پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ھامىلدار بولۇشنى قەتئىي چەكلەش زۆرۈرىيەتتىن باشقا ۋاقىتلاردا ھارامدۇر

50326

تارقاتقان ۋاقىت : 18-10-2020

كۆرگۈچىلەر : 3643

سۇئال

مەن ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ناھايىتى قاتتىق ئاغرىپ كېسەل ئازابى تارتىمەن. بۇ ئاغرىق مەن تۆرەلمىنى تۇغقىچە قەدەر بولغان ئارىلىقتا داۋاملىشىدۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا ئەھۋالىم ئېغىر بولۇپ، ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتنى دوختۇرخانىدا ئۆتكۈزىمەن، بۇ ۋاقىت جەريانىدا يېمەك-ئىچمەكتىن قالىمەن، ھېچ نەرسىنى ياقتۇرمايمەن ۋە قۇۋۋەت ئوكۇلى ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇلىمەن. مەن مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا تۇغۇشنى تامامەن چەكلىسەم توغرا بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: ئىسلام شەرىئىتى نەسىلنى كۆپەيتىش ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش، قىيامەت كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا ئۈممەتلەر ئارىسىدا ئۈممىتىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن پەخىرلىنىشىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن نىكاھلىنىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. شۇنداقلا ئىنسانىي تەبىئەتمۇ پەرزەنتلىك بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئىلگىرى ئۆتكەن بارلىق پەيغەمبەرلىرى (ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن) ئاللاھ تائالادىن ئۆزلىرىگە ياخشى-سالىھ پەرزەنتنى رىزق قىلىپ بېرىشنىتىلەپ دۇئا قىلاتتى. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان دۇئاسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رَبِّ هَبْ لِي مِنَ الصَّالِحِينَتەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىم! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن. [سۈرە ساففات 100-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَزَكَرِيَّا إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْدًا وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ تەرجىمىسى: زەكەرىيا ئۆز ۋاقتىدا: ئى پەرۋەردىگارىم! مىنى بالىسىز، ۋارىسسىز يالغۇز قويمىساڭ، سەن ئەڭ ياخشى ۋارىستۇرسەن (يەنى ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ، سەنلا باقىي قالىسەن) دەپ نىدا قىلدى. [سۈرە ئەنبىيا 89-ئايەت].

ئاللاھ تائالا سالىھ بەندىلەرنىڭ قىلغان دۇئالىرىنى زىكىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: وَالَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا هَبْ لَنَا مِنْ أَزْوَاجِنَا وَذُرِّيَّاتِنَا قُرَّةَ أَعْيُنٍ وَاجْعَلْنَا لِلْمُتَّقِينَ إِمَامًا تەرجىمىسى: ئۇلار: ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى (يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى) تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى (يەنى تەقۋادارلارنىڭ نەمۇنىسى، ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى) قىلغىن، دەيدۇ. [سۈرە پۇرقان 74-ئايەت].

ئىنسانلار ساغلام ئېتىقاد ۋە ئاڭ-تەبىئەتكە ئىگە بولغاندا يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارغا رىغبەتلىنىدۇ.

ئىككىنچى: "ھامىلدار بولۇشنى قەتئىي چەكلەش ھارامدۇر" تېما ئاستىدا 21169- نومۇرلۇق پەتىۋادا سوئالنىڭ جاۋابى بايان قىلىنغان. شۇنداقتىمۇ بەزى زۆرۈر بولغان ھالەتلەر بۇ ھۆكۈمىدىن مۇستەسنادۇر. يەنە ئىسلام پرىنسىپىدا زۆرۈرىيەت بولغاندا ھەرقانداق چەكلەنگەن ئىشلار دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:وَقَدْ فَصَّلَ لَكُم مَّا حَرَّمَ عَلَيْكُمْ إِلَّا مَا اضْطُرِرْتُمْ إِلَيْهِ تەرجىمىسى: زۆرۈرىيەت بولمىغۇچە يېيىش ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى ئاللاھ سىلەرگە ئوچۇق بايان قىلىپ بەردى. [سۈرە ئەنئام 119-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئايال كىشى ئاجىز بولسا، ھامىلدارلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بولسا ياكى ھامىلدارلىق سەۋەبىدىن كېسەللىككە گىرىپتار بولۇشتىن ئەنسىرىسە، ئۇ ئايال ھامىلىدارلىقنى چەكلەشنى داۋاملاشتۇرسا دۇرۇس بولىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: "تەتقىقاتلارغا ئاساسەن مۇتلەق تۇغۇت چەكلەش كەسكىن ھارام بولىدۇ. شۇنىڭدەك ھامىلىدارلىقنى چەكلەشمۇ ھارام بولۇپ، بەزى ھالەتلەردە ياكى مەلۇم شەخسلەر ئۈچۈن دۇرۇس بولىدۇ. تۇغۇت ئىشلىرى ئادەتتىكىدەك نورمال بولمىغان ۋە تۆرەلمىنى قورساقتىن چىقىرىش ئۈچۈن چوڭ تىپتىكى ئوپېراتسىيە قىلمىسا بولمايدىغان ياكى ھامىلە بولغۇچى ھامىلدارلىق سەۋەبىدىن خەتەرلىك ئېغىر كېسەلگە دۇچار بولىدىغان قاتارلىق ئەھۋاللاردا، ئايالنىڭ سالامەتلىكىگە يېتىدىغان زىياندىن ساقلىنىش ۋە ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن ئاياللار ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ۋاستىلىرىنى قوللانسا دۇرۇس بولىدۇ.

ئىسلام شەرىئىتى كىشىلەرگە ئاسانلىق يارىتىش ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۇش، بۇزۇقچىلىقنى يوق قىلىش ئۈچۈن مەلۇم پرىنسىپلارنى يولغا قويدى. ئىككى ياخشى ئىشنىڭ قايسىسى مەنپەئەتلىك بولسا ئۇنى ئىلگىرى قىلىش، ئىككى زىيانلىق ئىشقا دۇچ كەلگەندە ئۇنىڭ زىيىنى ئازراق بولغاننىتاللاش كېرەك بولىدۇ". [ئىسلام تەتقىقات ژۇرنىلى(5127)].

پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: بىر ئايال ئون پەرزەنت كۆرۈپتۇ، ئەمدى ھامىلىدارلىق ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بولسا، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بالىياتقۇنى بوغدۇرۇشى توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: "ئەگەر بۇنىڭغا ئۇ ئايالنىڭ يولدىشى رۇخسەت قىلغان ۋە دوختۇرلار تەكشۈرۈپ بۇندىن كېيىن ھامىلدار بولسا سالامەتلىكىگە زىيانلىق دەپ بېكىتكەن بولسا، ئۇ ئايال ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالىياتقۇنى بوغدۇرسا دۇرۇس بولىدۇ". [مۇسلىمىلەر پەتىۋالىرى (5978)].

شەيخ ئىبنى ئەلجىبرىين رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: "زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا مۇتلەق تۇغۇت چەكلەش ياكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ۋاستىلىرىنى قوللىنىش توغرا بولمايدۇ. ئەگەر ئىشەنچىلىك دوختۇرلار: مەزكۇر ئايال ھامىلدار بولسا، تۇغۇت مەزگىلىدە ئېغىر كېسەللىك يۈز بېرىدۇ، ھامىلدارلىق كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ ياكى ھامىلدارلىق ھاياتىنى خەۋپكە ئۇچرىتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ دەپ قارار قىلسا، يولدىشىنىڭ رازىلىقى ۋە مۇۋاپىق كېلىشى بىلەن تۇغۇتنى مۇتلەق چەكلىسە ياكى ۋاقىتلىق توختاتسا توغرا بولىدۇ. قاچانكى ئۇ ئايالدا مەزكۇر ئىللەتلەر تۈگەيدىكەن، ئايال يەنە ئۆزىنىڭ دەسلەپكى يەنى ھامىلدار بولىدىغان ھالىتىگە قايتىدۇ". [مۇسلىمىلەر پەتىۋالىرى (2977)].

يۇقىرىدىكى ھۆكۈملەرگە ئاساسەن، سىزگە ھامىلدارلىق سەۋەبىدىن بىرەر كېسەللىك يەتسە ياكى ئاجىزلىق يەتسە بۇ ۋاقىتلىق ئىش بولۇپ، ئاللاھ تائالا شىپالىق ئاتا قىلىپ بولغىچە بىر مەزگىل ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ۋاستلىرىنى قوللانسىڭىز بولىدۇ. ئەمما كېسەللىك ئەھۋالى داۋاملاشسا ياكى مەزكۇر كېسەللىكتىن ساقلىيالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، مانا بۇ ۋاقىتتا تۇغۇشتىن مۇتلەق چەكلەنسىڭىز دۇرۇس بولىدۇ.

ھەممدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى