جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

كۆز قارچۇقىغا چاپلايدىغان «لەنس»نى دېزىنپىكسىيە سۇيۇقلىغا قويغاندىن كېيىن ئىشلەتسە روزىغا تەسىرى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

    روزىدار ھالىتىدە كۆزقارچۇقىغا چاپلىشىدىغان كۆز قارىقى ئىشلەتسە بولامدۇ؟ چۈنكى ئۇ نەرسە سىلەر بىلگەندەك ئۇنى دېزىنپىكسىيە قىلىدىغان خاس سۇيۇقلۇققا قويغاندىن  كىيىن ئىشلەتسە بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    روزىدار كىشى كۈندۈزدە كۆزىگە چاپلىشىدىغان كۆز قارچۇقى ئىشلەتسە بولىدۇ، ئۇنىڭ دەسلەپتە دېزىنپىكسىيە سۇيۇقلىقىگە قويۇلۇشى روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ھەرقانچە بولسا چاپلىغۇچ دېزىنپىكسىيە سۇيۇقلىقىغا قويۇلغانلىقى ئۈچۈن كۆزىگە بىر نەرسە سېڭىپ كېرىدۇ، بۇ كۆزىگە دورا تېمىتقاننىڭ ئورنىدا بولىدۇ، ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " روزىدار كىشى سۈرمە تارتسا، كۆزىگە ۋە قۇلىقىغا بىر نەرسە تېمىتسا بولىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ تەمى كانىيىغا كېلىپ قالسىمۇ بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ يېمەك-ئىچمەك ئەمەس ۋە يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەرسىمۇ ئەمەس. يېمەك-ئىچمەكتىن چەكلەنگەنلىك توغرىسىدا دەلىل كەلگەن، ئۇنىڭ مەنىسىدە بولمىغان نەرسىلەر ئۇنىڭغا قېتىلمايدۇ.  بىزنىڭ يۇقىرىدا سۆزلىگىنىمىز شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ تاللىغىنىدۇر. بۇ توغرا قاراشتۇر" .   ["پىقھىل ئىبادەت"  191 -بەت.  2299 - 38023 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن .]  

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى