67745: گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتىشنىڭ ھۆكمى


ئاياللار سىرتقا چىققاندا باشقا يات ئادەملەرنىڭ كۆرۈشى ۋە پۇرىشى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئەتىر، زىبۇ-زىننەت، گۈزەللەشتۇرۇش بۇيۇملىرى ۋە كىيىم- كېچەك قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Published Date: 2013-06-03

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    يۇقىرىدا سوئالدا زىكىر قىلىنغان بۇ تۈردىكى بۇيۇملارنى سېتىشنىڭ ھۆكمىدە تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل تەپسىلى كۆزقاراشلارنى بايان قىلىمىز:

     1- سىز بۇ نەرسىلەرنى سېتىۋالغۇچى خېرىدارلارنىڭ بۇ نەرسىلەرنى يات ئادەملەرگە گۈزەل كۆرۈنۇش ئۈچۈن ئىستىمال قىلىشىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتسىڭىز دۇرۇس بولمايدۇ.

     2- ئەگەر سىز بۇ بۇيۇملارنى ئىسلام كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن توغرا يولدا ئىستىمال قىلىدىغان خېرىدارلارغا ساتسىڭىز دۇرۇس بولىدۇ.

     3- ئەگەر سىز ئۇ خېرىدارلارنىڭ مەزكۇر بويۇملارنى قايسى ھالەتتە ئىستىمال قىلىشىدىن خەۋەرسىز بولسىڭىز ئۇ ۋاقىتتىمۇ سېتىش دۇرۇس بولىدۇ.

     سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىدىن: ‫ئاياللارنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغۇچىنىڭ بەزى دۆلەتلەردە ئومۇملىشىپ كەتكىنىدەك بۇ نەرسىلەرنى كوچىلاردا يات ئادەملەرگە چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن قوللىنىشىنى بىلىپ تۇرۇپ (بەزى بويۇم ۋە كېيىم -كېچەكلەر خۇددى ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدا نامايەندە بولغىنىدەك ئىپادىلەپ بېرىدۇ) زىننەت ۋە گىرىم بويۇملىرى قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: ئەگەر تىجارەت قىلغان ئادەم خېرىدارلارنىڭ بۇ نەرسىلەرنى ئاللاھ چەكلىگەن يوللاردا ئىستىمال قىلىشىنى بىلسە سېتىش دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلىش گۇناھ-مەسىيەتكە ياردەملىشىش جۈملىسىدىن بولىدۇ. ئەمما ئەگەر سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئېرى ئۈچۈن ئىستىمال قىلىشىنى بىلسە ۋە ياكى ئۇنىڭ قايسى ھالەتتە ئىستىمال قىلىشىنى بىلمىسە، مانا بۇ ۋاقىتتا مەزكۇر نەرسىلەرنى سېتىش دۇرۇس بولىدۇ. [ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى (13/ 67).

ھەممىنىڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاب تورى
Create Comments