66193: تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا


بىر كىشى زۇلھەججىنىڭ 11-12-13-كۈنلىرى روزا تۇتقان بولسا، بۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Published Date: 2016-09-11

   جاۋاپ:

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    زۇلھەججىنىڭ 11-12-13-كۈنلىرى تەشرىق كۈنلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە بۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئىسپاتلانغان. ئەمما تەمەتتۇ ياكى قىران ھەج قېلىپ، قۇربانلىق قىلىشقا قادىر بولالمىغان كىشىلەر ئەرەفاتقا چېقىشتىن ئىلگىرى روزا تۇتمىغان بولسا ئۇلار ئۈچۈن بۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇشقا رۇخسەت قىلىنغان.

    نۇبەيشەتىل ھۈزەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تەشرىق كۈنلىرى يېمەك-ئىچمەك ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىش كۈنلىرىدۇر.» [مۇسلىم رىۋايىتى 1141- نومۇرلۇق ھەدىس].

    ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ (16081)ھەمزە ئىبنى ئەمرىۋ ئەسلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مىنادا، تۆگىگە مېنىپ كىشىلەر چۈشكەن جايلارنى ئايلىنىپ يۈرگەن بىر كىشىنى كۆرىدۇ، بۇ يەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ بار ئىدى، ئۇ كىشى: «تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتماڭلار، بۇ كۈنلەر يېمەك-ئىچمەك كۈنلىرىدۇر،» دەۋاتاتتى. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 7355-ھەدىستە كەلتۈرگەن.

    ئۇممۇ ھانى رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ خىزمەتچىسى ئەبى مۇررە دېگەن كىشىدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرىۋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىللە ئابدۇللاھنىڭ دادىسى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كىردى، ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئىككىيلەنگە تاماق ئەكىرىپ، يەڭلەر دېدى، ئۇ كىشى: مەن روزىدار دېدى، ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ كۈنلەردە بىزنى روزا تۇتماسلىققا بۇيرۇپ، روزا تۇتۇشتىن چەكلەيتتى،» دېدى. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 17314 –ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد 2418-ھەدىس].

    يۇقىرىقى ھەدىس توغرىسىدا ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ: بۇ تەشرىق كۈنلىرى ئىدى، دەيدۇ. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ كىشى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى مىنادىكى كۈنلەردە كىشىلەرگە مىنا كۈنلىرى يېمەك-ئىچمەك كۈنلىرى، بۇ كۈنلەردە روزا تۇتماڭلار! دەپ چاقىرىق قىلىشقا بۇيرىدى، دەيدۇ. (يەنى مىنا كۈنلىرى دېگەن تەشرىق كۈنلىرىدۇر).» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 1459-ھەدىس]. مۇسنەد ئەھمەد ناملىق ئەسەر ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ بارغۇچىلار، بۇ ھەدىسنى باشقا شۇ مەنادىكى ھەدىسلەر بىلەن سەھىھلىك دەرىجىسىگە يېتىدۇ، دېگەن.

    ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان 1998-ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھاجىلاردىن تەشرىق كۈنلىرىدە مال بوغۇزلاشقا قۇربى يەتمىگەن كىشىلەردىن باشقىلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلمىغان.

    بۇ ھەدىس ۋە يۇقىرىدا بايان قىلنغان باشقا ھەدىسلەر تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىك ئۆلىمالار تەشرىق كۈنلىرىدە نەپلە روزا تۇتۇشنى دۇرۇس ئەمەس دەپ قارايدۇ.

ئەمما رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتۇش توغرىسىدا، بەزى ئالىملار بولىدۇ دېگەن بولسىمۇ، ئەمما توغرا قاراشتا دۇرۇس بولمايدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 3-توم 51-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا تەشرىق كۈنلىرىدە نەپلە روزا تۇتۇشمۇ توغرا بولمايدۇ. ئەمما ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير، ئىبنى ئۆمەر ۋە ئەسۋەد ئىبنى يەزىد (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) قاتارلىق ساھابىلارنىڭ بۇ كۈنلەردە روزا تۇتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ، ئەبى تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ پەقەت روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنىدە روزا تۇتمايتتى ئەمما باشقا ۋاقىتلاردا روزا تۇتاتتى، ھەقىقەتەن ئۇلارغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەنلىك توغىرسىدىكى ھەدىسلەر يەتمىگەن بولىشى مۇمكىن، ئەگەر ئۇلارغىمۇ بۇ ھەدىسلەر يەتكەن بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ  بۇ كۈنلەردە روزا تۇتمايتتى".

    ئەمما بۇ كۈنلەردە پەرز روزا تۇتۇش توغرىسىدا ئىككى خىل رىۋايەت بولۇپ، بىرىدە: ئۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كۈنلەر ھېيت كۈنىگە ئوخشىغانلىقتىن ئۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇش چەكلەنگەن.

    ئىككىنچىسى: بۇ كۈنلەردە پەرز روزا تۇتسا توغرا بولىدۇ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ ئىككەيلەن مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كۈنلەردە قىران ۋە تەمەتتۇ ھەج قىلىپ قۇربانلىق مال تاپالمىغان كىشى ئەرەفات كۈنىدىن بۇرۇن روزا تۇتالمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلغان، باشقا كىشىلەرگە رۇخسەت قىلمىغان.» [بۇخارى رىۋايىتى].

     ھەر قانداق پەرز روزا بۇنىڭغا قىياس قىلىنىدۇ.

     ھەنبەلى مەزھىبىدە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان قاراشتا، بۇ كۈنلەردە رامىزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتۇشمۇ توغرا بولمايدۇ. ["كەششاپۇل قەننائ" ناملىق ئەسەر 2-توم 342-بەتكە قارالسۇن].

    ھەنبەلى، مالىكى مەزھىبى ۋە شاپئى مەزھىپىنىڭ ئىلگىرىكى قارىشىدا، يۇقىرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ دەلىلى بويىچە، قىران ياكى تەمەتتۇ ھەج قىلغان كىشىلەر قۇربانلىق مال تاپالمىغاندا، ئۇلار تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتسا دۇرۇس بولىدۇ.

    ھەنەفىي ۋە شافىئى مەزھىبىدىكى يېڭى قاراشتا تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش توغرا بولمايدۇ. ["پىقھى توپلاملىرى" ناملىق ئەسەر 7-توم 323-بەتكە قارالسۇن].

    بىرىنچى قاراش كۈچلۈك بولۇپ، ھەج قىلغۇچى ئەگەر بوغۇزلىغىلى مال تاپالمىغان بولسا، ئۇ كىشى تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتسا توغرا بولىدۇ.

     ئىمام نەۋەىۋي رەھىمەھۇللاھ "ئەلمەجمۇئ" ناملىق ئەسەر 6-توم 486-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، شافىئى مەزھىبىدىكى ئالىملارنىڭ كىيىنكى يېڭى قارىشىدا، تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش قەتئىي دۇرۇس بولمايدۇ، قۇربانلىققا مال تاپالمىغان كىشى بولسۇن ياكى باشقىلار بولسۇن ئۇلارنىڭ بۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇشى توغرا بولمايدۇ. ئەمما كۈچلۈك قاراشتا قۇربانلىققا مال تاپالمىغان (يەنى ھەج قىلغۇچىنىڭ) كىشىلەرنىڭ بۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇشى توغرا بولىدۇ، چۈنكى بىز يۇقىرىدا بۇ كۈنلەردە ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى رۇخسەت قىلىنغان ھەدىسلەرنى بايان قىلىپ ئۆتتۇق. ھەدىستە رۇخسەت قىلىنغانلىقى ئوچۇق بايان قىلىنغاندىن كىيىن بۇنىڭدىن چەتنەپ كېتىش توغرا بولمايدۇ".

    سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: تەشرىق كۈنلىرىدە قۇربانلىققا مال تاپالمىغان كىشىلەردىن باشقىلارنىڭ (يەنى ھەجگە قاتناشقۇچىلار) تۇتقان روزىسى پەرز بولسۇن ياكى نەپلە بولسۇن توغرا بولمايدۇ.

     شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زۇلھەججىنىڭ 11-12-13-كۈنلىرىدە پەرز بولسۇن ياكى نەپلە بولسۇن مۇتلەق روزا تۇتۇش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ كۈنلەر يېمەك-ئىچمەك ۋە ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش كۈنلىرىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەن. پەقەت قۇربانلىق مال تاپالمىغان (ھەجگە قاتناشقان) كىشىلەرنىڭلا روزا تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلغان". [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى 15-توم 381-بەت].

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تەشرىق كۈنلىرى قۇربان ھېيتتىن كىيىنكى ئۈچ كۈن بولۇپ، بۇ كۈنلەرنىڭ تەشرىق كۈنلىرى دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەپ: كىشىلەر بۇ كۈنلەردە قۇربانلىق قىلغان مالنىڭ گۆشلىرىنى ساقلىسا چېرىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن قۇياش نۇرىغا قاقلاپ قۇرۇتاتتى. بۇ ئۈچ كۈن توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «تەشرىق كۈنلىرى يېمەك-ئىچمەك ۋە ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش كۈنلىرىدۇر،» شۇنداق بولىدىكەن، شەرىئەت بۇ كۈنلەرنى يېمەك-ئىچمەك ۋە ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش كۈنلىرى قىلىپ بېكىتتى. بۇ كۈنلەر روزا تۇتىدىغان ۋاقىت ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ ئىككەيلەن مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كۈنلەردە قىران ۋە تەمەتتۇ ھەج قىلىپ قۇربانلىق مال تاپالمىغان كىشى ئەرەفات كۈنىدىن بۇرۇن روزا تۇتالمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلغان، باشقا كىشىلەرگە رۇخسەت قىلمىغان.» [بۇخارى رىۋايىتى].

    يۇقىرىقى ھەدىستىن: قىران ياكى تەمەتتۇئ ھەج قىلغان كىشى قۇربانلىق مال تاپالمىسا، ئۈچ كۈن ھەج كۈنلىرىدە، يەتتە كۈن ئائىلىسىگە قايتقاندا روزا تۇتىدۇ، ئۇلار قۇربانلىق مال تاپالمىغاندىن كىيىن ھەج كۈنلىرى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتسا بولىدۇ، دېگەنلىك ئىپادىلىنىدۇ. ئۇلاردىن باشقىلارنىڭ بۇ كۈنلەردە روزا تۇتىشى توغرا بولمايدۇ.  گەرچە بىر ئىنسان ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى ئاي جازا روزا تۇتىدىغان بولسىمۇ، ئىككى ھېيت كۈنى ۋە تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتماي بۇ كۈنلەر ئاخىرلاشقاندىن كىيىن روزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ". [ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 20-بەت 419-نۇمۇرلۇق سوئال].

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە كۆرە، قىران ياكى تەمەتتۇئ ھەج قىلىپ قۇربانلىق مال تاپالمىغان كىشىلەردىن باشقىلار بۇ كۈنلەردە روزا تۇتقان بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چەكلىگەن ئىشنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا ئىستىغپار ئېيتىپ كەچۈرۈم سورىسۇن، ئەگەر ئۇلار رامىزاندا قازا بولۇپ كەتكەن روزىسىنى تۇتقان بولسا، ئۇلارنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولمايدۇ. مەزكۇر قازا روزىنى قايتىدىن تۇتىشى كېرەك.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاب تورى
Create Comments