شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

قۇللۇق قىلىشنىڭ ئىسلامدىكى مەنىسى

سۇئال

قۇللۇق قىلىشنىڭ (ئاللاھقا قۇللۇق قىلىش ۋە كىشىلەرگە قۇللۇق قىلىش) ئىسلامدىكى مەنىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرسەڭلار.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھقا قۇللۇق قىلىشى بولسا ئۇ كىتابىدا بۇيرىغان ھەمدە ئۇ سەۋەپلىك ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن نەرسىدۇر،ئۇ دەيدۇ:
ﺑﯩﺰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﻣﻤﻪﺗﻜﻪ: ﺍﻟﻠﻪﻏﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﺪﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻐﺎ، ﺑﯘﺗﻼﺭﻏﺎ، ﻛﺎﻫﯩﻨﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺑﯘﺩﻗﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ) ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ ﺩﻩﭖ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﯘﻕ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺍﻟﻠﻪ ﻫﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ، ﮔﯘﻣﺮﺍﻫﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ. ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ ﺳﻪﻳﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ (ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ) ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﯖﻼﺭ (36).[سۈرە نەھل:36]
ئەرەپ تىلىدىكى "ئۇبۇدىييەھ(قۇللۇق قىلىش)" دىگەن سۆز "تەئىبىيد(باش ئەگدۈرۈش، بويسۇندۇرۇش)"سۆزىدىن كەلگەن."ئەببەدتۇ ئەتتەرىيق"دىگەن جۈملىنىڭ مەنىسى:"يولنى سىلىق ،مىڭىشقا ئاسان قىلدىم" دىگەن بولىدۇ. بەندىنىڭ ئاللاھقا قۇللۇق قىلىشى ئىككى مەنىگە ،كەڭ ۋە تار مەنىگە ئىگە .ئەگەر مەن" قۇل" سۆزى بىلەن ئەلمۇئەببەد ،يەنى بويسۇندۇرۇلغۇچى دىمەكچى بولسام،بۇ كەڭ مەنىدە ،ئۈستۈنكى ۋە تۆۋەنكى ئالەمدىكى بارلىق تۇيغۇسى بار ۋە يوق، جانلىق ۋە جانسىز ،ھەركەتچان ۋە جىم، كاپىر ۋە مۇئىمىن ، سالىھ ۋە پاسىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،چۈنكى بارلىق مەخلۇقات ئاللاھ تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ تىزگىنلىشى ئاستىدا، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ توختايدىغان چىكى بار.
ئەگەر مەن "قۇل" سۆزى بىلەن ئەلئابىد يەنى ،ئاللاھاقا ئىبادەت قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغۇچى دىمەكچى بولسام، بۇنىڭ مەنىسى تار مەنىدە كاپىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان پەقەت مۇئىمىنلەرگىلا ئىشلىتىلىدۇ، چۈنكى مۇئىمىنلەر ئاللاھنىڭ ھەقىقى قۇللىرى بولۇپ ،ئۇنىڭ پەرۋەردىگارلىقىنى ،ئىلاھلىقىنى ھەمدە ئىسىم - سۈپەتلىرىنى يالغۇز ئۇنىڭغىلا مەنسۇپ قىلىدۇ،ئۇنىڭغا ھىچ نەرسىنى شىرىك قىلمايدۇ.ئاللاھنىڭ ئىبلىسنىڭ ھىكايىسىدە ئىيىتقىنىدەك :
ﺋﯩﺒﻠﯩﺲ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ: ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻢ! ﺳﻪﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﮔﯘﻣﺮﺍﻫ ﻗﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ (ﮔﯘﻧﺎﻫﻼﺭﻧﻰ) ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻤﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯨﻤﻪﻥ (39). ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﯖﻼ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ) (40). ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ: ﺑﯘ ﻣﻪﻥ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﺪﯗﺭ (41). ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻤﮕﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯗﺷﻘﺎ) ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯜﯓ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮔﯘﻣﺮﺍﻫﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﻪﻧﻠﻪﺭﮔﯩﻼ (ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯜﯓ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ) (42) .[سۈرە تاش:39-42]
ئاللاھ بىزلەرگە بۇيرىغان ئىبادەتكە كەلسەك،بۇ سۆز ئاللاھ ياقتۇرىدىغان ۋە خۇرسەن بولىدىغان سۆزلەر ۋە ئىش-ھەركەتلەرنى،ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا قارشى ھەرقانداق نەرسىدىن مۇستەسنادۇر.بۇ ئىككى گۇۋاھلىق سۆزى،ناماز ،ھەج، روزا، ئاللاھ ئۈچۈن جەڭ (جىھاد) قىلىش،ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇش، يامان ئىشلاردىن توسۇش ھەمدە ئاللاھقا ،پەرىشتىلەرگە ،ئەلچىلەرگە،ۋە ئۇ دۇنياغا ئىشىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇ ئىبادەتنىڭ ئاساسى ساپ نىيەتتۇر،شۇڭا ئىبادەت قىلغۇچىنىڭ نىشانى ئاللاھنىڭ يۈزىنى(رازىلىقىنى) ھەمدە ئۇدۇنيادىكى ئۆيىنى ئىزدەش بولۇشى كىرەك. ئاللاھ دەيدۇ :
ﭘﺎﻛﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﺎﻝ- ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ (ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ) ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯩﻦ) ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ (17-18). ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮﺍﯞﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﺪﯗﺭ (19-20). ﺋﯘ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯧﻬﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ) (ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ) ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ (21).[ سۈرە كىچە:17-21].
شۇڭلاشقا ،نىيەتنىڭ ساپ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم، سەمىمىيەتمۇ ھەم.شۇڭا مۇئىمىنلەر ئاللاھ بۇيرىغان نەرسىگە ئەگىشىشكە ، ئۇ چەكلىگەن نەرسىدىن ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ،ئاللاھ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۆزىنى ھازىرلايدۇ، ئاجىزلىق ۋە ھورۇنلۇقنى تاشلايدۇ،ھەمدە كۆڭۈل خاھىشلىرىغا ئەگىشىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ،ئاللاھ ئىيتىدۇ :
ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﯕﻼﺭ، ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ.[ سۈرە تەۋبە :119].
ۋە شۇنىڭدەك پەيغەمبەرگە(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئەگىشىشمۇ ئىنتايىن زۆرۈر، شۇندا ئىبا دەت قىلغۇچى مەخلۇقنىڭ خاھىشى ياكى يىڭىلىشى بويىچە ئەمەس ،بەلكى ئاللاھنىڭ بەلگىلەپ بەرگىنى بويىچە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ. مانا بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر مۇھەممەد (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) كە ئەگىشىشتىكى مەقسەت.ساپ نىيەتلىك بولۇش، سەمىمىي بولۇش ھەمدە پەيغەمبەرگە ئەگىشىشنىڭ ھەممىسى نا ھايىتى زۆرۈردۇر. بۇ نەرسىلەر چۈشىنىشلىك بولغاندا ،بۇ زۆرۈر نەرسىلەرگە قارشى ھەر قانداق نەرسە ،يەنى كىشىلەرگە قۇللۇق قىلىش ئايدىڭ بولىدۇ.شۇڭا رىياخورلۇق كىشىلەرگە قۇللۇق قىلىشنىڭ بىر شەكلى؛ شىرىك كىشىلەرگە قۇللۇق قىلىشنىڭ بىر شەكلى؛ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا سەل قاراش ،كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارنى غەزەپلەندۈرۈش كىشىلەرگە قۇللۇق قىلىشنىڭ بىر شەكلى. ئۆزىنىڭ نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىشنى پەرۋەردىگارغا بويسۇنۇشنىڭ ئالدىغا قويۇۋالىدىغان ھەرقانداق ئادەم ئاللاھقا قۇللۇق قىلىش چىگرىسىدىن يىراقلاشقان ھەمدە توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ كەتكەندۇر. شۇڭلاشقا پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : "تىللانىڭ قۇلىنى پالاكەت باستى ،يامبۇنىڭ قۇلىنى پالاكەت باستى،نەپىس كىيىمنىڭ قۇلىنى پالاكەت باستى، دۇخاۋىنىڭ قۇلىنى پالاكەت باستى.ئۇنىڭغا بىر نەرسەبىرىلسە خۇش بولىدۇ، ئەگەر بىرىلمىسە خاپا بولىدۇ.ئۇنى پالاكەت باستى! ئەگەر ئۇنىڭغا بىر تال تىكەن كىرىپ كەتسە ئۇنى ھەرگىز ئىلىۋىتەلمەيدۇ."
ئاللاھقا قۇللۇق قىلىش -شەرەپ، ھەرگىزمۇ خارلىق ئەمەستۇر،خۇددى شائىر ئىيىتقاندەك:
مىنىڭ ھۆرمىتىم ۋە ئىزىتىمنى ئاشۇردى بىر نەرسە.شۇنىڭ بىلەن قەدىمىم يەتتە قىز يۇلتۇزىغا يىقىنلاشتى . ئۇبولسىمۇ مەن سىنىڭ "ئى مىنىڭ قۇللىرىم"دىگەن سۆزۈڭنىڭ ئىچىدە بولدۇم ھەمدە سەن ئەھمەدنى پەيغەمبىرىم قىلدىڭ."
ئاللاھتىن بىزنى سالىھ قۇللىرى ئىچىدە قىلىشىنى سورايمىز. ئاللاھ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدنى تەرىپلىسۇن ۋە ئامان قىلسۇن.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد