جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئوغۇل بوۋاقنىڭ ئەقىقىسىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

ئوغۇل بوۋاقنىڭ ئەقىقىسىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   ئەقىقە دېگەن: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈن يەتتە كۈنلۈك بولغان بوغۇزلىنىدىغان مال بولۇپ، ئەرەپلەرنىڭ ئارىسىدا ئەقىقە دېگەن ئىش جاھىلىيەت دەۋرىدىمۇ تونۇشلۇق بولغان ئىشتۇر. ماۋەردىي  مۇنداق دەيدۇ: "ئەقىقە دېگەن بوۋاق تۇغۇلغاندا قوي ئۆلتۈرۈش بولۇپ، ئەرەپلەر ئىسلامدىن بۇرۇنمۇ شۇنداق قىلاتتى". ["ئەل ھاۋىي كەبىر"15-توم 126-بەت].

   ئىسلامدا ئەقىقىنىڭ يولغا قويۇلىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سەھىھ ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن ھەدىسلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن. ئۇ ھەدىسلەردىن:

   1-بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "بىز جاھىلىيەت دەۋرىدە بىرىمىزنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى تۇغولسا، قوي ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ قېنىنى بوۋاقنىڭ بېشىغا سۈركەيتتۇق، ئاللاھ تائالا بىزگە ئىسلامنى ئاتا قىلغاندىن كېيىن  بوۋاق تۇغۇلسا قوي ئۆلتۈرۈپ، بوۋاقنىڭ چېچىنى ئالدۇرۇپ، بېشىغا زەپىران سۈركەيدىغان بولدۇق". [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى 2843-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ، ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈردى].

   2-سەلمان ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئوغۇل بالىغا ئەقىقە قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن  قان ئېقىتىڭلار، ئەزىيەتلەرنى يوق قىلىڭلار». [بۇخارى رىۋايىتى 5154-ھەدىس].

   ئوغۇل بوۋاق ئۈچۈن ئىككى قوي، قىز بوۋاق ئۈچۈن بىر قوي ئۆلتۈرۈش يولغا قويۇلغان، بۇ توغرىدا نۇرغۇن ئوچۇق سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان:

1-ئۇممۇ كەرەز رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئەقىقە توغرسىدا سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئوغۇل بوۋاق ئۈچۈن ئىككى قوي، قىز بوۋاق ئۈچۈن بىر قوي ئۆلتۈرۈڭلار، قويلار ئەركەك-چىشى قانداق بولسا بۇنىڭ زىيىنى يوق». [تىرمىزى رىۋايىتى 1516-ھەدىس. ئىمام تىرمىزى بۇ ھەدىسنى: ھەسەن سەھىھ دېگەن. نىسائى رىۋايىتى 4217-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ: ["ئىرۋائۇل غەلىيل" 4-توم 391-بەتتە كەلتۈرگەن].

2-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ساھابىلارنى ئوغۇلنىڭ مۇكاپىتى ئۈچۈن ئىككى قوي ۋە قىز ئۈچۈن بىر قوي ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىغان». [تىرمىزى رىۋايىتى 1513-ھەدىس. ئىمام تىرمىزى بۇ ھەدىسنى ھەسەن سەھىھ دېگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن. مۇشۇ ھەدىسلەر ئەقىقىدە قىز-ئوغۇللارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىدۇ.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ ئەقىقىدىكى قىز-ئوغۇللارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:" بۇ شەرئى قائىدە-پىرىنسىپتۇر، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئوغۇل بىلەن قىزنىڭ ئارىسىنى پەرقلىق قىلدى، مىراستا، دىيەتتە، گۇۋاھلىقتا، قۇل ئازات قىلىشتا ۋە ئەقىقىدە قىزلارنى ئوغۇللارنىڭ يېرىمىغا باراۋەر قىلدى، بۇ توغرىدا ئىمام تىرمىزى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق مۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلماننى ئازات قىلسا، دوزاختىن ئۆزىنى ئازات قىلغان بولدى، ئۇنىڭدىن بولغان ھەر بىر ئەزا شۇ ئەزانىڭ بەدىلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، ھەر قانداق مۇسۇلمان ئەر ئىككى ئايالنى ئازات قىلسا، ئۇ كىشى ئۆزىنى دوزاختىن ئازات قىلغان بولدى، ئۇ ئىككى ئايالدىن بولغان ھەر بىر ئەزا ئۇ ئەردىن بولغان بىر ئەزانىڭ باراۋېرىدە بولىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى 1547-ھەدىس. ئەقىقىدىكى ئارتۇقچىلىقمۇ گەرچە بۇ توغرىدا ئوچۇق ھەدىس بولمىسىمۇ، مۇشۇ بويىچە ئىجرا قىلىندى، چۈنكى بۇنى بايان قىلىپ بېرىدىغان باشقا ئوچۇق سەھىھ ھەدىسلەر يىتەرلىكتۇر". ["تەھپەتۇل مەۋدۇد" 53-54-بەت].

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سۈرە ئال-ئىمران 36-ئايەتتە بايان قىلغانغا ئوخشاش ئوغۇل بالىنى قىز بالىدىن ئارتۇق قىلدى، مۇشۇ ئارتۇقچىلىق ھۆكۈملەردىمۇ ئوغۇل بالىنى قىز بالىدىن ئارتۇق قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىسلام شەرىئىتى مۇشۇ ئارتۇقچىلىق بويىچە ئەرنى گۇۋاھلىقتا، مىيراستا، دىيەتتە ئىككى ئايالنىڭ باراۋېرىدە قىلدى، شۇنىڭدەك ئەقىقىنىمۇ مۇشۇ ھۆكۈمگە قاتتى". ["زادىل مىئاد" 2-توم 331-بەت].

   پائىدە: ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ بۇنى ئىخچاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: "ئەقىقىنىڭ پايدىلىرىدىن: "ئەقىقە دېگەن بوۋاق تۇنجى قېتىم دۇنياغا كۆز ئاچقاندا، ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن قىلىدىغان قۇربانلىقتۇر.

   ئەقىقە بوۋاقنى گۆرەدىن قۇتقۇزىدۇ، چۈنكى بوۋاق ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى شاپائەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قىلىنىدىغان ئەقىقە بىلەن گۆرۈگە قويۇلغان.

    ئەقىقە دېگەن ئاللاھ تائالا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بەدىلىگە بىر قوچقارنى پىدا قىلغاندەك، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈن بېرىلىدىغان پىدادۇر. ["تۆھپەتۇل مەۋدۇد"69-بەت].

    ئەقىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى: بوۋاق تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنىدۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر بىر بوۋاق ئۆزىنىڭ ئەقىقىسى بىلەن گۆرۈگە قويۇلغۇچىدۇر، يەتتىنچى كۈنى ئۇ بوۋاق ئۈچۈن مال بوغۇزلىنىۇ، چېچىنى ئېلىپ، ئىسىم قويۇلىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2838-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.

   ئەگەر ئەقىقە يەتتىنچى كۈنىدىن كېچىكىپ قالسا بۇنىڭ زېيىنى يوق، مۇسۇلمان بۇنىڭغا قاچان يول تاپسا شۇ ۋاقىتتا قىلسا بولىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى