جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاياللار ئېچىشقا تىگىشلىك ئەزالىرىنى ئاچسا دۇرۇس بولىدىغان مەھرەملىرى كىملەردىن ئىبارەت؟

سۇئال

   مۇسلىمە قىز-خانىملار ھىجابىنى ئېلىۋەتسە دۇرۇس بولىدىغان ئەرلەر كىملەردىن ئىبارەت؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   قىز-خانىملار مەھرەملىرىنىڭ ئالدىدا ھىجابىنى ئېلىۋەتسە دۇرۇس بولىدۇ. ئايالنىڭ مەھرەملىرى دېگەن: يېقىنلىق سەۋەبىدىن ئۇ ئايال بىلەن ئەبەدىل ئەبەد توي قىلىشى دۇرۇس بولمايدىغان كىشىلەر(يەنى ئاتىسى، چوڭ ئاتىسى، ئوغلى، ئوغۇل نەۋرىسى، ئاتا تەرەپ ۋە ئانا تەرەپ تاغىلىرى، قېرىندىشى، قېرىندىشىنىڭ ئوغلى، ھەمشىرىسىنىڭ ئوغلى قاتارلىقلار) دۇر.

    ئېمىلداشلىق سەۋەبىدىن: ئايالنىڭ ئېمىلداش قېرىندىشى ۋە ئېنىك ئانىسىنىڭ ئېرى قاتارلىقلاردۇر.

   قۇدا-باجىلىق سەۋەبىدىن: ئانىسىنىڭ ئېرى، ئېرىنىڭ ئاتىسى، چوڭ ئاتىسى، ئېرىنىڭ ئوغلى ۋە نەۋرىسى قاتارلىقلاردۇر.

   سوئال سورىغۇچى ھەمشىرەم! بۇ تېمىنىڭ تەپسىلاتى: نەسەپتىن بولغان مەھرەملەر: ئۇلار نۇر سۈرىسىدە ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىدە زىكىر قىلىنغان: ‏وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ أَوْ آبَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ أَبْنَائِهِنَّ أَوْ أَبْنَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي أَخَوَاتِهِنَّ... تەرجىمىسى: « تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن. لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن. (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، قېيىن ئاتىلىرىدىن، ئوغۇللىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن.» [سۈرە نۇر 31-ئايەت].

   تەپسىرشۇناس ئالىملار مۇنداق دېگەن: "ئايالنىڭ نەسەپ سەۋەبىدىن بولغان ئەر مەھرەملىرى بۇ ئايەتتە ئوچۇق بايان قىلىنغان ياكى ئۇلار تۆۋەندىكى كىشىلەردىن ئىبارەت:

    بىرىنچى: ئاتىلىرى، ئايالنىڭ قايسى ئاتىسى بولسا ئوخشاش چوڭ ئاتىسى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى، ئەمما ئەرلىرىنىڭ ئاتىسى بولسا قۇدا-باجىلىق سەۋەبىدىن بولغان مەھرەملىرى بولۇپ ئۇنىمۇ بايان قىلىمىز.

   ئىككىنچى: ئوغۇللىرى، يەنى: ئايالنىڭ ئوغۇللىرى، ئۇنىڭ جۈملىسىگە ئەۋلادلارنىڭ ئەۋلادىمۇ كېرىدۇ، ئوغۇللارنىڭ ئوغۇللىرى ۋە قىزلارنىڭ ئوغۇللىرىمۇ ئوخشاش، ئەمما ئايەتتە بايان قىلىنغان ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرى ئۇلار ئەرلىرىنىڭ باشقا ئاياللىرىدىن بولغان ئوغۇللىرىدىن ئىبارەتتۇر، ئۇلار نەسەپ سەۋەپتىن ئەمەس بەلكى قۇدا-باجىلىق سەۋەبىدىن بولغان مەھرەملىرىدۇر. ئۇنىمۇ ئۆز نوۋىتىدە بايان قىلىمىز.

    ئۈچىنچى: ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانا بىر قېرىنداشلىرى ياكى پەقەت ئاتا بىر ياكى پەقەت ئانا بىر قېرىنداشلىرى.

    تۆتىنچى: قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى، ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئوغۇللىرى، قىز ھەمشىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى.

    بەشىنچى: ئاتا تەرەپ ۋە ئانا تەرەپ تاغىلىرى، بۇلارمۇ نەسەپ تەرەپتىن بولغان مەھرەملىرىدۇر، ئۇلار ئايەتتە ئاتا-ئانىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ دەپ زىكىر قىلىنمىغان بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ قارىشىدا ئاتا-ئانىنىڭ ئورنىدا قارىلىدۇ. ئاللاھ تائالا تاغىنى قۇرئان كەرىمدە ئاتا دەپ ئاتىغان: أَمْ كُنتُمْ شُهَدَاءَ إِذْ حَضَرَ يَعْقُوبَ الْمَوْتُ إِذْ قَالَ لِبَنِيهِ مَا تَعْبُدُونَ مِن بَعْدِي قَالُوا نَعْبُدُ إِلَٰهَكَ وَإِلَٰهَ آبَائِكَ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ إِلَٰهًا وَاحِدًا وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ  تەرجىمىسى: «يەئقۇب جان ئۈزۈۋاتقان ۋاقتىدا سىلەر يېنىدا بارمىدىڭلار؟ شۇ چاغدا يەئقۇب ئوغۇللىرىدىن: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن سىلەر كىمگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز، دېدى» [سۈرە بەقەرە 133-ئايەت].

   ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام يەقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تاغىسى ئېدى. [تەپسىر رازى 23-توم 206-بەت. تەپسىر قۇرتۇبىي 12-توم 232-233-بەت. تەپسىر ئۇلۇسىي 18-توم 143-بەت. پەتھىل بايان پى مەقاسىدىل قۇرئان 6-توم 352-بەت].

   ئېمىلداشلىق سەۋەبىدىن مەھرەم بولىدىغانلار:

   ئايالنىڭ مەھرىمى بەزى ئېمىلداشلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ. تەپسىر ئۇلۇسىيدا مۇنداق كەلگەن: «ئايالنىڭ زىننەتلىرىنى ئېچىشى دۇرۇس بولىدىغان مەھرەملىرى نەسەپ تەرەپتىن بولغانغا ئوخشاش ئېمىلداشلىق تەرەپتىنمۇ بولىدۇ، ئايالنىڭ ئېمىلداش ئاتىسى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بار ئورۇندا زىننەتلىرىنى ئاشكارا قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ» ["تەپسىر ئۇلۇسى" 18-توم 143-بەت].

    ئېمىلداشلىق تەرەپتىن بولغان مەھرەملىك نەسەپ تەرەپتىن بولغان مەھرەملىككە ئوخشاش بولۇپ، ئايالنىڭ ئەتراپتىكى مەھرەملىرى بىلەن توي قىلىشىنى چەكلەيدۇ. ئىمام جەسساس بۇنىڭغا ئىشارەت قىلغان، ئۇ كىشى بۇ ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا مەھرەملەردىن ئاتىلار بىلەن، ئايال بىلەن توي قىلىشى مەڭگۈ ھارام بولىدىغان يېقىن تۇغقانلارنى بىرگە زىكىر قىلدى، بۇ ھاراملىقتا ئاشۇ كىشىلەرگە ئوخشاش بولغان كىشىلەرنىڭ ھۆكمىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئايالنىڭ ئانىسىغا ۋە ئېمىلدەشلىكتىن چەكلەنگەن ئاياللارغا ئوخشاشتۇر". [جەسساسنىڭ"ئەھكامۇل قۇرئان" 3-توم 317-بەت].

   نەسەپتىن ھارام بولغانلار ئېمىلدەشلىكتىنمۇ ھارام بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە: «نەسەپتىن ھارام بولغانلار ئېمىلداش تەرەپتىنمۇ ھارام بولىدۇ». بۇنىڭ مەنىسى: ئايالنىڭ مەھرەملىرى نەسەپ سەۋەبىدىن بولغانغا ئوخشاش ئېمىلداشلىق سەۋەبىدىنمۇ بولىدۇ، بۇ توغرىدا بۇخارىيدا مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «ھىجاپ ئايىتى نازىل بولغاندىن كېيىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئېمىلدەشلىكتىن بولغان تاغىسى بولغان قەيسنىڭ ئاتىسىنىڭ قېرىندىشى ئەپلەھ كېلىپ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كىرىشكە ئىزنى سورىغاندا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇ كىشىنىڭ كىرىشىگە ئىزنى بەرمىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيگە كەلگەندە بولغان ئىشنى دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئۇ كىشىگە ئىزنى بېرىشكە بۇيرىدى». ["ئەسقەلانىينىڭ بۇخارىغا قىلغان شەرھىسى" 9-توم 150-بەت].      

   بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم ما لەپزى بىلەن رىۋايەت قىلغان:«ئۇرۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئۇرۋىگە خەۋەر بېرىشىچە: ئۇنىڭ ئەپلەھ ئىسىملىك ئېمىلدەشلىكتىن بولغان تاغىسى كېلىپ ئۆيگە كىرىشكە ئىزنى سورىغاندا ئۇ كىشىگە ئىزنى بەرمىگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كەلگەندە بۇ ئەھۋالنى دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە ئانىمىزغا: ئۇنىڭدىن ھىجاپلانمىساڭمۇ بولىدۇ، نەسەپتىن ھارام بولغان ئىش ئېمىلدەشلىكتىنمۇ ھارام بولىدۇ» دېگەن. [نەۋەۋىينىڭ"سەھىھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" 10-توم 22-بەت].

    ئايالنىڭ ئېمىلدەشلىكتىن بولغان مەھرىمى نەسەپ تەرەپتىن بولغان مەھرىمىگە ئوخشايدۇ: پىقھى ئالىملىرى قۇرئان، ھەدىس ئىپادىلىگەن دەلىللەرگە ئەگىشىپ شۇنى ئوچۇقلىدىكى، ئايالنىڭ ئېمىلدەشلىكتىن بولغان مەھرىمى نەسەپ تەرەپتىن بولغان مەھرىمىگە ئوخشايدۇ، ئايال ئۈچۈن نەسەپتىن بولغان مەھرەملىرىنىڭ ئالدىدا زىننەتلىرىنى ئاچقانغا ئوخشاش ئېمىلدەشلىكتىن بولغان مەھرەملىرى ئالدىدا ئاچسىمۇ بولىدۇ، ئايالنىڭ بەدىنىدىن نەسەپتىن بولغان مەھرەملىرى قارىسا دۇرۇس بولىدىغان جايلارغا ئېمىلدەشلىكتىن بولغان مەھرەملىرى قارىسىمۇ بولىدۇ.

   قۇدا-باجىلىق سەۋەبىدىن بولغان مەھرەملىك:

  ئايالنىڭ قۇدا-باجىلىق سەۋەبىدىن بولغان مەھرەملىرىنىڭ ئۇ ئايال بىلەن توي قىلىشى مەڭگۈ چەكلىنىدۇ، ئاتىسىنىڭ ئايالى، ئوغلىنىڭ ئايالى، ئايالىنىڭ ئانىسى قاتارلىقلارغا ئوخشاش. ["شەرھىل مۇنتەھا" 3-توم 7-بەت].

   قۇدا-باجىلىق سەۋەبىدىن بولغان مەھرەملىك: ئاتىسىنىڭ ئايالىغا نىسبەتەن ئۇ كىشىنىڭ باشقا ئايالدىن بولغان ئوغلىغا ئوخشاش، ئوغلىنىڭ ئايالىغا نىسبەتەن ئۇ كىشى ئاتىغا ئوخشاش، ئايالىنىڭ ئانىسىغا نىسبەتەن ئۇ ئەرگە ئوخشاش، بۇنى ئاللاھ تائالا نۇر سۈرىسىدە بايان قىلىدى:« ‏وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ أَوْ آبَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ أَبْنَائِهِنَّ أَوْ أَبْنَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي أَخَوَاتِهِنَّ...  تەرجىمىسى: «تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن. لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن. (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، قېيىن ئاتىلىرىدىن، ئوغۇللىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن.» [سۈرە نۇر 31-ئايەت].

    قېيىن ئاتىلىرى، ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بولسا ئايالنىڭ قۇدا-باجىلىق سەۋەبىدىن بولغان مەھرەملىرىدۇر، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئايالنىڭ ئاتىلىرى ۋە ئوغۇللىرى بىلەن بىرگە بايان قىلىپ، ئايال ئۈچۈن زىنەتنى ئاشكارا قىلىشتا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ["ئەلمۇغنى" 6-توم 555-بەت].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد