پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئەركىشى ئايالىغا: "سەن مېنىڭ ئانامغا ئوخشاش دېسە" قانداق بولىدۇ؟

50305

تارقاتقان ۋاقىت : 23-02-2014

كۆرگۈچىلەر : 3931

سۇئال

ئەر كىشى ئايالىغا: سەن مېنىڭ ئانامغا ياكى ھەمشىرەمگە (ئاچامغا ياكى سىڭلىمغا)ئوخشاش دېسە، بۇ سۆز بىلەن ئايالى تالاق بولامدۇ ياكى بۇ سۆزگە كاپارەت بېرەمدۇ؟، ئەگەر كاپارەت بېرىدىغان بولسا، قانداق قىلىشى كېرەك؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بىرىنچى: بۇ سۆز تالاق قاتارىغا كىرمەيدۇ. بۇ سۆز زىھار (يەنى ئايالىنى ئانىسىنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشىتىش) سۆزلىرىدىن بولۇپ، ئەمما بۇنىڭدا زىھار ئوچۇق بايان قىلىنمىغان، بۇ سۆز زىھار مەنىسىنىۋە باشقا مەنانى ئىپادىلەش ئېھتىماللىقى بار.

ئىككىنچى: بۇ سۆزگە ھۆكۈم بېرىشتە سۆزلىگۈچىنىڭ(يەنى ئەركىشىنىڭ) مەقسىتىنى ۋە شۇنداقلا شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋال ۋە سۆزنىڭ ئۇسلۇبىغا قارىلىشى كېرەك.

ئەر كىشى ئايالىغا: سەن ئانامغا ئوخشاش دېگەن سۆزدىن، مېھرى-شەپقەت، ئىززەت-ئىكرام قاتارلىق سۈپەتلەردە ئانامغا ئوخشاش دېگەننى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ زىھار بولمايدۇ ۋە ھېچ قانداق بىر ئىش يوق.

ئەمما بۇ سۆز دېيىلگەن ۋاقىتتىكى ئەھۋال ياكى سۆزنىڭ ئۇسلۇبىغا قاراشتا، ئەر كىشىنىڭ بۇ سۆزنى ئىپادىلەش ھالىتى، ئەر-ئايالنىڭ بۇ سۆزنى دېيىشتىن بۇرۇنقى سۆھبىتى قاتارلىقلارغا قارىلىدۇ. مىسالغا ئالساق: ئەر-ئايال ئۆز ئارا تاكاللىشىپ، قىزىرىشىپ قىلىپ، بۇ ۋاقىتتا ئەر ئايالىغا: سەن ئانامغا ئوخشاش دېگەن بولسا، ئەرنىڭبۇ سۆزىدىن زىھارنى مەقسەت قىلغانلىقى ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ بۇ سۆزى بىلەن ئايالى زىھار بولىدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھدىن: "بىر كىشى ئايالىنى: سەن ئانامغا ۋە ھەمشىرەمگە ئوخشاش دېگەن بولسا، قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن: ئۇ كىشى ئايالىنى، سەن ئانامغا ۋە ھەمشىرەمگە ئوخشاش دېيىش ئارقىلىق ئايالىنى ھۆرمەتلەش ۋە ئىززەت-ئىكرام قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشىگە ھېچنەرسە بولمايدۇ. ئەمما ئايالىنى نىكاھقا ئالاقىدار ئىشلاردا ئانىسى ۋە ھەمشىرىسىگە ئوخشىتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ زىھار بولىدۇ، ئۇ كىشىگە زىھارنىڭ كاپارىتىنى ئادا قىلىش زۆرۈر بولىدۇ. ئۇ ئايال بىلەن ئۆي تۇتۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن، زىھارنىڭ كاپارىتىنى ئادا قىلمىغۇچە ئۇ ئايال بىلەن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە بولۇش ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار ئىشلارنى قىلىشى چەكلىنىدۇ." [پەتىۋالار توپلىمى 5-34-بەت].

يەنە مۇنداق دېگەن: "ئايالىغا سەن ئانامغا ۋە ھەمشىرەمگە ئوخشاش دېگەن سۆزدىن، بىرگە بولۇش، ھۇزۇرلىنىش ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئانىسى ۋە ھەمشىرىلىرى بىلەن قىلىش چەكلەنگەن ئىشلارنى مەقسەت قىلغان بولسا، ئۇ سۆز بىلەن ئايالى زىھار بولىدۇ، ئۇ كىشىگە زىھار قىلغۇچىغا ۋاجىپ بولغان كاپارەت ۋاجىپ بولىدۇ، كاپارەتنى ئادا قىلماي تۇرۇپ ئايالى بىلەن بىرگە بولىشى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. زىھارنىڭ كاپارىتى: ئىقتىسادى بولسا بىر قۇل ئازاد قىلىش، ئەگەر بۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە، ئۈزمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇش، بۇنىڭغا قادىر بولالمىسا ئاتمىش(60) مىسكىنگە تائام بېرىش كېرەك". [پەتىۋالار توپلىمى 7-توم 34-بەت].

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر بىر كىشى ئايالىغا: سەن مېنىڭ ئانامغا ئوخشاش ياكى سەن ئانامغا ئوخشاش دەپ، بۇ سۆز بىلەن زىھارنى مەقسەت قىلغان بولسا، زىھار بولىدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئەبۇ يۈسۈپ، مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەششەيبانى، ئىمام شاپىئىي ۋە ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيىھ قاتارلىق ئالىملار بۇ مەسىلىدە ئوخشاش قاراشتا قارايدۇ. ئەمما ئۇ كىشى بۇ سۆزدىن ئايالىنى ياش جەھەتتە ۋە چىراي-شەكىلدە ياكى ئىززەت-ھۆرمەت ۋە قەدىرلەشتە ئانامغا ئوخشاش دېگەننى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ زىھار بولمايدۇ. سۆزنى دېگۈچى نىيىتىنى ئۆزى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ئۇنىڭ سۆزى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. يەنى نېمىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئەر كىشى ئۆزى دەيدۇ بۇنى باشقىلار بېكىتىپ بەرمەيدۇ. [ئەلمۇغنى 11-توم 60-بەت].

سەئۇدى ئەرەبىستان دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى بۇ مەسىلىگە مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: ئەر كىشى ئايالىغا: مەن سېنىڭ قېرىندىشىڭ(ئاكاڭ ياكى ئۇكاڭ) ياكى سەن مېنىڭ ھەمشىرەم(ئاچام ياكى سىڭلىم)، سەن ئانام ياكى ئانامغا ئوخشاش، سەن ماڭا نىسبەتەن ئانامغا ياكى ھەمشىرەمگە ئوخشاش دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان بولسا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان سۆزلەردىن، ئايالىنى ھۆرمەتلەش، ئىززەت قىلىش، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش، ياخشىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، مەزكۇر سۆزدىن باشقا نەرسىنى مەقسەت قىلمىسا، شۇنداقلا زىھارنى ئىپادىلەيدىغان ئەھۋاللار سادىر بولمىغان بولسا، ئۇ سۆزلەر بىلەن زىھار بولمايدۇ ۋە ئۇ كىشىگە ھېچقانداق كاپارەت كەتمەيدۇ. ئەمما يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۆزلەر بىلەن زىھارنى مەقسەت قىلسا ياكى ئايالغا ئاچچىقلاپ ياكى ئۇلار تاكاللىشىپ-ئۇرۇشۇپ قىلىپ، ئايالغا تەھدىت قىلىپ بۇ سۆزلەرنى دېگەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا زىھار بولىدۇ. مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ئىككىيلەننىڭ بىرگە بولىشى چەكلىنىدۇ، دەرھال تەۋبە قىلىشى ۋە ئايالى بىلەن بىرگە بولۇشتىن ئىلگىرى كاپارەت بېرىشى لازىم. زىھارنىڭ كاپارتى بولسا: قۇل ئازاد قىلىش، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، ئىككى ئاي ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇش، ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا ئاتمىش(60) مىسكىنگە تائام بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئەر كىشى بۇ سۆزىدىن زىھارنى مەقسەت قىلغان بولسا ياكى شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋال ۋە سۆزنىڭ ئۇسلۇبى ئۇنىڭغا دالالەت قىلسا، زىھار بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىن باشقا مەقسەتتە دېيىلسە زىھار بولمايدۇ ۋە ھېچقانداق كاپارەت كەتمەيدۇ.

