سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

روزا ئايىتىدە بايان قىلىنغان فىدىيەنىڭ مىقدارى

سۇئال

قۇرئان كەرىمدە روزا ئايىتىدە بايان قىلىنغان فىدىيەنىڭ مىقدارى قانچىلىك؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: رامىزان ئېيىدا ياشىنىپ قالغان ياكى ساقىيشىدىن ئۈمىد بولمىغان كېسەللەر روزا تۇتسا بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان بولسا، ئۇنداق كىشىلەرنىڭ روزا تۇتىشى زۆرۈر ئەمەس، ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يېمەك (ياكى ئۇنىڭ قىممىتىنى) بەرسە بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ . أَيَّامًا مَّعْدُودَاتٍۚ فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَۚ وَعَلَى الَّذِينَ يُطِيقُونَهُ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍۖ فَمَن تَطَوَّعَ خَيْرًا فَهُوَ خَيْرٌ لَّهُۚ وَأَن تَصُومُوا خَيْرٌ لَّكُمْۖ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ رامىزان روزىسى پەرز قىلىندى. بۇ پەرز قىلىنغان روزا) ساناقلىق كۈنلەردۇر، سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ روزا تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەرنى (يەنى قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، روزىنى قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. كىمكى فىدىيىنى (بەلگىلەنگەن مىقداردىن) ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار، روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشتىن ۋە فىدىيە بېرىشتىن ياخشىدۇر. [سۈرە بەقەرە 183-184-ئايەت].

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقل قىلىنغان ھەدىستە:بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان، ياشىنىپ قالغان بوۋاي-مومايلار روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىسا ھەر كۈنلۈك تۇتالمىغان روزىسى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يىمەك بېرىدۇ دىيەلگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 4505-ھەدىس].

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 4-توم 396-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ياشىنىپ قالغان بوۋاي-مومايلار روزا تۇتۇش بىلەن ھالىدىن كەتسە، روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىسا، ئۇلار روزا تۇتماي ھەر كۈنلۈك تۇتالمىغان روزىسى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يىمەك بېرىدۇ، ئەگەر يىمەك بەرگۈدەكمۇ ئىقتىسادى بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: لا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إلا وُسْعَهَاتەرجىمىسى: ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. [سۈرە بەقەرە 286-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ساقىيىشىدىن ئۈمىد بولمىغان كېسەللەرمۇ روزا تۇتماي ھەر كۈنلۈك تۇتالمىغان روزىسى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يىمەك بېرىدۇ. چۈنكى ئۇلارمۇ ياشانغانلارنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ".

"پىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى" ناملىق ئەسەرنىڭ 5-تومى117-بىتىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: ھەنەپىي، شاپىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرى: ئىنسان بەك ياشىىنپ كەتكەنلىك ياكى ساقايماس كېسەل بولۇپ قالغان سەۋەپتىن تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا قادىر بولالمىسا تۇتالمىغان روزىسى ئۈچۈن پىديە بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: وَعَلَى الَّذِينَ يُطِيقُونَهُ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍ تەرجىمىسى: روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. [سۈرە بەقەرە 184-ئايەت]. بۇ ئايەتتىن روزا تۇتۇش مۇشەققەت بولىدىغان كىشىلەر مەقسەت قىلىنىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ رامىزان پەتىۋالىرى ناملىق ئەسىرى 111-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "شۈنى بىلىشىمىز كېرەككى، كېسەل ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچى: ساقىيىشىدىن ئۈمىد بار كېسەللەر، يەنى ئۇشتۇمتۇت ئاغرىپ قالغان، ساقىيشىدىن ئۈمىدلىنىغان كېسەللەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ھۆكمى ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بايان قىلغاندەك بولىدۇ: فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَتەرجىمىسى: سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ روزا تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەرنى (يەنى قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. [سۈرە بەقەرە 184-ئايەت]. بۇنىڭدىن كېسەلدىن ساقىيىپ ئاندىن روزا تۇتىشى كۈتۈلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ كېسىلى داۋاملىشىپ ساقىيىشىدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان بولسا، ئۇلارغا ھېچ نەرسە كەلمەيدۇ (يەنى قازاسىمۇ قىلىنمايدۇ ۋە پىدىيەمۇ بېرىلمەيدۇ)، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا كېسەلدىن ساقايغاندىن كىيىن قازاسىنى قىلىشنى پەرز قىلدى، ئۇلار ساقىيىشتىن بۇرۇن ۋاپات بولدى، بۇلارنىڭ ئەھۋالى خۇددى رامىزان كىلىشتىن بۇرۇن شەبان ئىيىدا ۋاپات بولغان كىشىگە ئوخشايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ.

ئىككىنچى قىسىم: ساقىيشى تەس بولغان راك كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، شىكەر كېسىلى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئېغىر كېسەللىكلەر شىپا تىپىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەندە، بۇنداق بىمارلار رامىزاندا روزا تۇتمايدۇ، بۇلارمۇ ياشانغان بوۋاي-مومايلارغا ئوخشاش ھەر كۈنلۈك تۇتالمىغان روزىسى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يىمەك بېرىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى قۇرئان كەرىمدىن ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىدۇر:وَعَلَى ٱلَّذِينَ يُطِيقُونَهُ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍتەرجىمىسى: روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. [سۈرە بەقەرە 184-ئايەت].

ئىككىنچى: بېرىلىدىغان يىمەكلىكنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارى بولسا، ھەر بىر كەمبەغەلگە بىر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر يىرىم كىلوگېرام گۈرۈچ بەرسە ياكى تائام تەييارلاپ كەمبەغەلنى ئۆيگە چاقىرىپ غىزالاندۇرسىمۇ بولىدۇ.

ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ياشىنىپ قالغان كىشىلەر روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىسا، روزا تۇتماي كەمبەغەلگە يىمەك بەرسىمۇ بولىدۇ، ساھابىلاردىن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاخىرىقى ھاياتىدا ياشىنىپ قالغانلىقتىن بىر يىل ياكى ئىككى يىل روزا تۇتماي مىسكىنلەرگە يىمەك بەرگەن.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: ياشىنىپ قالغان موماي روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىسا، قانداق قىلىشى كېرەك؟، دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ ئايال ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە ئۆزى ياشاۋاتقان يۇرتتا كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان خورما ياكى گۈرۈچ دېگەنگە ئوخشاش يىمەكلىكتىن بىر يىرىم كىلۇگېرام مىقدارىدا بەرسە بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىمۇ (ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىقلار) بۇ مەسىلىگە شۇنداق پەتىۋا بەرگەن. ياشىنىپ قالغان موماي كەمبەغەل بولۇپ فىدىيە بەرگۈدەك بىر نەرسە بولمىسا، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كاپپارەتنى رامىزاننىڭ ئەۋۋىلىدە ياكى ئوتتۇرسىدا ۋەياكى ئاخىرىدا بەرسىمۇ، بىر كىشىگە بەرسىمۇ ياكى بىرقانچە كىشىگە بەرسىمۇ بولىدۇ". [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى 15-توم 203-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ رامىزان پەتىۋالىرى ناملىق ئەسىرى 111-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "كېسىلى ساقايماي داۋاملىشىۋاتقان كېسەل، روزا تۇتۇشقا قۇربى يەتمەيدىغان بوۋاي-مومايلار ھەر بىر كۈنلۈك روزىنىڭ كاپارىتى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە تائام بېرىدۇ، بۇنى بىر مىسكىنگە بەرسىمۇ بولىدۇ ياكى يىمەك تەييار قىلىپ مىسكىنلەرنى چاقىرپ بەرسىمۇ بولىدۇ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ياشىنىپ قالغان ۋاقىتتا بىر ئايلىق روزا ئۈچۈن ئوتتۇز مىسكىننى چاقىرىپ ئۇلارغا تائام بېرىپ كاپارەتنى ئادا قىلاتتى".

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى ئەزالىرىدىن: ياشىنىپ قالغان بوۋاي-مومايلار، ساقىيىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن كېسەللەر كاپارەتنى قانداق ئادا قىلىدۇ دەپ سورالغاندا؟ ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ياشانغانلىق سەۋەبىدىن روزا تۇتالمايدىغان ياكى روزا تۇتۇش قىيىن بولغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېغىز ئىچىشى رۇخسەت قىلىنغان، ئۇلار روزا تۇتماي ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە ئۆز ئائىلىسى ياكى يۇرتىدا كۆپ يىمەكلىك قىلىنىدىغان بۇغداي ياكى خورما، گۇرۇچ ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان يىمەكلىكلەردىن بىر يىرىم كىلوگېرام مىقدارىدا يىمەك بىرىدۇ. شۇنىڭدەك ساقىيىشىدىن ئۈمىتسىزلەنگەن، روزا تۇتسا ئېغىرلىشىپ قالىدىغان كېسەللەرمۇ شۇنداق قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:لا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إلا وُسْعَهَاتەرجىمىسى: ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. [سۈرە بەقەرە 286-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ تەرجىمىسى: سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى). [سۈرە ھەج 78-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَعَلَى الَّذِينَ يُطِيقُونَهُ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍتەرجىمىسى: روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. [سۈرە بەقەرە 184-ئايەت].

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى