئوقۇلمايدۇ دېگەن ھۆكۈمنى ئالساق، جۈمە نامىزى ئوقۇيدىغان مەسچىتتىمۇ مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى ئوقۇش لازىم بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمە نامىزىغا كەلگەن ۋاقتىدا خۇتبە سۆزلەپ، ئاندىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇغان، ئاندىن نامازدىن يېنىپ، جۈمەنىڭ سۈننىتىنى ئۆيىدە ئوقۇغان، جۈمە نامىزىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرىمۇ ياكى كېيىنمۇ ناماز ئوقۇمىغان.

مېنىڭ قارىشىمچە، ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان جايدا مەسچىت ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش كۈچلۈك ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقتىمۇ بۇ ئىختىلاپلىق مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى ئىنكار قىلمايمىز، بولۇپمۇ ئوچۇق دەلىل بولمىغان ئىختىلاپى مەسىلىدە بىر-بىرىمىزنى ئىنكار قىلىش توغرا ئەمەس، شۇڭا ناماز ئوقۇغان كىشىگىمۇ ۋە ناماز ئوقۇماي ئولتۇرغان كىشىگىمۇ ئىنكار قىلمايمىز.

سەككىزىنچى: روزا ھېيت كۈنىدىكى ھۆكۈملەردىن بىرى: ئۇ كۈندە پىتىر زاكىتىنى بېرىش زۆرۈر بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پىتىر زاكىتىنى ھېيت نامىزىغا چېقىشتىن بۇرۇن ئادا قىلىشقا بۇيرىغان، بەلكى ھېيتتىن بىر-ئىككى كۈن ئىلگىرى بەرسىمۇ توغرا بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ساھابىلار پىتىر زاكىتىنى ھېيتتىن بىر-ئىككى كۈن بۇرۇن بېرەتتى» دېگەن. ئەگەر ئۇنى ھېيت نامىزىدىن كېيىن بەرسە پىتىر سەدىقىسى بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «كىم پىتىر سەدىقىسىنى ھېيت نامىزىغا چېقىشتىن بۇرۇن ئادا قىلسا، ئۇ قوبۇل قىلنىدىغان زاكات بولىدۇ، كىم نامازدىن كېيىن ئادا قىلغان بولسا ئادەتتىكى سەدىقىلەردىن بولىدۇ» دېيىلگەن. كىشىلەرگە پىتىر زاكىتىنى ھېيت نامىزىدىن كېچىكتۈرۈش ھارامدۇر، ئەگەر ئۆزرىسىز كېچىكتۈرىۋەتسە ئۇ قوبۇل قىلىنمايدىغان زاكات بولىدۇ، ئەگەر ئۆزۈرلۈك بولسا، يەنى سەپەردە بولۇپ، يېنىدا بېرىدىغان نەرسە يوق ياكى بېرىدىغان ئادەم يوق، ياكى ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن پىتىر سەدىقىسى بېرىپ قۇيۇشنى ھاۋالە قىلىدىغان ئىشەنچىلىك ئادەم تاپالمىسا، گەرچە نامازدىن كېيىن بولسىمۇ، قاچان ئىمكانىيەت بولسا شۇ ۋاقىتتا بېرىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى ئۆزۈرلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن گۇناھ بولمايدۇ.

توققۇزىنچى: كىشىلەر بىر-بىرىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەيدۇ، لېكىن بۇ جەرياندا كۆپىنچە كىشىلەردىن چەكلەنگەن ئىشلار سادىر بولىدۇ، ئەرلەر ئۆيلەرگە كىرىپ، ئاياللار بىلەن مەھرىمى يوق يەردە، يۈزى ئوچۇق ھالەتتە قول ئېلىشىپ كۆرىشىدۇ، بۇلار بىر- بىرىدىن يامان چەكلەنگەن ئىشلاردۇر.

بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە مەھرەم بولمىغانلار بىلەن كۆرۈشۈشتىن باش تارتقانلارغا نەپرەتلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز، ئۇلار زالىملاردۇر، كۆرۈشۈشتىن باش تارتقۇچى زالىم بولمايدۇ، تۇققانچىلىق ئۈزۈلسە سەۋەپچىسى ئۇلار بولىدۇ، ئۇ ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئۇ كىشى ئۇلارغا شەرئى ھۆكۈمنى بايان قىلىپ بېرىشى، ئىشەنچىلىك ئىلىم ئەھلىدىن سوراشقا يېتەكلىشى كېرەك، ئۇلارنى ئاتا-بوۋىلارنىڭ ئادەتلىرىگە ئەگەشمىگەنلىككىلا غەزەپلەنمەسلىك توغرىسىدا نەسىھەت قىلىش كېرەك، چۈنكى ئادەت دېگەن ھالالنى ھارام، ھارامنى ھالال قىلالمايدۇ، يەنە ئۇلارغا بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغان كىشىلەردىن بولۇپ قالماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَكَذَلِكَ مَآ أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ فِى قَرْيَةٍ مِّن نَّذِيرٍ إِلاَّ قَالَ مُتْرَفُوهَآ إِنَّا وَجَدْنَآ ءَابَآءَنَا عَلَى أُمَّةٍ وَإِنَّا عَلَى ءَاثَـارِهِم مُّقْتَدُونَ﴾ تەرجىمىسى: {شۇنىڭدەك سەندىن ئىلگىرى ھەر قاچان بىرەر شەھەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) ئەۋەتسەكلا، ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «بىز ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭىمىز» دېيىشتى}. زۇخرۇپ سۈرىسى: 23-ئايەت.

بەزى كىشىلەر ھېيت كۈنىدە قەبرىستانلىققا چىقىپ دۇئا قىلىپ ئۇلارنى تەبرىكلەشنى ئادەت قىلىۋالغان، قەبرىستاندىكىلەر روزا تۇتمىدى ۋە ناماز ئوقۇمىدى، ئۇلارنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەشنىڭ ھاجىتى يوق.

قەبىر زىيارەت قىلىش ھېيت كۈنىگە، جۈمە كۈنىگە ياكى بىرەر كۈنگە خاس ئەمەس، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىدە قەبىرنى زىيارەت قىلغانلىقى توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنغان، ئىمام مۇسلىم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قەبرىنى زىيارەت قىلىڭلار، ئۇ سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاخىرەتنى ئەسلىتىدۇ» دېگەن.

قەبرىنى زىيارەت قىلىش ئىبادەت بولۇپ، ئىبادەتلەر شەرىئەتكە مۇۋاپىق بولمىسا يولغا قويۇلغان بولمايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەبىر زىيارەت قىلىشقا ھېيت كۈنىنى خاس قىلمىغان، شۇڭا زىيارەتكە ئۇ كۈننى خاسلاشتۇرىۋىلىشقا بولمايدۇ.

ئونىنچى: ھېيت كۈنىدە ئەرلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرىشىشى خاتا ئەمەس.

ئون بىرىنچى: ھېيت نامىزىغا چىققان كىشىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ، نامازغا بىر يولدىن بېرىپ، يەنە بىر يولدىن قايتىشى يولغا قويۇلغان، بۇ پەقەت ھېيت نامىزىغا خاس سۈننەت بولۇپ، باشقا نامازلار ۋە جۈمە نامىزىدىمۇ يولغا قويۇلمىغان.

"ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 16-توم، 216-223-بەتتىن قىسقارتىلدى.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاب تورى
Create Comments