ئۈچىنچى: زىھار قىلىش ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن. ئاللاھ تائالا زىھارنى يامان ئىش ۋە سۆزىنى يالغان سۆز دەپ سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: الَّذِينَ يُظَاهِرُونَ مِنكُم مِّن نِّسَائِهِم مَّا هُنَّ أُمَّهَاتِهِمْۖ إِنْ أُمَّهَاتُهُمْ إِلَّا اللَّائِي وَلَدْنَهُمْۚ وَإِنَّهُمْ لَيَقُولُونَ مُنكَرًا مِّنَ الْقَوْلِ وَزُورًاۚ وَإِنَّ اللَّـهَ لَعَفُوٌّ غَفُورٌ تەرجىمىسى: سىلەردىن ئاياللىرىنى زىھار قىلغانلارنىڭ (يەنى ئاياللىرىنى ئانىلىرىمىزنىڭ ئۇچىلىرىغا ئوخشاش دېگۈچىلەرنىڭ) ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرى ئەمەستۇر، پەقەت ئۇلارنى تۇغقان ئاياللارلا ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى زىھار قىلغۇچىلار) ئەلۋەتتە يامان سۆزنى، يالغان سۆزنى قىلىدۇ، ئاللاھ، شەك-شۈبھىسىزكى، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. [سۈرە مۇجادىلە 2-ئايەت]. ئايالىنى زىھار قىلغان كىشىدەرھال ئاللاھ تائالاغا تەۋبە ئىستىغپار ئېيتىشى كېرەك.

تۆتىنچى: ئەگەر زىھار قىلغۇچى ئەر ئايالىنى تالاق قىلماستىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياشاشنى مەقسەت قىلغان بولسا، كاپارەت زىھار قىلغۇچى ئەرگە لازىم بولىدۇ. زىھارنىڭ كاپارىتىنى ئادا قىلماي تۇرۇپ ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان ئىشلارنى قىلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ. زىھارنىڭ كاپارىتى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك: قۇل ئازاد قىلىش، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، ئىككى ئاي ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇش، ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا ئاتمىش(60) مىسكىنگە تائام بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَالَّذِينَ يُظَاهِرُونَ مِن نِّسَائِهِمْ ثُمَّ يَعُودُونَ لِمَا قَالُوا فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مِّن قَبْلِ أَن يَتَمَاسَّاۚ ذَٰلِكُمْ تُوعَظُونَ بِهِۚ وَاللَّـهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ . فَمَن لَّمْ يَجِدْ فَصِيَامُ شَهْرَيْنِ مُتَتَابِعَيْنِ مِن قَبْلِ أَن يَتَمَاسَّاۖ فَمَن لَّمْ يَسْتَطِعْ فَإِطْعَامُ سِتِّينَ مِسْكِينًاۚ ذَٰلِكَ لِتُؤْمِنُوا بِاللَّـهِ وَرَسُولِهِۚ وَتِلْكَ حُدُودُ اللَّـهِۗ وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ أَلِيمٌتەرجىمىسى: ئاياللىرىنى زىھار قىلىپ، ئاندىن قىلغان سۆزىگە (يەنى زىھار قىلغانلىقىغا) پۇشايمان قىلغانلار (ئەر ـ ئايال ئىككىسى) يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم. بۇنىڭ بىلەن سىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلىنىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر. (ئازاد قىلىشقا) قۇلى يوق ئادەم، ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇدا ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم، (قېرىلىق ياكى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن روزا تۇتۇشقا) قادىر بولالمىغان ئادەم (60 مىسكىنگە بىر ۋاخ تاماق بېرىشى لازىم)، بۇ (ئەھكام) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى (ئەمر قىلغان ئىشلارغا) تەستىق قىلىشىڭلار ئۈچۈن (بايان قىلىندى). بۇلار ئاللاھنىڭ قانۇنىدۇر، (بۇ قانۇننى) ئىنكار قىلغۇچىلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. [سۈرە مۇجادىلە 3-4-ئايەت].

ھەممىدىن توغرنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى