سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

پىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى ۋە ئۇنى ئادا قىلىشنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا

سۇئال

بىز ئىسپانىيەنىڭ بەرشۇلانادا ياشايدىغان ماراكەش جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى، بىز پىتىر سەدىقىسىنى قانداق ھېسابلايمىز؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پىتىر سەدىقىسىنى مۇسۇلمانلارغا خورمىدىن ياكى ئارپىدىن بىر سا(ئۈچ كىلو ئەتراپىدا)بېكىتىپ، ئۇنى كىشىلەر ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئادا قىلىشقا بۇيرىدى. ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە پىتىر سەدىقىسىنى يېمەكتىن، خورمىدىن، ئارپىدىن ياكى ئۈزۈمدىن بىر سادىن بېرەتتۇق. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

    كۆپچىلىك ئۆلىمالار ھەدىستە بايان قىلىنغان يېمەكلىكنى بۇغداي دەپ چۈشەندۈردى، بەزى ئۆلىمالار يېمەكتىن بولغان مەقسەت: بۇغداي بولسۇن ياكى قوناق بولسۇن ياكى تېرىق ۋە باشقا نەرسە بولسۇن شۇ يۇرتتا ئاساسلىق يىمەكلىك قىلىنىدىغان نەرسىدىن ئىبارەت دەيدۇ. مانا بۇ توغرا قاراشتۇر، چۈنكى زاكات دېگەن بايلاردىن كەمبەغەللەرگە قىلىنىدىغان ياردەم بولۇپ، ئۇلارغا ئۆز يۇرتىدا ئىستىمال قىلىنمايدىغان نەرسىنى ئادا قىلىش بېكىتىلمەيدۇ، شەكسىزكى، گۈرۈچ بولسا مەككە-مەدىنە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان زېمىنىدا ئىستىمال قىلىنىدىغان ئاساسلىق ھەم ئېسىل يىمەكلىك بولۇپ، بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان ئارپا قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن ياخشىدۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن پىتىر سەدىقىسىنى گۈرۈچ بىلەن ئادا قىلسىمۇ بولىدۇ.

    بارلىق يېمەكلىكلەردىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بېكىتىپ بەرگەن بويىچە بىر سادىن ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ، بىر سا دېگەن نورمال قولنى توشقۇزۇپ ئالغان تۆت سىقىم نەرسىدۇر، لۇغەت كىتابلىرىدا شۇنداق بايان قىلىنغان، نورمالدا ئۈچ كىلوغا باراۋەر كېلىدۇ، ئەگەر مۇسۇلمان گۈرۈچتىن ياكى ئۆز يۇرتىدا كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكتىن ئۈچ كىلو ئەتراپىدا ئادا قىلسا بولىدۇ، ئۆلىمالارنىڭ توغرا قارىشىدا ھەدىستە بايان قىلىنغان يېمەكلىكلەردىن باشقا يېمەكلىكلەردىن بولسىمۇ ئۈچ كىلودىن بەرسە توغرا بولىدۇ.

    پىتىر سەدىقىسىنى چوڭ-كېچىك، ئەر-ئايال، ھۆر-قۇل بارلىق مۇسۇلمانلار ئادا قىلىدۇ، قورساقتا تۇغۇلمىغان ھامىلە ئۈچۈن پىتىر سەدىقىسى بېرىش كېرەك بولمايدۇ، ئەمما ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۇغۇلمىغان بوۋاق ئۈچۈنمۇ پىتىر سەدىقىسى ئادا قىلغان بولۇپ، باشقا مۇسۇلمانلارمۇ شۇنداق قىلسا ياخشى بولىدۇ.

    پىتىر سەدىقىسىنى ھېيت نامىزى ئوقۇشتىن بۇرۇن ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ، ھېيت نامىزىدىن كېيىن ئادا قىلىشقا كېچىكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ، ھېيت كۈنىدىن بىر-ئىككى كۈن بۇرۇن ئادا قىلسىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭغا كۆرە، ئۆلىمالارنىڭ توغرا قارىشى بويىچە: پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشنىڭ دەسلەپكى ۋاقتى رامىزاننىڭ يىگىرمە سەككىزىنچى كۈنى باشلىنىدۇ، چۈنكى ھىجىرىيە ئايلىرى يىگىرمە توققۇز ياكى ئوتتۇز كېلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى پىتىر سەدىقىسىنى ھېيتتىن بىر-ئىككى كۈن بۇرۇن ئادا قىلاتتى.

    پىتىر سەدىقىسى پىقىر-مىسكىنلەرگە بېرىلىدۇ، بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پىتىر سەدىقىسىنى روزىدارلارنى قۇرۇق گەپ ۋە ناچار سۆزلەردىن پاكلاش، مىسكىنلەرگە يىمەكلىك قىلىپ بېرىش ئۈچۈن پەرىز قىلدى، بۇنى ھېيت نامىزىغا چېقىشتىن بۇرۇن ئادا قىلسا، ئۇ قوبۇل قىلىنىدىغان پىتىر سەدىقىسى بولىدۇ، نامازدىن كېيىن ئادا قىلغان بولسا ئۇ مۇتلەق سەدىقىنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا ھەسەن دەپ كەلتۈرگەن].

    كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا پىتىر سەدىقىسىدە يېمەكلىكنىڭ ئورنىغا پۇل بەرسە توغرا بولمايدۇ، بەلكى سەھىھ دەلىل بولغانلىقى ئۈچۈن يېمەكلىكتىن بېرىش كېرەك بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىمۇ شۇنداق قىلغان، كۆپچىلىك ئۆلىمالارمۇ شۇنداق دېگەن. ئاللاھ تائالادىن بىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى دىننى توغرا چۈشىنىشكە، ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇشقا، دىلىمىزنى ۋە ئەمەللىرىمىزنى توغرا قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىشنى سورايمىز، ئاللاھ  بەك ئېسىلدۇر ۋە سېخىدۇر. ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 14-توم 200-بەت].

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ پىتىر سەدىقىسىنى ئۈچ كىلو ئەتراپىدا دەپ بېكىتكەن. [دائىمىي كومىتېتى ئۆلىمالىرى پەتىۋالىرى 9-توم 371-بەتكە قارالسۇن].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ پىتىر سەدىقىسىنى گۈرۈچتىن ئىككى كىلو يۈز گىرام ئەتراپىدا دەپ بېكىتكەن. ["زاكات پەتىۋالىرى"274-276-بەتلەر].

    بۇ شەكىلدە ئوخشىماسلىق: كىلو-ۋەزنى قاتارلىق ئۆلچەم بىرلىكلىرىنىڭ ئېغىرلىقىغا ئەمەس بەلكى ھەجىمگە سىلىشتۇرغانلىقتىن بولغان.

    ئۆلىمالار ھەقىقەتەن ئادا قىلىش ئاسان ۋە بېكىتىشكە يېقىن بولسۇن ئۈچۈن ۋەزنىنى بېكىتكەن، ھەممىگە مەلۇمكى، دانلارنىڭ ۋەزنى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، بەزىسىنىڭ ۋەزنى ئېغىر بولىدۇ، بەزىسىنىڭ يەڭگىل بولىدۇ، يەنە بەزىسىنىڭ نورمال بولىدۇ، شۇنداقلا بىر تۈردىكى دانلارمۇ ئۆلچىگەندە ئوخشاش كەلمەيدۇ، يېڭى سوقالغان دانلار نىڭ ۋەزنى  ئىلگىرىكى دانلارنىڭ ۋەزنىدىن ئېغىر بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئېھتىيات قىلىپ مىقدارنى بىرئاز ئاشۇرۇپ ئادا قىلسا ياخشى بولىدۇ. ["ئەلمۇغنى" 4-توم 168-بەتكە قارالسۇن].

    زىرائەتلەردىن ئايرىلىدىغان ئۆشرە-زاكاتنىڭ مىقدارىمۇ مۇشۇنداق بېكىتىلدى.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى