شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

رامىزاندا تەراۋىھ نامىزى قاچان باشلىنىدۇ، بىرىنچى كۈنى كەچتىمۇ ياكى ئىككىنچى كۈنى كەچتىمۇ؟

سۇئال

تەراۋىھ نامىزىنى قاچان باشلايمىز؟، رامىزان كۈنىنىڭ ئاۋۋالقى كېچىسى (ئاينى كۆرگەن ياكى شەبان ئېيىنى تولۇقلىغان) ئاخشىمى ئوقۇلامدۇ؟ ياكى رامزاننىڭ بىرىنچى كۈنى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن باشلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مۇسۇلمان ئۈچۈن تەراۋىھ نامىزىنى ئادا قىلىش رامزاننىڭ بىرىنچى كېچىسى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن باشلىنىدۇ، بۇ تۈنجى رامىزان ئېيى كۆرۈلگەن كېچە ياكى شەبان ئېيى ئوتتۇز كۈن تولۇقلانغان كېچىدىن ئىبارەتتۇر.

شۇنىڭدەك رامىزان ئېيى ئاخىرلاشقان كۈندىمۇ ھېيت-شەۋۋالنىڭ-ئېيى كۆرۈلگەنلىكى ياكى رامىزان ئوتتۇز كۈن تولۇق بولغانلىقى ئۈچۈن تەراۋىھ نامىزى ئوقۇلمايدۇ.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋالىمىزكى، تەراۋىھ نامىزىنىڭ رامزاننىڭ كۈندۈزدىكى روزى بىلەن ئالاقىسى يوق، بەلكى يېڭى ئاينىڭ كىرگەنلىكىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئوقۇلىدۇ ۋە رامىزان ئاخىرلىشىدىغان كۈنىنىڭ كېچىسى ئوقۇلىدۇ.

تەراۋىھ مۇتلەق نەپلە ناماز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى قايسى كېچىسى قانداق شەكىلدە جامائەت بولۇپ ئوقۇسا بولىدۇ دېيىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى تەراۋىھ نامىزى رامىزان ئېيىدا ئوقۇلىدىغان ناماز بولۇپ، مۇسۇلمانلار تەراۋىھ نامىزىنى رامىزاندا قىيامدا تۇرغانلىق ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋابنى مەقسەت قىلىپئوقۇيدۇ. رامىزاندا تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇشنىڭ ھۆكمى باشقا ۋاقىتتا جامائەت بولۇپ ئوقۇغانغا ئوخشىمايدۇ. تەراۋىھ نامىزىنى رامزاندا ھەر كېچىسى ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ جامائەت بولۇپ ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما رامزاندىن باشقا ۋاقىتتا جامائەت بولۇپ ئوقۇش يولغا قويۇلمىغان، پەقەت كىشىلەر مەقسەتسىز توپلاشقان بولسا ياكى باشقىلارغا تەلىم بېرىش، رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئادەت قىلىۋالماستىن بەزى ۋاقىتلاردا ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ.

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۈسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "رامزاندىن باشقا ۋاقىتتا جامائەت بولۇپ تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش بىدئەتتۇر. ئەگەر كىشىلەر رامزاندىن باشقا ۋاقىتتا كېچىلىك ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە توپلىشىپ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇسا بىدئەت بولىدۇ.

ئىنسان رامزاندىن باشقا ۋاقىتتا ئۆيىدە جامائەت بولۇپ كېچىلىك ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ بىر قېتىم ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، بىر قېتىم ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇيەنە بىر قېتىم ھۈزەيفە ئىبنى يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن جامائەت بولۇپ ئۆيىدە كېچىلىك تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغان، ئەمما ئادەت قىلىۋالمىغان ۋە مەسچىتتە ئوقۇمىغان". ["شەرھىل مۇمتىئ" 4-توم 60-61-بەت].

جاۋابىمىز: رامىزان ئېيى كېرىشتىن بۇرۇن تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغان كىشى نامازنى ۋاقتى كېرىشتىن ئىلگىرى ئوقۇغان كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇ كىشى گۇناھ-مەسىيەتتىن ساقلانغان ھالەتتە ئوقۇغان بولسا ئۇنىڭغا ئەجىر-ساۋاپ يېزىلمايدۇ.

ئاللاھتائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى