49020: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ھېيت نامىزىدىكى سۈننەتلىرى توغرىسىدا


پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ھېيت نامىزىدىكى سۈننەتلىرىنى بىلىشنى مەقسەت قىلىمەن.

Published Date: 2017-08-29

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى ھېيت نامىزىنى ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان جايدا ئوقۇيتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتتە ھېيت نامىزى ئوقۇغانلىقى ئىسپاتلانمىدى.

ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھ "ئەلئۇم" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: بىزگە يەتكەن ئەسەرلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە ئىككى ھېيت نامىزى ئۈچۈن ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان جايغا چىققان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكىلەرمۇ يامغۇر يېغىپ قىلىش قاتارلىق ئۆزۈرلەر بولمىسىلا ھېيت نامىزى ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدىغان جايغا چىققان، مەككە ئەھلىدىن باشقا بارلىق شەھەر ئەھلى شۇنداق قىلغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېيت نامىزىغا چىقىش ئۈچۈن چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ھېيت ۋە جۈمە كۈنى ئۈچۈن كىيىدىغان بىر قۇر كىيىمى بار ئىدى.

ھېيت  نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى بىر قانچە تال تاق خورما يەپ چىقاتتى.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا ھېيت كۈنى بىر قانچە تال تاق خورما يەۋېتىپ، ئاندىن ھېيت نامىزىغا چىقاتتى.» [بۇخارى رىۋايىتى 953-ھەدىس].

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ: روزا ھېيت كۈنى نامازدىن بۇرۇن ناشتا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىدە ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلمەيمىز،- دېگەن.

نامازغا چېقىشتىن بۇرۇن بىر نەرسە يېيىشتىكى ھېكمەت: بەزى كىشىلەرنىڭ ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ بولغىچە روزا تۇتۇش لازىم دەپ ئويلاپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر.

بەزى ئۆلىمالار: رامىزان روزىسى پەرز بولغاندىن كېيىن ئېغىز ئېچىشنىڭ پەرز بولغانلىقىغا بولغان ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنداشقا ئالدىراش،- دېگەن.

مۇسۇلمان روزا ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى ئېغىز ئېچىش سۈننىتى ھاسىل بولىشى ئۈچۈن، ئەگەر خورما تاپالماي قالسا، باشقا نەرسىدە، ھەتتا سۇدا بولسىمۇ ئېغىز ئېچىشى كېرەك.

ئەمما قۇربان ھېيتتا، ناماز ئوقۇيدىغان جايدىن قايتىپ كەلگۈچە ھېچنىمە يېمەي، قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن يەيتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ھېيت ئۈچۈن غۇسلە قىلىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى، ئىبنۇل قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېدى: "بۇ توغرىدا ئاجىز ھەدىستىن ئىككىسى رىۋايەت قىلىنغان، لېكىن ئىبنى ئۆمەرنىڭ سۈننەتكە ئەگىشىشى كۈچلۈك بولۇش بىلەن بىرگە، ھېيت كۈنى نامازغا چېقىشتىن ئىلگىرى يۇيۇنىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېيت نامىزىغا پىيادە بېرىپ، پىيادە قايتاتتى.

ئىبنى ماجە 1295-ھەدىستە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېيت نامىزىغا پىيادە بېرىپ پىيادە قايتاتتى. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا بۇ ھەدىسكە ھەسەن دەپ باھا بەرگەن.

ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى: «ھېيت نامىزىغا پىيادە بېرىش سۈننەت.» [تىرمىزى رىۋايىتى 530-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا بۇ ھەدىسكە ھەسەن دەپ باھا بەرگەن].

تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك ئۆلىمالار مۇشۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلىپ، ئەر كىشىنىڭ ھېيت نامىزىغا پىيادە بېرىشىنى ياخشى دەپ قارايدۇ. ئۆزرىسى بولمىسا قاتناش ۋاستىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك ياخشى دەپ قارىلىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇيدىغان جايغا كەلگەن ۋاقىتتا، ئەزان، تەكبىر ئېيتماستىن، نامازغا چاقىرماستىن نامازنى باشلايتتى، سۈننەت بويىچە يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھېچ بىرى قىلىنمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇيدىغان جايدا ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى ياكى كېيىن باشقا ناماز ئوقۇمايتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنى خۇتبىدىن ئىلگىرى ئوقۇيتتى، ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ، بىرىنچى رەكەتتە باشلاش تەكبىرى بىلەن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئارقىمۇ-ئارقا يەتتە تەكبىر ئېيتاتتى، ھەر ئىككى تەكبىر ئارىسىدا بىر ئاز تۇراتتى، تەكبىرلەرنىڭ ئارىسىدا مەلۇم زىكىر ئېيتىلغانلىقى ئىسپاتلانمىدى، لېكىن ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىلىنىدۇ،- دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنى چىڭ تۇتىدىغان تۇرۇقلۇق ھەر بىر تەكبىردە ئىككى قولىنى كۆتىرەتتى.

تەكبىر تاماملانغاندىن كېيىن قىرائەتنى باشلاپ، پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيتتى، ئاندىن "قاپ ۋەل قۇرئانىل مەجىيد" دېگەن سۈرىنى ئىككى رەكەتنىڭ بىرىدە ئوقۇيتتى، يەنە بىر رەكەتتە "ئىقتەرەبەتىسسائەتۇ ۋەنشەققەل قەمەر" دېگەن سۈرىنى ئوقۇيتتى، بەزى ۋاقىتتا "سەببىھىسمە رەببىكەل ئەئلا" ۋە "ھەل ئەتاكە ھەدىيسۇل غاشىيە" سۈرىسىنى ئوقۇيتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۈرىلەرنى ئوقۇغانلىقى توغرىسىدا سەھى ھەدىس بايان قىلىنغان، باشقىنى ئوقۇغانلىقى توغرىسىدا سەھى ھەدىس بايان قىلىنمىغان. قىرائەتنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن تەكبىر ئېيتىپ، رۇكۇ قىلاتتى، بىرىنچى رەكەت تامام بولۇپ سەجدىدىن تۇرغاندىن كېيىن، ئارقىمۇ-ئارقا بەش قېتىم تەكبىر ئېيتاتتى، تەكبىر تامام بولغاندىن كېيىن قىرائەتنى باشلايتتى. ئىككىلا رەكەتتە ئاۋۋال تەكبىر بىلەن باشلاپ، قىرائەتتىن كىيىن رۇكۇ قىلاتتى.

تىرمىزى كەسىير ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئەۋفنىڭ دادىسىدىن، دادىسى چوڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكىتىدە قىرائەتتىن ئىلگىرى يەتتە قېتىم تەكبىر ئېيتىدىغانلىقىنى، ئىككىنچى رەكەتتە قىرائەتتىن ئىلگىرى بەش قېتىم تەكبىر ئېيتىدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلدى، ئىمام تىرمىزى مۇنداق دېدى: مەن مۇھەممەد (يەنى ئىمام بۇخارى)دىن مۇشۇ ھەدىس توغرىسىدا سورىسام، ئۇ: مۇشۇ باپتا بۇ ھەدىستىن سەھىھراق ھەدىس يوق دېگەن ئىدى، مەنمۇ شۇنداق قارايمەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن كەينىگە ئۆرۈلۈپ جامائەتكە قاراپ تۇراتتى، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ سەپلىرىدە ئولتۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلاتتى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەيتتى، بىرەر جايغا قوشۇن ئەۋەتىشنى مەقسەت قىلسا قوشۇن ئەۋەتەتتى ياكى بىرەر ئىشقا بۇيرىماقچى بولسا بۇيرۇيتتى.

ئۇ يەردە ئۈستىگە چېقىپ خۇتبە سۆزلەيدىغان مۇنبەر يوق ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىتىنىڭ مۇنبىرىنى ئېلىپ چىقماي، كىشىلەرگە يەردە ئۆرە تۇرۇپ خۇتبە سۆزلەيتتى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «مەن ھېيت كۈنىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇتبىدىن بۇرۇن ئەزان-تەكبىرسىز ناماز ئوقىدى، ئاندىن بىلالغا يۆلۈنۈپ تۇرۇپ، ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىشقا بۇيرىدى، ئىتائەت قىلىشقا قىزىقتۇردى، كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلدى، ئاندىن مېڭىپ، ئاياللارنىڭ تەرىپىگە كېلىپ ئۇلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلدى.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتا ناماز ئوقۇيدىغان جايغا چىقىپ، ئاۋۋال ناماز ئوقۇيتتى، نامازنى ئوقۇپ بولۇپ كىشىلەرنىڭ ئۇدۇلىدا تۇراتتى، كىشىلەر بولسا ناماز ئوقۇغان جايلىرىدا ئولتۇراتتى...» [مۇسلىم رىۋايىتى].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇتبىسىنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ تائالاغا ھەمدە ئېيتىش بىلەن باشلايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ھېيت خۇتبىسىنى تەكبىر بىلەن باشلىغانلىقى بىرمۇ ھەدىستە بايان قىلىنمىغان.

ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان 1287- ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇئەززىنى سەئىد ئەلقۇرەز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇتبە ئارىسىدا تەكبىر ئېيتاتتى، بولۇپمۇ ئىككى ھېيت خۇتبىسى ئارىسىدا تەكبىرنى كۆپ ئېيتاتتى.» [بۇ ھەدىسكە شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئىبنى ماجەنىڭ زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمىدا زەئىپ دەپ باھا بەرگەن. گەرچە بۇ ھەدىس زەئىپ بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ھېيتنىڭ خۇتبىسىنى تەكبىر بىلەن باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ].

"تەمامۇل مىننە" ناملىق ئەسەردە مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىس ھېيت خۇتبىسىنى تەكبىر بىلەن باشلاشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى زەئىپ، راۋىلاردىن بىرى زەئىپ، يەنە بىرى ئېنىقسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەدىسنى خۇتبە ئارىسىدا تەكبىر ئېيتىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىگە دەلىل كەلتۈرۈشتە ھۆججەت قىلىشقا بولمايدۇ.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېدى: كىشىلەر ئىككى ھېيت خۇتبىسى بىلەن يامغۇر تىلەش نامىزىنىڭ خۇتبىسىنىڭ باشلىنىشى توغرىسىدا ئىختىلاپلىشىپ قالدى، بەزىلەر: ئىككى ھېيت خۇتبىسى تەكبىر بىلەن باشلىنىدۇ،- دېيىشتى، بەزىلەر: يامغۇر تىلەش نامىزىنىڭ خۇتبىسى ئىستىغپار بىلەن باشلىنىدۇ،- دېيىشتى، يەنە بەزىلەر: ئىككى ھېيت خۇتبىسى ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ ئېيتىش بىلەن باشلىنىدۇ،- دېيىشتى، ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ: بۇ توغرا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇتبىنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ ئېيتىش بىلەن باشلايتتى،- دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېيت نامىزىغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ خۇتبە ئاڭلاش ئۈچۈن ئولتۇرىشىغىمۇ ياكى كىتىشىگىمۇ رۇخسەت قىلدى.

ئابدۇللاھ ئىبنى سائىب مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھېيت نامىزىغا قاتناشقان ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنى ئوقۇپ بولغان ۋاقىتتا: بىز خۇتبە سۆزلەيمىز، ئولتۇرۇپ خۇتبە ئاڭلاشنى ياقتۇرىدىغانلار  ئولتۇرسۇن، كېتىشنى ياقتۇرىدىغانلار بولسا قايتىپ كەتسۇن» دېدى. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1155-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا بۇ ھەدىسكە سەھىھ دەپ باھا بەرگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېيت كۈنىدە يولنى ئالماشتۇرۇپ، بىر يولدا بېرىپ، يەنە بىر يولدا قايتاتتى. جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېيت كۈنىدە يولنى ئالماشتۇراتتى.» [بۇخارى رىۋايىتى 986-ھەدىس].

 ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 ئىسلام سوئال جاۋاب تورى
Create Comments